(1)
تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە بەدەنگە ئوزۇق بولىدىغان تۈرلۈك ئوزۇقلۇقلار بار
ئالدى بىلەن، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بار. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى %13كە يېتىدىغان بولۇپ، كالا سۈتىدىكى ئاقسىل مىقدارى (%3)دىن يۇقىرى، راك گۆشىدىكى ئاقسىل مىقدارى (%16)غا يېقىنلىشىدۇ. ئەمما، باھا جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا، تۇخۇم راكتىن كۆپ ئەرزان. تۇخۇمدا ئاقسىلنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تۇخۇم ئاقسىلىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۈرى ۋە نىسبىتى ئادەم بەدىنى ئاقسىلىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۈزۈلۈش ئەندىزىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ، تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ ھەزىم قىلىنىشى، قوبۇل قىلىنىشچانلىقى، قوللىنىلىشچانلىقىنىڭ خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بارلىق تۇخۇملاردىكى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشچانلىقى، قوللىنىلىشچانلىقى ھەتتا سۈت ۋە ئورۇق گۆشنىڭكىدىن ياخشىراق بولىدۇ.
ئاندىن، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن بار. مەسىلەن: كۆرۈش سەزگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان، كېچە قارىغۇسى كېسىلى ۋە سېرىق داغ چۈشۈش كېسىلى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋىتامىن A ۋە كىسانتوفىل بار؛ كالتىسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشى، قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئەمما باشقا كۈندىلىك يېمەكلىكلەردە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ۋىتامىن D بار؛ يەنە مەسىلەن: قاننىڭ ئۇيۇشۇشىغا پايدىلىق بولغان ۋىتامىن K قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى 255mg/100g بولۇپ، بىر تال تۇخۇم يېگەندە، ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن Aنىڭ تەخمىنەن %15ىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇخۇمدىكى كالتىسىي مىقدارىمۇ تۆۋەن ئەمەس، يەنى 56mg/100g بولۇپ، كالا سۈتىدىكى كالتىسىي مىقدارى (4.5mg~5mg/100g)دىن تەخمىنەن ئون ھەسسە يۇقىرى. تۇخۇمدىكى تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، قوللىنىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا تۇخۇمدىكى تۆمۈر مىقدارى ئانچە تۆۋەن ھېسابلانمايدۇ، ئەمما تۇخۇم تۆمۈر تولۇقلاشتىكى ئالدىن تاللايدىغان يېمەكلىك ھېسابلانمايدۇ.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تۇخۇمدىكى لېتسىتىن چوڭ مېڭە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ بەدەندىكى ياغ مېتابولىزمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق، يۈرەك مېڭە-قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق. ئۇزۇن مەزگىل لېتسىتىن كەمچىل بولسا، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ.
(2)
كۈندە بىر تال تۇخۇم يېگەندە، بەدەندە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟
1. قاندىكى ياغنى تەڭشەپ، يۈرەك مېڭە-قان تومۇر كېسىلى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ
تۇخۇمدىكى لېتسىتىن ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، ماددا ئالمىشىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئۇنى تەڭشەيدۇ، ھەر كۈنى بىر تال تۇخۇم يېگەندە، ئەمەلىيەتتە تەركىبىدە نىسبەتەن كۆپ تويۇنغان ياغ بولغان قىزىل گۆش يېگەنگە قارىغاندا، يۈرەك مېڭە-قان تومۇر سالامەتلىكىگە تېخىمۇ پايدىلىق.
تۇخۇم يېگەندە خولېستېرىن قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغان دوستلار، شۇ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ مىقداردىكى خولېستېرىن جىگەردە بىرىكىدۇ. يېمەكلىكتىكى خولېستېرىننىڭ قاندىكى ياغقا بولغان «ناچار رولى» ئاساسلىقى تەركىبىدە تويۇنغان ياغ كېسلاتاسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى مەنبە قىلغان بولىدۇ. تۇخۇمدىكى تويۇنغان ياغ كېسلاتاسىنىڭ مىقدارى كۆپ ئەمەس، گەرچە تۇخۇم سېرىقىنىڭ تەركىبىدە خولېستېرىن بار بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە تۈرلۈك ۋىتامىن، مىنىرال ماددا ۋە لېتسىتىن قاتارلىق ئادەم بەدىنى ساغلاملىقىغا پايدىلىق تەركىبلەرمۇ بار. ياغ بىلەن گۆش قەۋەتلىنىپ كەتكەن گۆشلەر، ئاق رەڭلىك كالا گۆشى قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا، تۇخۇمنى خاتىرجەم ھالدا يېيىشكە بولىدىغان ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك، دېيىشكە بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان تۇخۇم ياغدا قورۇلغان، ياغدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، ھوردا پىشۇرۇلغان تۇخۇم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە بەش دانە ئەتراپىدا تۇخۇم يېگەندە، 2 تىپلىق دىيابىت كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ پىرىنسىپى تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ئاقسىل بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش، قوبۇل قىلىنىش سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، تاماق يېگەندىن كېيىن قان قەنتىنىڭ زور دەرىجىدە ئارتىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئىنسۇلىن تېز ئاجرىلىپ چىقمىسىمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچا ھۈجەيرىسى ۋە ئىنسۇلىن قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ياكى جىددىيلىشىشىنى پەيدا قىلمايدۇ.
2. قورساق ئېچىپ كېتىشكە بەرداشلىق بەرگىلى بولىدۇ، قورساق تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ
تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە مىقدارى كۆپ ھەمدە ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى بولغان ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بار. ئاقسىلنىڭ ھەزىم بولۇش، قوبۇل قىلىنىش سۈرئىتى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭكىدىن ئاستا بولغاچقا، تاماق يېگەندىن كېيىنكى قورساق تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ خىل قورساق تويۇش تۇيغۇسى ئەكسىچە ئىشتىھانى تىزگىنلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنى ئاقسىلنى ھەزىم قىلىشتا لازىم بولىدىغان ئېنېرگىيە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ياغنى پارچىلاشتا خورىتىدىغان ئېنېرگىيەدىن كۆپ بولىدۇ. ھەزىم قىلىش ۋە چىقىرىش داۋامىدا، تۇخۇم بىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىپ بېرىدۇ.
3. كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، مېڭىنى ئوچۇق قىلىدۇ
تۇخۇمدىكى ۋىتامىن Aنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تۇخۇمنى كۈندىلىك يېمەكلىكتىكى ناھايىتى ياخشى بولغان ۋىتامىن A مەنبەسى قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋىتامىن Aنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ھايۋانات جىگىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۇخۇم ھايۋانات جىگىرىگە ئوخشاش ئاسانلا ھەددىدىن زىيادە سۈمۈرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
لېتسىتىن تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى تەرىپلەشكە ئەرزىيدىغان بىر خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى بولۇپ، چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر كۈنى بىر تال تۇخۇم يېگەندە، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك پايدىسى بار.
(3)
تۇخۇم يېيىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسا، تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى پەرقىمۇ چوڭ بولامدۇ؟
1. ياغدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم (煎鸡蛋) ۋە ياغدا قورۇلغان تۇخۇم (油炸蛋)
ياغدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ۋە ياغدا قورۇلغان تۇخۇمدىكى ياغ مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قاندىكى ياغ ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەشكە قارىتا پايدىسىز تەسىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ياغدا قورۇش، ياغدا پىشۇرۇش جەريانىدا، تېمپېراتۇرا زىيادە يۇقىرى بولغاچقا، بېنزوپىرېن، ئارىلاش ھالقىلىق ئورگانىك بىرىكمە قاتارلىق راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.
2. چالا پىشقان تۇخۇم (溏心蛋)، سېرىقى قاتمىغان تۇخۇم (温泉蛋)
بۇنداق يېيىش ئۇسۇلىدا ئىنتايىن زور يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپى بار.
بىر تەرەپتىن، تولۇق پىشمىغان تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە سالمونېللا باكتېرىيەسى قاتارلىق كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر بولۇشى مۇمكىن، ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇنىڭ بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئىنكاسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن، پىششىق تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمى خام تۇخۇمنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ.
سەي-كۆكتات، مېۋە-چىۋە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى شۇكى، تۇخۇمغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلۈپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى زىيانغا ئۇچرىمايلا قالماستىن، ئاقسىلنى ئادەم بەدىنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان بولىدۇ، پايدىلىنىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ. ئادەتتە، سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇلىدىغان تۇخۇمنىڭ ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك (7~8 مىنۇت بولسا مۇۋاپىق)، ئۇنى شوۋىگۈرۈچ، سۈت تۈرى، پۇرچاق سۈتى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەندىكى گالدا تۇرۇپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3. تۈكلۈك تۇخۇم (毛鸡蛋)
تۈكلۈك تۇخۇمنىڭ ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپى ئۇنىڭدا تازىلىق مەسىلىسى مەۋجۇت، تۈكلۈك تۇخۇملار كۆپىنچە ھاللاردا توخۇ فېرمىسىدا كېسەل پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەلەردىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، شاكالنى چېقىپ چىققۇدەك يېتىلەلمەي، شاللىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇنى يېگەندە دائىم كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەلەردىن يۇقۇملىنىش خەۋپى مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چۈجىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ تۈكلۈك تۇخۇمدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاساسەن خوراپ تۈگەيدۇ، قېپقالغان ئوزۇقلۇق ماددىلار نورمال تۇخۇمنىڭكىگە يەتمەيدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ تۈكلۈك تۇخۇمنى سىناپ باقماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.