دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدا بۇرۇن ۋە گالنى قانداق قوغداش كېرەك؟
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-16 12:06:15

 ھاۋا مۇشۇنداق ئۆزگىرىشچان پەسىلدە، بۇرۇن ۋە گالنى ساق تۇتۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ يېقىندا، مۇتەخەسىسلەر بۇرۇن-يۇتقۇنچاق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت ساقلىق ساقلاش بىلىملىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

«نېمىشقا ھاۋا ئۆزگەرسىلا بۇرۇن ۋە گال بىئارام بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋابەن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇرۇننىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارى بار، بۇنىڭ ئىچىدە نەپەسلىنىش ئىقتىدارى، پۇراش سېزىمى ئىقتىدارى كىشىلەرگە تونۇشلۇق، ئەمما ئۇنىڭ نەملىك قوشۇش ئىقتىدارى، تازىلاش ئىقتىدارى ۋە ئۇخلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى نۇرغۇن كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ تازىلاش ئىقتىدارى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: نورمال ئەھۋالدا، بۇرۇن بوشلۇقى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سۈزگۈچ تورىغا ئوخشاش ھاۋادىكى باكتېرىيە، ۋىرۇسلارنى ئادسورپىسىيەلەپ ئېرىتىش ئارقىلىق، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولماي، بۇرۇن بوشلۇقىنى پاكىز تازىلىغىلى بولمىسا، بۇرۇندا جىددىي خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. نۆۋەتتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇرۇن بوشلۇقى تېمپېراتۇرىغا نىسبەتەن سەزگۈر، بولۇپمۇ رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى سوغۇققا ۋە رېئاكسىيەگە قارشى دورىلارنى ئالدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كېسەللىك ئالامىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارغا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: چىش چوتكىلاپ يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى تازىلاش ئېغىز بوشلۇقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يۇتقۇنچاق ۋە ھەزىم قىلىش يولىغىمۇ پايدىلىق، شۇڭا ئەتىگەن-كەچتە چىش چوتكىلاش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، چۈشتىمۇ ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش