دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

كۆپ يول مېڭىپ بېرىش بۇ تۆت خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-27 11:56:45

تەنھەرىكەت تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ سۇ ئۈزۈش، يۈگۈرۈش دېگەندەك ئىشلارنى ئويلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ناھايىتى كۆپ ساندىكى كىشىلەر يول مېڭىش ئارقىلىقمۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە پىيادە يول مېڭىش ئەڭ ياخشى بولغان چېنىقىش ئۇسۇلى. سىز ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئەتراپىدا يول مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. ئەلۋەتتە يول مېڭىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن توغرا مېڭىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. سىز راستتىنلا توغرا ماڭالامسىز؟ سىز ھەر كۈنى توغرا يول ماڭغاندا قانداق پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

11.png

1. مۇۋاپىق يول مېڭىشنىڭ پايدىسى
ئەگەر سىز ھەر كۈنى پىيادە يول مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.

(1) ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا يول مېڭىش ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىپ، يېمەكلىكلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا يول مېڭىش كېرەك.

(2) يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى

ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى مۇۋاپىق يول مېڭىش ئەڭ ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. تاماقتىن كېيىن پىيادە يول مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش ۋە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىدىن ۋە قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

12.png

(3) خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

نۇرغۇن كىشىلەر تاماق يەپ بولۇپلا ئائىلىدە ئۆزى يالغۇز كىتاب ئوقۇش، تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇ ئادەت ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا كىشىلەردە باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدىغان پىسخىكا ھالىتى شەكىللىنىپ، ئاخىرىدا ئېغىر بولغان خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ يول مېڭىش، كەيپىياتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. شۇندىلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپلا قالماستىن بەلكى تېخىمۇ ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

13.png

(4) سېمىزلىك

سېمىزلىك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان قىيىن مەسىلە. ئادەتتە كىشىلەر تاماق يەپ بولۇپلا ئارام ئالغاندا، تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشى ياخشى بولماي ئاسانلا سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كەچلىك تاماقنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق، مۇمكىن بولسا تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا يول مېڭىشقا ئادەتلىنىش كېرەك.

14.png

يول ماڭغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئالدى بىلەن سىز ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 8000 ~ 10 مىڭ قەدەمگىچە ماڭسىڭىز ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز. نەچچە ئون قەدەم مېڭىش ياكى بىر نەچچە كۈن مېڭىش بىلەنلا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. ئىزچىل تۈردە ھەر كۈنى ئاز دېگەندە يېرىم سائەت ئەتراپىدا يول مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئادەتلىنىش، يول ماڭغاندا سۈرئەتنى كونترول قىلىش، بەك ئاستا ياكى بەك تىز ماڭماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش