دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

يەنە ئىمتىھاندىن بۇرۇن «چوڭ تولۇقلاش» قىلىۋاتامسىز؟ ئاتا- ئانىلار ئارقا سەپ كاپالىتىدە خاتا قاراشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك (2)
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇت-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-05 11:02:58

2023- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان تولۇق 3- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ ئاخىرقى كۈچەشكە قەدەم قويدى. بۇ ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئاتا- ئانا زىيادە جىددىيلىشىپ، بالىلىرىغا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلدۇرىدۇ، ھەر ۋاق تاماقتا بېلىق، گۆشلەرنى يېگۈزىدۇ... بۇنداق قىلغاندا ئەكسىچە بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

 ئىككىنچى خاتا ئۇسۇل: يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى پىشۇرۇپ، بېلىق، گۆش بىلەن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش

 ئىمتىھاندىن بۇرۇن، نۇرغۇن ئاتا- ئانا بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قىلىپ جاپا تارتىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىلىرىغا ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ. لېكىن يەن دەنفېڭ مۇنداق دېدى: ئادەتتە ئىمتىھاندىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئادەتتىكى يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك، بېلىق، گۆشلەرنى زىيادە تولۇقلىماسلىق، ئادەتتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يەپ باقمىغان يېڭى يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك كېرەك.

 ئۇ مۇنداق چۈشەندۈردى: بىر تەرەپتىن، يېڭى يېمەكلىكلەرنى ئادەتتە يەپ باقمىغاچقا، زىيادە سەزگۈرلۈك، ئاشقازان- ئۈچەي بىئارام بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، شۇنداقلا بالىنىڭ ئەسلىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ئەكسىچە بەدەنگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

 تيەنجىن جۇڭگو تېبابىتى- دورىگەرلىكى داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى لى يەنلىڭ ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈرگەن: بېلىق، گۆشنىڭ تەركىبىدە يۇقىرى ئاقسىل، يۇقىرى ماي بار، بالىلارنىڭ ئاشقازان- ئۈچىيىنىڭ كۆنۈشى ناتايىن، ياخشى بولمىغاندا ئەكسىچە بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 يەن دەنفېڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھاندىن بۇرۇن جۈسەي، تاتلىقياڭيۇ، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىك قاتارلىق ئاسان گاز، كىسلاتا ھاسىل قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشنى ئەسكەرتتى. يېمەك- ئىچمەكتە تۇز، ماي ئاز بولۇشقا دىققەت قىلىش، سوغۇق ئىچىملىك، سوغۇق سەي، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك.

 «سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش ئاشقازان- ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى مۇناسىپ ھالدا ئازايتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.» دېدى يەن دەنفېڭ.

 ئۇ ئۈچ ۋاق تاماق ئارىلىقىدا بالىلارغا تاۋۇز، بانان قاتارلىق مېۋىلەرنى يېگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى، بولۇپمۇ باناننىڭ كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بار. ئىمتىھان باسقۇچىدا، بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوكسىگېن ۋە بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى ئادەتتىكىدىن كۆپ بولىدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىلارغا ئاقسىل، فوسفاتىد، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، B تۈردىكى ۋىتامىنلار، تۆمۈر قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا كۆپەيتىپ بەرسە بولىدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش