دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى سەككىز چوڭ «تۇزاق» ھوشيار بولۇڭلار «تۇزاق»تىن ساقلىنىش كۆرسەتمىسىنى تېز كۆرۈڭ (1)
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇت-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-05 11:07:23

ھازىر دەل خىزمەت ئىزدەش پەسلى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ئورنىغا بېرىپ، كىشىلىك ھاياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى باشلايدۇ، لېكىن بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مەخسۇس بېشىدىن كۆپ ئىش ئۆتمىگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئالدامچىلىق قىلىپ، كىشىلەرنى ئالدىنى ئېلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ.

 خىزمەت تېپىش ئاسان ئەمەس، يەنە ھوشيار بولۇش كېرەك. كۆپچىلىك تىرىشىپ Offerغا ئېرىشىش بىلەن بىللە، «خىزمەت ئىزدەشتىكى تۇزاق»تىن ئېھتىيات قىلىپ، قىلتاق ۋە ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك.

 1. قارا ۋاسىتىچى تۇزىقى

 بەزى قانۇنسىز كەسىپ تونۇشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى خىزمەت تونۇشتۇرۇش نامى بىلەن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەردىن شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ھەر خىل نامدىكى ھەقلەرنى ئالىدۇ.

 ئۇلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئىجازىتى قاتارلىق ئالاقىدار سالاھىيىتى يوق، ئالاقىدار سالاھىيەت قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ياكى ياسىۋېلىپ خىزمەت ئىزدەۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

 بۇ قانۇنسىز كەسىپ تونۇشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىسىمۇ، كۆپ ھاللاردا بۇ ئىش ئورۇنلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدۇ ھەتتا ساختا ئىش ئورنى بولىدۇ.

 ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى:

 ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ئىزدىگەندە، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە مۇنتىزىم بازار ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتىنى ئالدىن تاللىشى، بازار ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت دائىرىسىنىڭ كەسىپ تونۇشتۇرۇش كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان- ئالمىغانلىقىنى، «ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسى»نى ھازىرلىغان- ھازىرلىمىغانلىقىنى ئىگىلىشى كېرەك.

 بازار ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغاندا، ئۇلارنىڭ ئاغزاكى ۋەدىسىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەي، كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى چوقۇم ئېنىق كۆرۈش، قارىغۇلارچە ئىمزا قويماسلىق كېرەك.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش