دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولدى شىنجاڭ قورغاس تۆمۈريول پورتىدىكى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈرئىتى «تېزلەشتى» شى جىنپىڭ 2023 ـ يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى ​ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ​تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك جىتۇەنجۈن قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا قوللىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىسىملارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك ​ئورمان باشلىقى تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك «شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى ۋىلايەت بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

يازدا باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك تەرلىسە، بەدەننىڭ «ئاجىزلاشقانلىقى»نى بىلدۈرەمدۇ؟ (3)
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-09-13 16:33:17

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   كۆپ مىقداردا تەر چىققاندىن كېيىن بەش ئىشنى ياخشى قىلىش

 نورمال تەرلەش ئىسسىقلىقنى تارقىتىش، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

 قۇرامىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ ھەر كۈنى تېرە تەر بېزىدىن چىقىرىدىغان سۇ مىقدارى تەخمىنەن 500 مىللىلىتىردىن كۆپ بولىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ۋە ھەرىكەت قىلغاندا تەر چىقىرىش مىقدارى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى ياخشى قىلىش سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىلىق:

 1. ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاش

«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2022)»دە، چوڭلارنىڭ ھەر كۈنى 1500 - 1700 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنغان. ياز پەسلىدە تەرلىگەندىن كېيىن سۇ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك.

 تەكشى سۈرئەتتە ئاز- ئازدىن سۇ تولۇقلاش، ھەر قېتىمدا 150 - 200 مىللىلىتىر سۇ تولۇقلاش، بىر يۇتۇم بىر يۇتۇمدىن ئاستا ئىچىش كېرەك. 3 - 5 مىنۇتتىن كېيىن يەنە ئازراق ئىچسە بولىدۇ.

 يەنە قارائۆرۈك شورپىسى، ماش شورپىسى، ئۇچقات چېيى، يالپۇز چېيى ياكى يالپۇز لىمون چېيى ئىچسىمۇ بولىدۇ، لېكىن مۇزلىتىلغان ئىچىملىكلەرنى چوقۇم كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك.

 2. سالقىن شامالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش

 تەرلىگەندىن كېيىن بىۋاسىتە شامالغا ئۇدۇل كېلىشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ شامالدۇرغۇچنى بەك چوڭ ئاچماسلىق، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال چىقىرىش ئېغىزىدا شامالدىماسلىق كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ياز بولسىمۇ، كېچىدە دېرىزىنى ئېچىپ ئۇخلىغاندىمۇ شامالغا ئۇدۇل يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 3. ئارام ئالغاندىن كېيىن ئاندىن يۇيۇنۇش

 تەرلىگەندىن كېيىن بەدەندىكى تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ، قان يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، دەرھال يۇيۇنغاندا بەدەن ۋە تېرىگە زىيان يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسسىق سۇ قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، بەدەنگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 توغرا ئۇسۇل − ئازراق ئارام ئېلىپ، تەر توختىغاندىن كېيىن ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنماسلىق كېرەك.

 4. پات- پات كىيىم ئالماشتۇرۇش

 زىيادە كۆپ تەر تېرىنى غىدىقلايدۇ، ئەگەر كىيىمنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچار، ھەرىكەت ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، كىيىم تەرگە چىلىنىپ قالسا ماراسېرىيە زەمبۇرۇغ تۈك خالتىسى ياللۇغى، ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 5. ماس كېلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش

 ئادەتتە كۆپ تەرلەيدىغان كىشىلەر پۇرچاق ياسالمىلىرى ۋە سۈت ياسالمىلىرى قاتارلىق تەركىبىدە كالتسىي كۆپ يېمەكلىكلەرنى، ھەمدە ياڭيۇ ۋە موگۇ قاتارلىق كالىي مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك.

 يەنە B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش، مەسىلەن، قىزىل پۇرچاق، يېشىل پۇرچاق، سۇلۇ قاتارلىق قارا ئاشلىقلارنى كۆپرەك يېيىش، ھايۋانات جىگىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بېرىش كېرەك.

 يازدا تېمپېراتۇرا يۇقىرى، نەملىك يۇقىرى بولۇپ، ئاسان تەر چىقىدۇ، ئادەتتە تەر چىققاندا باشقا بىئاراملىقلارنىڭ بار- يوقلۇقىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان تەرلەش بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش كېرەك.

 ئەلۋەتتە، ھەر كۈنى چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەر چىقىشقا پۇرسەت بېرىش، ئەڭ ياخشىسى ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئۆيدە ئۇزاق تۇرماسلىق كېرەك. بەك ئىسسىق بولمىسا، ھاۋا تەڭشىگۈچ، شامالدۇرغۇچلارنى ئېتىۋېتىپ، تەبىئەتنىڭ ئەڭ ھەقىقىي تېمپىراتۇرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش كېرەك.

 (تۈگىدى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش