دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

بۆرەك كېسەللىرى پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى يېسە بولمايدۇ؟ بۇ قاراش خاتا
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-06-25 19:27:28

 يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ھالقا، بۆرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش بىلەن دورا ئارقىلىق داۋالاشنى ئوخشاش ئورۇنغا قويىدۇ، «ئېغىزنى باشقۇرۇپ، ھەرىكەت قىلىش» يالغۇز دىيابېت كېسەللىرى ئۈچۈن ئەمەس، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىدا يېمەك-ئىچمەككە قارىتا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ خاتا قاراش بار.

  بىرىنچى خاتا قاراش: بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى گۆشسىز تاماقلا يەيدۇ؟ بەزى بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى بۆرەك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن گۆشسىز تاماق يەيدۇ، تۇخۇم يېمەيدۇ، سۈت ئىچمەيدۇ. نەتىجىدە بۆرەك كېسىلى ياخشى كونترول قىلىنماي، ئەكسىچە تېزلا قان ئازلىق، ماغدۇرسىزلىنىش، روھىي كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىش، ئۇيقۇسى ناچارلىشىش قاتارلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ھايۋانات ئاقسىلى تەركىبىدە ئانئورگانىك تۇز، تۆمۈر، ۋىتامىن B12، ۋىتامىن B1 قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، بۆرەكنىڭ فۇنكسىيەسى ھەرقانچە ناچار بولسىمۇ، ھەر كۈنى بىر-ئىككى سەر ئەتراپىدا قارا گۆش يېيىشى زۆرۈر، ئەگەر ھەقىقەتەن ھايۋانات ئاقسىلىنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرمىسە، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىك يېيىشى كېرەك.

  ئىككىنچى خاتا قاراش: بۆرەك كېسىلى بارلار پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى يېسە بولمايدۇ؟ ئاقسىل ھايۋانات ئاقسىلى ۋە ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سېرىق پۇرچاق ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاقسىل مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، ھەر 100 گىرام سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە 36.3 گىرام ئاقسىل بولىدۇ، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى چوشقا ۋە كالا گۆشىدىن  (ئايرىم-ئايرىم 16.7 گىرام ۋە 20.2 گىرام ئاقسىل) كۆپ. شۇڭا، ئۇ ھايۋانات ئاقسىلى بىلەن بىللە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل دەپ قارىلىدۇ.

  ئاقسىل سىيىش كېسىلى بار بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىغا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنى ئاساس قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، شۇڭا پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق، كۆك پۇرچاق ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلغا تەۋە. ماش، قىزىل پۇرچاق، ئاشپۇرچاق، دادۇر، سەي پۇرچاقلار كىراخمال تەييارلايدىغان پۇرچاققا تەۋە بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى ئاشلىققا باراۋەر، شۇڭا بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى پۇرچاق تاللىغاندا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى خاتا قاراش: سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ ئاقسىل تولۇقلاش كېرەك؟ نۇرغۇن بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى سۈيدۈك بىلەن ئاقسىل كۆپلەپ چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا كۆپرەك ئاقسىل يېيىش، تولۇقلاش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئاقسىلنىڭ كۆپ قوبۇل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارىنىڭ چىقىپ كېتىشىمۇ كۆپىيىدۇ، بۆرەكمۇ يۇقىرى سۈزۈش ھالىتىگە كىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى تېزلىشىدۇ، يەنى بەدەن ئاقسىلنى قانچە كۆپ قوبۇل قىلغانسېرى، چىقىپ كېتىشىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ، بۆرەكنىڭ زەخىملىنىشىمۇ شۇنچە ئېغىرلىشىدۇ.



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش