دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

مۇخبىر سوراش| ئۈرۈمچىدە ئايلىق كىرىم ئېشىپ كەتسە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ياردەم تولۇقلىمىسى ئالغىلى بولامدۇ؟ دېگەن سوئالغا ئالاقىدار تارماقلار مۇنداق جاۋاب قايتۇردى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-12-06 16:29:43

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (پىراكتىكانت مۇخبىر سەي شى) 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، تورداش ۋاڭ ئەپەندى «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىگە سۆز قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى كاپالىتى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، لېكىن كىرىمىنىڭ ئىجارە ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلىش شەرتىنىڭ يۇقىرى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنداق ئەھۋالدا ئىجارە ياردەم تولۇقلىمىسى ئالالايدىغان-ئالالمايدىغانلىقىنى سورىدى. 


 تورداش ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئېكراندىن كېسىۋېلىنغان قالدۇرغان سۆزى.

 بۇنىڭغا قارىتا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى باشقۇرۇش مەركىزى مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئائىلىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمى 3565 يۈەندىن ئاشماسلىق، مۈلكى 400 مىڭ يۈەندىن ئاشماسلىق، ئۆز تۇرالغۇسى بولماسلىق ئىسپاتى ھەمدە مەھەللىدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان كۈچكە ئىگە ئۆي ئىجارە بېرىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. مەسلىھەت سورىغۇچىنىڭ ئايلىق كىرىمى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەچكە، تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەن. 

 12- ئاينىڭ 1- كۈنى، مۇخبىر تورداش ۋاڭ ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمدىلا يەرلىك كەسپىي ئىشتاتقا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەنلىكىنى، سىياسەت تەشۋىقاتىدا ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى تەقسىم قىلىنمىغانلارغا ئۆي ئىجارە ئالسا ئىجارە ئۆي ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغانلىقىنى، يېقىندىلا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا بېرىلىدىغان ئىجارە ئۆي ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ ئايلىق ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ 14 يۈەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىنى سوراپ باقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

 ئارقىدىن مۇخبىر يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) تۇرالغۇ كاپالىتى مەركىزىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچىلەردىن مەسلىھەت سورىدى. قارشى تەرەپ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2020- يىللىق كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئىلتىماسى قىلغان ئائىلىلەر كىرىمى ۋە تۇرالغۇ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، بۇ ئاھالە ئوتتۇرا ھالدىن تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە ھېسابلانمايدۇ، ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلالمايدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن تايىنىدىغان كەسپى يوق، مۇقىم ئولتۇراق جايى يوق، ئېغىر مېيىپ قاتارلىق ئىنتايىن قىيىنچىلىقى بار ئىلتىماس قىلغۇچىلار بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلىغاندىن سىرت، تۇرالغۇ كاپالىتى تارماقلىرىغا ئايرىم ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ؛ ئالاقىدار تارماقلار بۇ بىر قىسىم قىيىنچىلىقى بار توپنى ئەھۋالغا قاراپ ئويلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى نۆۋەت بىلەن ساقلاپ ئۆچرەتتە تۇرۇش تەرتىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى نۆۋەت بىلەن ساقلاشتا چوقۇم ئادىللىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئاجىزلارغا غەمخورلۇق قىلىش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىلا، ئاندىن رەسمىيەتنى بېجىرىپ نۆۋەت بىلەن ساقلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. دېدى بۇ خىزمەتچى خادىم. 

 بۇ جاۋابقا قارىتا ۋاڭ ئەپەندى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «سىلەرنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشۈڭلار ئارقىلىق، سىياسەتنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىنى چۈشەندىم، بايلىقنى ھەقىقەتەن مەندىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قالدۇرۇش كېرەك.» 

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش