دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

كۈز پەسلىدىكى ئاسان قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەر قايسى؟
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-15 10:45:28

1. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى

ئېغىز بوشلۇقى يارىسى كۈز پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە قۇرغاق ھاۋارايى شارائىتىدىن سىرت، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ زەخمىلىنىشى، ئوزۇقلۇقنىڭ كەملىكى ھەمدە ھورمۇن ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىپ، ئېغىزنى تۇز سۈيىدە چايقاپ، ئاچچىق ۋە كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ھەمدە تەرەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بەدەن ساغلاملىقى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئەمەلىيەتتە بەدەن ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى. شۇڭا بەدەن چېنىقشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

05.png

2. ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى

كۈز پەسلىدە ئۈچەي يولىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاشقا باشلىغاندا، بەدەننىڭ جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا ئىچى سۈرۈش ياكى جىددى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا كۈز پەسلىدىكى ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىپ، بەك كۆپ يەۋېلىشتىن ساقلىنىپ، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك. پىسخىكىنىڭ زىيادە غىدىقلىنىشى، مەسىلەن قورقۇنچ، ئازابلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىقلار چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى ھەمدە ئاشقازان شىللىق پەردىسى قان تومۇرلىرىنىڭ تارتىشىپ قىسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

06.png

3. تېرە قىچىشىش

كۈز پەسلى ئاسانلا زۇكامدايدىغان مەزگىل. ئەگەر ئۆپكە ئاجىزلىسا، ئۇ سىرتقى ھاۋاغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىلاجىسىز قالىدۇ، مۇسكۇلنىڭ سىرتقى يۈزى بوشىشىپ، ئاسان تەرلەپ، سىرتقى مۇھىتتىكى زىيانلىق گازلار سەۋەبىدىن دائىم زۇكامدايدۇ ھەمدە ئۆپكە كېسەللىكلىرى قوزغايدۇ. قىچىشىش ئەمەلىيەتتە كۈز پەسلىدىكى دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر ياكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى قىچىشىشنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە بەك كۆپ يۇيۇنماسلىق كېرەك. ئەتىر سوپۇن ۋە بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىمۇ ئەتراپلىق ئويلىشىپ تاللاش كېرەك.

07.png

4. ئۈنى پۈتۈش

ئاۋازنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئۆپكە ئىقتىدارى مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۆپكە ھاۋاسى مول كىشىلەرنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، ئەكسىچە بولغانلىرىنىڭ ئاۋازى تۆۋەن بولىدۇ. سوغۇق شامال ئۆپكىگە بۆسۈپ كىرگەندە، ھاۋانى توسۇۋېلىپ، ئاۋازنىڭ بوغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

08.png

5. زۇكام

كۈز پەسلىدە كىلىمات قۇرغاق، يېغىن مىقدارى ئاز، كېچىسى سوغۇق بولغاچقا، كېچە-كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالمىغانلىق سەۋەبلىك، ئاسانلا زۇكامايدۇ.

6. ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت

ئۆپكە بىلەن چوڭ ئۈچەي ئارىسىدىمۇ باغلىنىش مەۋجۇت، كۈز مەسلىنىڭ كىلىماتى بىر قەدەر ئالاھىدە بولغاچقا، چوڭ تەرەت قۇرغاق ھەمدە قەۋزىيەت ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بەزىلەردە قورساقنىڭ سول تۆۋەن قىسمى يەللىك كۆپۈش، ئىشتىھا تۇراقسىزلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، كۈز پەسلىدە ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بىمارلىرى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە سەككىز ئىستاكان ئىلىمان سۇ ئىچكەندە، ئۈنۈمىنى كۆرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش