دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

جياڭيۇ، چىش پاستىسى، كۈنجۈت مېيى سۈرتۈش... بۇنداق «يەرلىك ئۇسۇل» بىلەن كۆيۈكنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇت-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-06 12:26:29

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، 120 دائىم بوۋاقلار، بالىلارنىڭ كۆيۈپ زەخمىلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىدۇ، كۆپىنچىسى قىزىق سۇ ياكى قىزىق ئۇماچتا كۆيۈپ يارىلانغان.

 بېيجىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، بېيجىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى يۈزى قىزىق ئۇماچتا كۆيۈپ قالغان بىر بالىنى قۇتقۇزغان- داۋالىغان. قۇتقۇزۇش- داۋالاش جەريانىدا، ئائىلە باشلىقىنىڭ «كۆيۈپ قالغاندا جياڭيۇ ياكى بىرەر نەرسىنى سۈرتسە بولامدۇ» دېگەن گۇمانىي سوئالىغا قارىتا، بېيجىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى ئائىلە باشلىقىغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەرگەن: «كۆيۈپ قالغان جايغا نەرسىلەرنى ھەرگىز قالايمىقان سۈرتمەسلىك كېرەك، بۇنداق قىلىش جاراھەتنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ھازىر قىلغىلى بولىدىغان ئىش شۇكى، ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇ بىلەن داۋاملىق چايقاش، چايقاشقا قولايسىز بولغاندا پاكىز لۆڭگىنى سوغۇق سۇغا چىلاپ ئېلىپ، كۆيگەن جاينى يېنىك سۈرتۈش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.»  

بېيجىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كۆيۈپ يارىلىنىش يۈز بەرگەندە، دەرھال سوغۇق سۇ بىلەن چايقاش؛ كۆيۈپ يارىلانغان ئورۇندىكى كىيىملەرنى سېلىۋېتىشتە ئېھتىيات قىلىش، ئەگەر كىيىم تېرىگە چاپلىشىپ قالغان بولسا، مەجبۇرىي ئاجراتماسلىق، ئۈستىدىن سۇ ئېقىتىپ تۇرۇپ ئاۋايلاپ كېسىپ ئاجرىتىش؛ ئەگەر سوغۇق سۇ بىلەن چايقاش قولايسىز بولسا، يارىلانغان ئورۇننى سوغۇق سۇغا چىلاپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك، ئەگەر دۈمبە قىسمىدا بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدە يۈز بەرگەن بولسا، پاكىز لۆڭگىنى سوغۇق سۇغا چىلاپ ئېلىپ، كۆيگەن ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

ئۇنداقتا، كۆيۈپ يارىلانغاندىن، كېيىن جياڭيۇ ياكى باشقا نەرسىلەرنى سۈرتۈشكە بولامدۇ؟

بېيجىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى مۇنداق بىلدۈردى: ھەر خىل «يەرلىك ئۇسۇل»، «رېتسىپلار»، مەسىلەن، جياڭيۇ، چىش پاستىسى، كۈنجۈت يېغى، كۈجە كۈلى سۈتۈش قاتارلىقلار، ھېچقانداق داۋالاش ئۈنۈمى بېرەلمەيدۇ، ئەكسىچە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ ئانتىبىيوتىكلار، دېزىنفېكسىيە دورىلىرى، قىزىل سۇيۇق دورا قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئالدىغا ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بۇ، دوختۇرلارنىڭ كۆيۈك يارىسى دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ؛ سۇلۇق قاپارتمىنى ئۆزلۈكىدىن يارماسلىق كېرەك، يېرىۋەتكەندە ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؛ كۆيگەن جايغا بىۋاسىتە مۇز ياقسىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا جاراھەت يۈزى ئاستىدىكى قان تومۇرلارنىڭ كۈچلۈك قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز، ھەتتا ئىككىلەمچى زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قىزىق سۇ، قىزىق يېمەكلىك قاچىلانغان بۇيۇملارنى چوقۇم بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان ئورۇنغا قويۇش، ھەم بالىلارغا ياخشى قاراش، بالىلارنىڭ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش