دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش 2- ۋاكسىنىسىنى ئەملەش قانات يايدۇرۇلىدۇ
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتىۋاقتى:2022-12-18 19:53:06

 گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى  

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى  گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش 2- ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى باسقۇچتا ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش 1- ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئاساسىدا، يۇقۇملىنىش خەۋپ ـ خەتىرى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى، 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغان كىشىلەر توپى، بىر قەدەر ئېغىر ئاساس خاراكتېرلىك كېسىلى بار كىشىلەر توپى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغان كىشىلەر توپىدا ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش 2- ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش 2- ۋاكسىنىسى بىلەن ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش 1- ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ۋاقىت ئارىلىقى ئالتە ئايدىن يۇقىرى بولىدۇ.

يولغا قويۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، قوشۇمچە شەرت بىلەن بازارغا سېلىش ياكى جىددىي ئىشلىتىش تەستىقلانغان بارلىق ۋاكسىنىلار بىردەك 2- قېتىم ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشكە ئىشلىتىلسە بولىدۇ. تەرتىپ بىلەن ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش بويىچە ئەملەشنى ئالدىن ئويلىشىش ياكى تەركىبىدە ئومىكېرون ۋىرۇس تۈپى بولغان ياكى ئومىكېرون ۋىرۇس تۈپىگە نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى گىرەلەشمە ئىممۇنىتېت ھاسىل قىلالايدىغان ۋاكسىنىدىن پايدىلىنىپ ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش 2- ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپىلار تۆۋەندىكىچە:

3 دوزا ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا + 1دوزا كاڭشىنو مۇسكۇلغا ئوكۇل ئارقىلىق ئۇرۇش شەكلىدىكى قايتا تەشكىللەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى  ۋاكسىنىسى (5 تىپلىق بەز ۋىرۇس تەنچىسى)؛

3 دوزا ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا  + 1دوزا جىفېي لوڭكېما قايتا تەشكىللەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى (CHO ھۈجەيرىسى)؛

3 دوزا ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا  + 1دوزا كاڭشىنو سۈمۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان قايتا تەشكىللەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى  ۋاكسىنىسى (5 تىپلىق بەز ۋىرۇس تەنچىسى)؛

3 دوزا ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا  + 1دوزا جۇخەي لىجۇ قايتا تەشكىللەنگەن  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىرىكمە ئاقسىل (CHO ھۈجەيرىسى) ۋاكسىنىسى؛

2 دوزا كاڭشىنو مۇسكۇلغا ئوكۇل ئارقىلىق ئۇرۇش شەكلىدىكى بەز ۋىرۇس تەنچىسى ۋاكسىنىسى+ 1دوزا كاڭشىنو سۈمۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان قايتا تەشكىللەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى (5 تىپلىق بەز ۋىرۇس تەنچىسى)؛

3 دوزا ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا  + 1دوزا چېڭدۇ ۋېيسىكې قايتا تەشكىللەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى (sf9 ھۈجەيرىسى)؛

3 دوزا ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا  + 1دوزا بېيجىڭ ۋەنتەي بۇرۇنغا پۈركۈلىدىغان تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى تەنچىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى؛

3 دوزا ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا  + 1دوزا جېجياڭ سەنيېساۋ قايتا تەشكىللەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئاقسىلى ئىككىلەمچى بىرلىك ۋاكسىنىسى (CHO ھۈجەيرىسى)؛

3 دوزا ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا  + 1دوزا شېنجوۋ شىباۋ قايتا تەشكىللەنگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس 2 ۋالېنتلىق S ئۈچ پولىمېرلىق ئاقسىل ۋاكسىنىسى.

يولغا قويۇش لايىھەسىدە ۋاكسىنا ئەملەش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى. ھەرقايسى جايلار داۋاملىق تۈردە ۋاكسىنا ئەملەش بىخەتەرلىكىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، «ئالدىنى ئېلىش- ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى قائىدىسى»نىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش ئاساسىدا، ۋاكسىنا ئەملەشنى يولغا قويۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەشكىللىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلاردىكى سەھىيە- ساغلاملىق تارماقلىرى ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرىدا 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى نۇقتىدا تۇرۇش كاپالەتلىك قىلغان بولۇش، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە دورىلىرى بولۇش، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى نەق مەيداندا نۆۋەتچىلىك قىلغان بولۇش، 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ قۇتقۇزۇش- داۋالاش يېشىل يولى بولۇشتىن ئىبارەت «تۆت بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاكسىنا ئەملەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرى ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىدىغان ۋاكسىنىلارنى ئەملەش ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاش ۋە ۋاكسىنىنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە ئالدىنى ئېلىش- ۋاكسىنا ئەملەش ئىسپاتىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش خاتىرىسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا، توغرا يېڭىلىشى كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش