دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئۇيقۇڭىزغا قانماي خامۇش بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ مۇۋاپىق چېنىقسىڭىز ياخشى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-12-01 17:11:17

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى نۇرغۇن كىشى ئۇيقۇسىغا قانمىغاچقا، ئۆزىنى تېتىكلەشتۈرۈش ئۈچۈن قەھۋە ئىچىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا، يۇقىرى سىجىللىقتا 20 مىنۇت چېنىققاندىمۇ تېتىكلەشكىلى بولىدىكەن.

 ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پورتسمۇچ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 12 نەپەر پىدائىينى يىغىپ، ئۇلارنى ئىككى تۈرلۈك تەجرىبىگە قاتناشتۇرغان. بىرىنچى تۈرلۈك تەجرىبىدە، پىدائىيلار ئۇدا ئۈچ كۈن ھەر كۈنى كەچتە پەقەت بەش سائەت ئۇخلاپ، ھەر قېتىم ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن دەم ئېلىش ھالىتىدە يەتتە ۋەزىپىنى تاماملىغان؛ ئارقىدىن، ئوتتۇرا، يۇقىرى سىجىللىقتا 20 مىنۇت ۋېلىسىپىت مىنگەندىن كېيىن، ئوخشاش ۋەزىپىنى يەنە بىر قېتىم تاماملىغان.

 تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر بىر كىشىنىڭ تېگىشلىك ئۇخلاش ۋاقتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇيقۇسىغا قانماسلىقىنىڭ شەخسكە تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. لېكىن ھەممە كىشى چېنىققاندىن كېيىن، ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندىكى ئىپادىسىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن.

2020- يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېردا، بىر ئايال ۋېلىسىپىت مىنىش يولىدا ۋېلىسىپىتلىك كېتىۋاتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جون خوپپېر فوتوسى)

 ئىككىنچى تۈرلۈك تەجرىبىدە، پىدائىيلار بىر كېچە ئۇخلىمىغان، ئارقىدىن ئوكسىگېن كەمچىل مۇھىتتا «ۋەزىپىنى ئورۇنداش- چېنىقىش- ئوخشاش ۋەزىپىنى يەنە بىر قېتىم ئورۇنداش»تەك تەجرىبە جەريانىنى تەكرارلىغان. بۇ قېتىمدا پىدائىيلارنىڭ ئىپادىسى بىرىنچى تۈرلۈك تەجرىبە بىلەن ئوخشاش بولغان.

 تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا «فىزىيولوگىيە ۋە ھەرىكەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولسۇن- بولمىسۇن، ئوتتۇرا، يۇقىرى سىجىللىقتا 20 مىنۇت  ۋېلىسىپىت مىنىپ چېنىقىش ئۇيقۇغا قانمىغاندىن كېيىنكى چوڭ مېڭىنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. دوكلاتنىڭ ئورتاق ئاپتورى دوكتور توماس ۋىليامىس مۇنداق دېدى: بۇ، بەلكىم ھەرىكەتنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئوكسىگېن يەتكۈزۈش مىقدارىنى ئاشۇرغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

 تەتقىقاتقا قاتناشقان جوي كوستىرونىڭ ئېيتىشىچە، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش چوڭ مېڭىنىڭ ئىپادىسىنى ياخشىلايدىكەن، ئەمما ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتسە ياكى كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ئۇيقۇنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەكس تەسىرنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن.

 تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇيقۇ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسى، قۇرامىغا يەتكەنلەر ئەڭ ياخشىسى قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قىسقا مۇددەت ئۇيقۇغا قانمىسا، بىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇغا قانمىسا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سېمىزلىك كېسىلى ۋە خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. (جىڭ جىڭ)

 پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش