دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئەتىياز پەسلىدە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىن ھوشيار بولۇڭ
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-04-28 19:18:24

 بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، كۆز قىچىشىش، يۆتىلىش، نەپەس قىسىلىش، ئۇخلىيالماسلىق... ئەگەر سىزدە ئادەمنى قىينايدىغان بۇ كەچۈرمىشلەر بولسا، بەلكىم رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى بىلەن زىققا كېسىلىدىن ئىبارەت نەپەس يولى كېسىلى ھېسابلىنىدىغان بۇ «ئايرىلماس ئاكا ـ ئۇكا»لارنىڭ سىزگە كۆزى چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن.

   «رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، زىققا كېسىلى دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك، يېقىنقى مەزگىلدە پەسىل ئالماشقاچقا ھاۋا كۆپ ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولغاچقا، ئاسانلا رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە زىققانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى 1-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ جۇ يۈلۇڭ.

   نېمە ئۈچۈن بۇلارنى بىر جۈپ «ئايرىلماس ئاكا-ئۇكا»لار دەيمىز؟ جۇ يۈلۇڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى بىلەن زىققا كېسىلى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر خىل نەپەس يولى كېسەللىكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، بۇرۇن يۇتقۇنچاق قىسمىدا ئىپادىلەنسە رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، كانايچىدە ئىپادىلەنسە زىققا كېسىلى بولىدۇ. ئىككىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن نەپەس يولى ياللۇغى خاراكتېرلىك رېئاكسىيەسى ئوخشاشلىققا ئىگە ھەم ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دائىم بىللە كۆرۈلىدۇ.

   «رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، زىققا كېسىلى بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا دوختۇرخانىغا بېرىپ كەسپىي تەكشۈرتۈپ، كېسەلگە قاراپ دورا ئېلىش كېرەك.» جۇ يۈلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، كۆز قىچىشىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق تىپىك رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىك ئالامەتلىرى ھەمدە يۆتەل، دەم سىقىلىش، مەيدە بىئارام بولۇش قاتارلىق زىققا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ئۆپكە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاننىڭ ئادەتتىكى كىسلاتالىق دانچە ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى تەھلىل قىلىش كېرەك، «كىسلاتالىق دانچە ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپەيسە، ئاغرىقنىڭ رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ياكى (ۋە) زىققا كېسىلىنىڭ قوزغىلىدىغانلىقىنى ياكى قوزغىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

   دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كۆپ قىسىم ئەھۋالدا، زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش-بولماسلىق ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، جەمەت كېسەللىك تارىخى بار كىشىلەر مۇداپىئە قىلىشقا دىققەت قىلمىسا، ناھايىتى ئاسانلا رېئاكسىيە مەنبەسىگە يولۇقۇپ زىققا كېسىلى بولۇپ قالىدۇ. زىققا كېسىلى بولۇپ قالسا، بىر ئۆمۈر قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.

   «زۇكاممۇ رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە زىققا كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.» جۇ يۈلۇڭ مۇنداق دېدى: رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ۋە زىققا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك. سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىغاندا، ھەر خىل كېسەللىك باكتېرىيەلىرى ۋە رېئاكسىيە مەنبەلىرىنى سۈزۈپ قالغىلى بولىدۇ. شارائىتى يار بەرسە ئۆيگە ياكى ئىش بېجىرىش سورۇنلىرىغا ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ ئورنىتىپ، چاڭ-توزان ۋە تۇماننى سۈزسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەرەللىك ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك، مەسىلەن، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى، ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى. يەنە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك، مەسىلەن چېنىقىش، مەشغۇلات قانۇنىيەتلىك بولۇش كېرەك. يەنە جۇڭيى تېبابىتى سەنفۇ چاپلىقى بىلەن داۋالاش ئارقىلىق ئانتىگېن ئانتىتېلا قويۇپ بېرىپ، ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلىنى كۆپەيتىشكىمۇ بولىدۇ.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ رەتلىگەن)

شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى



مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش