دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن يۇيۇنسا بولىدۇ، لېكىن ئېغىزنى باشقۇرۇش كېرەك
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-04-12 16:59:01

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «نورمال پائالىيەت ۋە يېمەك - ئىچمەك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئەسلىدىكى تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشمۇ ھاجەتسىز.» 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىنكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاشنى پىلانلاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې نا مۇنداق دېدى: ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، يېمەك - ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئەڭ مۇھىمى ھاراق ئىچمەسلىك ياكى ھەددىدىن زىيادە يەپ - ئىچمەسلىك كېرەك.

«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىن يۇيۇنسا بولىدۇ» دېدى شيې نا. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ تەركىبىدە ئادسورپسىيە دورىسى بار بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئەملەتكۈچىلەرنىڭ ئەملەتكەن ئورنى قىزىرىپ ئىششىپ قېلىشى ياكى تۈگۈرچەك پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، يۇيۇنغاندا زىيادە بېسىش، غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش، يۇيۇنغاندىن كېيىن قىسمەن ئورۇننىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك.

«خېسۇەن تەكشۈرۈشىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئالاھىدە خاس خېسۇەن بۆلىكى تەكشۈرۈلىدۇ. نۆۋەتتە، بىز ئىشلىتىۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىسى بىر خىل <ئۆلتۈرۈلگەن> كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، يۇقۇملىنىش ۋە نۇسخىلاش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملەتكۈچىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، شۇنداقلا ۋاكسىنا ئەملىتىش سەۋەبىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس خېسۇەن تەكشۈرۈشىدە مۇسبەت چىقمايدۇ.» شيې نا مۇنداق دېدى: ئەگەر ئەملەتكۈچىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىنكى قان زەردابى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس خېسۇەن تەكشۈرتۈش قاتارلىق باشقا تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولسا نورمال ھېسابلىنىدۇ، ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ پەرقلەندۈرۈپ ھۆكۈم قىلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەنلىك ئىسپاتىنى كۆرسەتسە بولىدۇ.

شيې نا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ۋاكسىنا ئەملەتكەندە يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن يەككە پەرق قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، ھەرقانداق ۋاكسىنىنىڭ قوغداش ئۈنۈمى %100كە يەتمەيدۇ، زۆرۈر بولغاندا، ئەملەتكۈچىلەر يەنىلا ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ خېسۇەن تەكشۈرتۈشى كېرەك. ئىممۇنىتېت توسۇقى شەكىللەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يەنىلا ئاسان تارقىلىدۇ، ۋاكسىنا ئەملىتىپ بولغاندىن كېيىن يەنىلا داۋاملىق ماسكا تاقاش، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇن، ئادەم زىچ سورۇن قاتارلىق جايلاردا ماسكا تاقاش كېرەك؛ باشقا مۇداپىئە تەدبىرلىرى مەسىلەن، قول تازىلىقى، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، جەمئىيەت ئالاقىسى ئارىلىقىنى داۋاملىق ساقلاشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش