دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە سۈپىتىدە دۇنخۇاڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى ۋىلايىتىمىزنىڭ 27 تۈرى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خەلق ئىچى كاپىتالىغا تونۇشتۇرۇلىدىغان تىزىملىككە تاللاندى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاقسۇدا ئېچىلدى ۋىلايەت خەلق ئىشلىرىغا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە بالىلار پاراۋانلىقى ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى جۇڭمەن ئونسۇ رايونىدا جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىت 1 مىليون توننىدىن ئاشتى ۋىلايىتىمىزنىڭ 150 خىلدىن ئارتۇق خاس كۆرگەزمە بۇيۇمى ئۆزبېكىستاندا كۆرگەزمە قىلىندى يوغان ھەم گۆشلۈك! شىنجاڭنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىندى شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىدىكى 38 رېتسېپلىق دورا «قەدىمكى دەۋردىكى كىلاسسىك داڭلىق رېتسېپلار مۇندەرىجىسى (2-تۈركۈم)»گە كىردى ياپونىيە خەلق ئاممىسىنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى شىنجاڭ سەپىرىنى باشلىدى دۆلىتىمىز ياسىغان ARJ21 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئاقسۇدا ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

يازدا باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك تەرلىسە، بەدەننىڭ «ئاجىزلاشقانلىقى»نى بىلدۈرەمدۇ؟ (1)
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-09-11 12:38:16

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلۈش» كۆپ قىسىم كىشىدە يازدا كۆرۈلىدىغان ھالەتلەرنىڭ بىرى، بىر ۋاق تاماق يېسە، بىر ئۇخلاپ قوپسا، بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ قويسا چىلىق- چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەر مىدىرلىماي ئولتۇرسىمۇ تەرلەپ كېتىدۇ.

 نېمىشقا بەزىلەر باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ تەرلەيدۇ؟ يازدا بەك كۆپ تەرلەش بەدەننىڭ «ئاجىزلاشقانلىقى»نىڭ ئىپادىسىمۇ؟ كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن قانداق قىلسا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ؟

 «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، سىزگە تەرگە يوشۇرۇنغان ساغلاملىق بىلىملىرىنى چۈشەندۈردى.

 زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر

 بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى شەرق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى گۇەن سۇڭ

 قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي تېببىي داشۆسى غەربىي جەنۇب دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ياڭ شىچۇەن

 گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ليۇ جېنجيې

تەرنىڭ ئاز ياكى كۆپ چىقىشىنى نېمە بەلگىلەيدۇ؟

 تەر چىقىش ئادەم بەدىنىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشتىكى تۇغما ۋاسىتىسى، تەر تەركىبىدە ئەمەلىيەتتە سۇ ئەڭ كۆپ بولۇپ، %99كە يېتىدۇ. باشقا تەركىبلەر پەقەت %0.5 - %1.0نى ئىگىلەيدۇ، ناترىي خلورىد، كالىي قاتارلىق ئانئورگانىك تۇزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە سۈت كىسلاتاسى، ئۇرېيە، ئاممىياك، ئامىنو كىسلاتاسى، ئاقسىل، ئاقسىلنى ھىدرولىزلىغۇچى ئېنزىم، ھىستامىن ھەم پروستاگلاندىن قاتارلىق ئورگانىك ماددىلار بار.

 مەيلى قانچىلىك تەر چىقسۇن، چىققاننىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۇ.

 ئادەتتىكى ئەھۋالدا، پەقەت بەدەن راھەتلەنسىلا، تەرنىڭ كۆپ ياكى ئاز چىقىشى نورمال ئەھۋال. سىرتقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسى، بەدەن ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى تەر چىقىش مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ:

 • مۇھىت تېمپېراتۇرىسى

 بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ℃36 - ℃37 ئارىلىقىدا بولىدۇ، بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنى تەر بەزلىرى ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدۇ، ياز پەسلىدە مۇھىت تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەندە، ئادەم بەدىنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا تەر چىقىرىدۇ.

 • ئىرسىيەت ئامىلى

 ئادەم بەدىنىدە تەخمىنەن 4 مىليون تەر بېزى بولۇپ، بۇنىڭ %75ى تەن يۈزىگە تارقالغان، ئاساسلىقى ئالىقان، تاپان، قولتۇق، كۆكرەك ۋە يۈز قىسمىغا مەركەزلەشكەن.

 تەر بېزى كۆپ ھەم تەرەققىي قىلغان كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان تەرلەيدۇ. تەر بېزىنىڭ مەركەزلىك جايلاشقان ئورنى ئوخشاش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ پېشانىسىدىن ئاسان تەر چىقىدۇ، بەزىلەرنىڭ بوينىدىن ئاسان تەر چىقىدۇ.

 • ماددا ئالمىشىش

 ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ماددا ئالمىشىشى تېز كىشىلەر ماددا ئالمىشىشى ئاستا كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ تەرلەيدۇ، ئەرلەردىن كۆپ ھاللاردا ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ تەر چىقىدۇ، ياشلاردىن ياشانغانلارغا قارىغاندا كۆپ تەر چىقىدۇ، دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەردىن ھەرىكەت قىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ تەر چىقىدۇ.

 • ئورۇق- سېمىزلىك دەرىجىسى

 سېمىزلەرنىڭ بەدىنىدىكى ياغ مىقدارى يۇقىرى، ياغنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقى بىر قەدەر ناچار بولغاچقا، بەدەندىكى مېتابولىزمدىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق ئاسانلىقچە تارقىلالمايدۇ، شۇڭا تەرلەش ئارقىلىق بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

 • كەيپىيات ھالىتى

 مەيلى قىش ياكى ياز بولسۇن، ئادەم ھاياجانلانغان، جىددىيلەشكەندىمۇ تەرلەيدۇ، ئادەتتە ئالىقان كۆپرەك تەرلەيدۇ، بۇ چاغدا سىمپاتىك نېرۋا بىر قەدەر غىدىقلىنىدۇ.

 • ئالاھىدە مەزگىل

 ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئانا بولغۇچىلاردا نېرۋا سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقتىن ۋە تەر بېزىنىڭ ئىقتىدارى كۈچىيىدىغانلىقتىن، كۆپ تەرلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋال تۇغۇتتىن كېيىن بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملىشىشى مۇمكىن.

 بىر قىسىم ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە كەلگەندە كۆپ تەرلەيدۇ، يەنە ئۆزلۈكىدىن قىزىش، تېرىسى قىزىرىش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ، كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى بەدەندىكى جىنسىي ھورمون سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

 (داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش