دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شى جىنپىڭ 2023 ـ يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى ​ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ​تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك جىتۇەنجۈن قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا قوللىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىسىملارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك ​ئورمان باشلىقى تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك «شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى ۋىلايەت بىلەن جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى ۋىلايەت «ئانىلار پوسۇلكىسى»نى تارقىتىش ۋە 2023 ـ يىللىق «9 ـ سېنتەبىر ئاممىۋى پاراۋانلىق كۈنى» پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

يازدا باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك تەرلىسە، بەدەننىڭ «ئاجىزلاشقانلىقى»نى بىلدۈرەمدۇ؟ (2)
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-09-12 15:01:50

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تەر كۆپ چىقسا بەدەننىڭ «ئاجىزلاشقانلىقى» بولامدۇ؟

 بەزىلەر كۆپ تەرلەش بەدەن ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەن ساپاسى ئوخشاش بولمايدۇ، تۇرۇۋاتقان مۇھىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، جىسمانىي ئەمگەكنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئوخشاش بولمىغان شەخسلەر ئارىسىدا بىر قەدەر چوڭ پەرق بولىدۇ.

 ئەمما، جۇڭيى تېبابىتىدە تەرلەش «ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە» ياكى تەرلەشكە تېگىشلىك بولمىغان ۋاقىتتا توختىماي تەر چىقسا، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دەپ قارىلىدۇ.

 • بىكاردىنلا تەرلەش

 بىكاردىنلا تەرلەش ھاۋانىڭ بەك ئىسسىق بولۇشى ياكى ھەرىكەت مىقدارىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى كۈندۈزى جىم تۇرغاندىمۇ تەرنىڭ توختىماي ئېقىشى ياكى ئوخشاش ئەھۋالدا باشقىلاردىن كۆپ تەرلەشنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ، بەدەن ئاجىزلاشقانلىقىدىن تەرلەش بولۇپ، ئاساسلىقى ئۆپكە، ئاشقازان، تال، بۆرەك زەئىپلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ بەدەن شەكلى سېمىزرەك، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مۇسبىيلىقنى زەخىملەندۈرۈپ، مۇسبىيلىق ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى، مەسىلەن، سوغۇقتىن قورقۇش، ئارقا پىشاپ سۇيۇق بولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

 • كېچىدە تەرلەش

 كېچىدە ئۇخلىغاندا تەر كۆپ چىقىدۇ، بۇنداق كىشىلەردە ئادەتتە مەنپىيلىك زەئىپلىشىش، ئاساسلىقى بۆرەك مەنپىيلىكى زەئىپلىشىش ياكى جىگەر- بۆرەك مەنپىيلىكى زەئىپلىشىش كۆرۈلىدۇ. كېچىدە تەرلەيدىغانلار ئورۇق بولۇپ، ئاغزى قۇرۇش، ئۇسساش، باش قېيىش، بەل- پۇت تېلىپ ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى تەرلەش بولۇپ، ھوشيار بولۇش كېرەك:

   • قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىش

 ئىسسىقتىن قورقۇش، كۆپ تەرلەش قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىشنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، چاچ قۇرۇش، چاچ چۈشۈش، تىرناق چۈرۈكلىشىش، ئورۇقلاش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ. دائىم ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ چىلىق- چىلىق تەرلەپ كېتىدۇ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

 • دىيابېت كېسىلى

 دىيابېت ئاغرىقلىرىدا ۋېگېتاتىپ نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشى قوشۇلۇپ كەلگەندە، تەر چىقىش مىقدارى كۆپىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ، ئاساسلىقى، بەدەننىڭ ئۈستۈنكى يېرىمىغا مەركەزلىشىدۇ، چىرايى تاتىرىش، سوغۇق تەرلەش، پۇت- قولى تىترەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 • خرومخۇمار ھۈجەيرە ئۆسمىسى

 ھەر قانداق ياش باسقۇچىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن، دائىم باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، يۈرەك سىقىلىش، چىرايى تاتىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈپ كېتىشمۇ خرومخۇمار ھۈجەيرە ئۆسمىسىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، بەزىدە سىجىل تەرلەيدۇ.

  كۆپ تەرلىمەيدىغان كىشىلەرنىڭ تۇغما تەر بېزى بىر قەدەر ئاز ياكى تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، بەدەننىڭ تەرنى ئاز چىقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. ئەمما، ئەگەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ياكى ھەرىكەتتىن كېيىن ناھايىتى ئىسسىق ھېس قىلىپ، ئازراقمۇ تەر چىقمىسا، تەرلىمەسلىك ياكى ئاز تەرلەش كېسىلى، شۇنداقلا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاش، نېرۋا زەخىملىنىش، تېرىدە مەسىلە چىققانلىقىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

 (داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش