دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ياشلار يەنە نېمە ئۈچۈن «ياشانغانلار يان تېلېفونى»نى ياقتۇرۇپ قالىدۇ؟
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-12-04 12:19:48

 يېرىم ئايلىق سۆھبەت ژۇرنىلى مۇخبىرى لى شياۋلىڭ 

 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىشى، ئىلگىرى ئىقتىدارلىق يان تېلېفونىنى بىر مەھەل «ياشانغانلار يان تېلېفونى»غا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئەمما يېقىندا، قارىماققا كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەندەك قىلغان ئىقتىدارلىق يان تېلېفونى يەنە بىر قېتىم ياشلارنىڭ بولۇپمۇ 2000- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ غايەت زور مىقداردىكى ئۇچۇرلىرىنىڭ بۆسۈپ كىرىشى ئېلىپ كەلگەن «يان تېلېفون تەشۋىشى» ئالدىدا، بەزى كىشىلەر «ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى تاشلاش» ئارقىلىق، ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننى قايتىدىن ئىشلىتىپ ئاددىي تۇرمۇشقا ئېرىشىش ھەم بىر خىل ساغلام رەقەملىك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئىزدەشنى سىناپ بېقىشقا ۋە تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدى. 

 ئىقتىدارلىق يان تېلېفون قايتىدىن قەد كۆتۈردى

 ئىقتىدارلىق يان تېلېفون پەقەت سۆزلىشىش ۋە قىسقا ئۇچۇر ئىقتىدارىغا ئىگە يان تېلېفوننى كۆرسىتىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار تېخىمۇ ئاددىي، تېخىمۇ ئەرزان، تېخىمۇ چىداملىق. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون تېخى ئومۇملاشمىغان يىللاردا، ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ياشلارنىڭ كىچىك ئويۇنلارنى ئوينىشى، ناخشا ئاڭلىشى، قىسقا ئۇچۇر يوللىشىنىڭ بەلگىسى ئىدى. تورغا چىقىشقا قولايلىق بولغان ئىقتىدار يان تېلېفونى، مەسىلەن، نوكىيا 3310، نوكىيا 1100 قاتارلىقلار چىدامچانلىقى ۋە ئاددىي ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىقتىدارلىق يان تېلېفونغا بولغان ئېھتىياجى تەدرىجىي تۆۋەنلىدى، كۆپ ساندىكى داڭلىق ماركىلىق ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كەسپىمۇ تەدرىجىي بازاردىن چېكىنىپ چىقتى. 

 ھازىر، 2000- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئاساسلىق ئىستېمالچىلار توپىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىغا ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. بۇ يان تېلېفونلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى قوزغىتىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇر ئېقىمى ۋە چەكسىز قىسقا سىن ئېقىمىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئابۇنىچىلارنى ئاددىي ھەم قوللىنىشچان شەيئىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلدى. بولۇپمۇ T9 كونۇپكا تاختىسى بار ئىقتىدارلىق يان تېلېفون كىشىگە يان تېلېفوننىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ۋە ئاددىيلىقىنى قايتىدىن ھېس قىلدۇردى. 

 بۇ يىل جىڭدۇڭ 618 رىقابەت تېز تىزىملىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە ئالما، شياۋمى، خۇاۋېي، OPPO قاتارلىق تونۇش ماركىلاردىن باشقا يەنە تيەنيۈ ۋە نيۇمەن ئىسىملىرىمۇ پەيدا بولدى. تيەنيۈ T2، نيۇمەن N99 قاتارلىق يان تېلېفون تىپلىرى بازىرى ئىتتىك يان تېلېفون تىپلىرىغا ئايلاندى، بۇ ئۈسكۈنىلەر خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە مەشغۇلات ھالىتىدە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، ئەپلىك، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. جىڭدۇڭنى ئاچسىڭىز، تۈرلۈك نۇسخىدىكى ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلىرىغا بېرىلگەن باھانىڭ 200 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى، ھەتتا 500 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى كۆرىسىز. شۇنى بىلىش كېرەككى، iPhone 14Pro Maxگە بېرىلگەن باھالارمۇ ئاران بىر مىليون. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئابونىچىلاردىن باشقا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوندىن ۋاز كەچكەن ياشلارمۇ ئاز ئەمەس. 

 نوكىيا ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2022- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، نوكىيا 105تىن 200 مىليوندىن ئارتۇق سېتىلغان. بۇ بىرىنچى ئەۋلاد ئىقتىدارلىق يان تېلېفون 2013- يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى ئاران 100 نەچچە يۈەن ئىدى، ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 20 مىليوندىن ئارتۇق سېتىلدى. ئۇ «يان تېلېفون تەشۋىشى» ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇردى: دوۋيىن بولمىسا، توختىماي قىسقا سىن كۆرۈشتىن قۇتۇلىسىز؛ ۋېيبو بولمىسا، تېرىكىپ قىلىشتىن ئەنسىرىمەيسىز؛ شياۋخۇڭشۇ بولمىسا، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلمايسىز؛ ۋېيشىن بولمىسا ھەر ۋاقىت خەۋەرگە تىكىلىپ تۇرمايسىز... شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭدا تېلېفون ئۇرغىلى، قىسقا ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ، 4G تورىنى قوللايدۇ، سىنلىق سۆزلىشىشنى قوللايدۇ، يەنە تور بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى قوللايدۇ؛ توك قاچىلاپ قويۇپ ئۇدا ئۈچ كۈن، كۆپ بولغاندا بىر ھەپتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. 

 ئامېرىكا ياشلىرىمۇ ئىقتىدارلىق يان تېلېفونىنى ياقتۇرۇپ قالغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ياشلارنى يەنە بىر قېتىم جەلپ قىلغان بولۇپ، «بۇ خىل يۈزلىنىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئېكرانىدىن زېرىككەن Z ئەۋلاد كىشىلەر توپى ئارىسىدا يۈز بەرمەكتە، ئۇلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ زىيىنىنى ھېس قىلغان، گەرچە بۇ خىل زىيان ئانچە روشەن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاساسىي پاسوندىكى يان تېلېفون (ئىقتىدار يان تېلېفونى)نى ئىشلىتىش ئارقىلىق زىياننى ئازايتماقچى بولغان». ئانالىز ئاپپاراتلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل كونىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان يان تېلېفون ئېقىمى نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىكى ھەر بىر تىجارەت كارخانىسى مەلۇم تىپتىكى ئىقتىدار يان تېلېفون بىلەن تەمىنلەيدىكەن. گەرچە ئىقتىدار تۈرىدىكى يان تېلېفون مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتكۈل يان تېلېفون بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۆرلەش يۈزلىنىشى ناھايىتى روشەن بولماقتا.

 «رەقەملىك زەھەر تازىلاش» ئېقىمىنىڭ ئەۋج ئېلىشى 

 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىقتىدارلىق يان تېلېفونىنىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈشى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننى قويۇپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ پەن- تېخنىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىپ، تېخىمۇ ساغلام ۋە پايدىلىق يان تېلېفون ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش پوزىتسىيەسىدۇر. 

 ئىقتىدارلىق يان تېلېفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىكى سەۋەب ئەڭ ئاددىيىزم (مىنمالىزم) «رەقەملىك زەھەر تازىلاش»نى قوللايدىغان خېرىدارلارغا مەنسۇپ. بىر قىسىم Z ئەۋلادلىرى ۋە ئەسىر ھالقىغان بىر ئەۋلاد ياشلار ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا رەقەملىك ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئاكتىپ ھەرىكەت قوللىنىپ، «ئەسلىگە قايتىش، رەقەملىك زەھەرنى ھەيدەش»نى تەشەببۇس قىلىپ، كونا پاسوندىكى ئىقتىدارلىق يان تېلېفونى ئىشلىتىشنى بىر خىل يېڭى تۇرمۇش ئۇسۇلى قىلدى. 

 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئومۇملاشقاندىن كېيىن، ئىقتىدارى كۆپ، توردىكى كۆڭۈل ئېچىش مول بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى، لېكىن ھېسابلاش ئۇسۇلى قوزغىتىدىغان جەمئىيەت ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئېلىپ كەلگەن ئۇچۇر ئېقىمى، ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىۋاتقان قوللىنىشچان پىروگرامما ۋە تۈگىمەس قىسقا سىن ئېقىمى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئىگىلىۋېلىپ، كىشىلەرنى كۈنبويى يان تېلېفون دۇنياسىغا غەرق قىلدى، ھەتتا رېئال تۇرمۇشنىڭ رەڭدارلىقىغا سەل قارايدىغان قىلىپ قويدى. بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ كىشى رەقەملىك ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. 

«مېنىڭ ئىنتىلىدىغىنىم: يان تېلېفون مەن ئىشلىتىدىغان بىر ئاددىي ئالاقە قورالى، ئۇ مېنى ئەمەس، بەلكى مەن ئۇنى كونترول قىلىشىم كېرەك. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ساننىڭ ئىنتايىن ئاددىي بولۇشىدىكى مەقسەت ناھايىتى ئاددىي، مېنىڭ تاشلىماقچى بولغىنىم ئۈنۈمسىز <ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى>» دېيىشتى يېرىم ئايلىق سۆھبەت مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىدە بەزى ياشلار.

 مەلۇم ئالاقە سۇپىسىدا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇھاكىمە گۇرۇپپىلىرى ئاز ئەمەس، بۇنىڭ ئىچىدە «رەقەملىك ئەڭ ئاددىيلىق تەرەپدارلىرى» مۇھاكىمە گۇرۇپپىسىدىكى ئادەم 30 مىڭدىن ئاشىدۇ، «ئېكراندىن يىراق تۇرۇش پىلانى» مۇھاكىمە گۇرۇپپىسىدىكى 40 مىڭدىن ئاشىدۇ، «تېخنىكىغا تايىنىشقا قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسى»دىكى ئادەم 37 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا: رەقەملىك ئۈسكۈنىلەرگە زىيادە تايىنىۋېلىش ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق ۋە جەمئىيەت ئالاقىدىن ئايرىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، يان تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە باشقا رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش ۋاقتىنى چەكلەش ئارقىلىق، رەقەملەشكەن تەسىرنى ئاڭلىق ھالدا ئازايتىپ، تۇرمۇش سۈپىتى ۋە پىسخىكا ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى.

 دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشى بەزى قولايلىقلاردىن ۋاز كېچىپ، ئىقتىدارلىق يان تېلېفونىنى ئىشلىتىشنى تاللاپ، يوقاتقان تەڭپۇڭلۇقنى قايتىدىن تېپىشقا رازى بولۇشتى. ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئۇزاق، ئىشلىتىش بېسىمى تۆۋەن، رىتىمى ئاستا بولۇش ئىقتىدارلىق يان تېلېفونىنىڭ ياشلار بازىرىدا بارغانسېرى بازار تېپىشىغا تۈرتكە بولدى. چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم مېھمانساراي ۋە رېستورانلار ھەتتا «بىزدە WiFi بار» دېگەن بەلگىنى «WiFi بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» «تورسىز ساياھەت» ۋە «رەقەملىك زەھەر تازىلاش ساياھىتى»غا ئۆزگەرتىشمۇ ساياھەتتىكى يېڭى مودىغا ئايلاندى. 

 ئىقتىدارلىق يان تېلېفونىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. ئەگەر يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، نۆۋەتتىكى كىشىلەرنىڭ «ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى تاشلاش» ۋە «رەقەملىك زەھەر تازىلاش» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقاندا، ئىقتىدارلىق يان تېلېفونى يەنىلا يان تېلېفون بازىرىدا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش