دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

پەقەت يۆتەلسىلا، قىزىسىلا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەي يۇقۇملانغان بولامدۇ؟ بىر قېتىم «مۇسبەت» چىققانلار يەنە قايتا «مۇسبەت» چىقامدۇ؟
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-12-14 16:30:12

 − گوۋۇيۇەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىزىق نۇقتا مەسىلىسىگە يېشىپ چۈشەندۈردى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى ماۋزۇسى: پەقەت يۆتەلسىلا، قىزىسىلا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەي يۇقۇملانغان بولامدۇ؟ بىر قېتىم «مۇسبەت» چىققانلار يەنە قايتا «مۇسبەت» چىقامدۇ؟ − گوۋۇيۇەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قىزىق نۇقتا مەسىلىسىنى يېشىپ چۈشەندۈردى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

   ئومىكروننىڭ كېسەل پەيدا قىلىش كۈچى ئاجىزلاۋاتىدۇ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۆپ ھاللاردىكى ئىپادىسى ئالامەتسىز، ياكى يېنىك بولىدۇ. پەقەت يۆتەلسىلا، قىزىسىلا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەي يۇقۇملانغان بولامدۇ؟ بىر قېتىم «مۇسبەت» چىققانلار يەنە قايتا «مۇسبەت» چىقامدۇ؟ ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، گوۋۇيۇەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر كەسپىي جەھەتتىن جاۋاب بەردى.

   1. سوئال: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ مۇسبەت چىققان يۇقۇملانغۇچىلار پەقەت يۆتەلسىلا، قىزىسىلا، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ھېسابلىنامدۇ؟

   جاۋاب: مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىدا پەقەت يۆتىلىش، قىزىشلا بولسا، ئۆپكىسىدە يۇقۇملىنىش كۆرۈلمىسە، يېنىك ئاغرىق مىسالى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كېسەللىك ئالامىتى يوق ھېسابلانمايدۇ.

   ھازىرقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاغرىق مىسالى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، ئومىكرون بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ۋە يېنىك تىپلىقى تەخمىنەن %90 تىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن.

   نۆۋەتتىكى ئېنىقلىمىغا ئاساسلانغاندا، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى كېسەللىك مەنبەسى ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتە مۇسبەت چىققان، مۇناسىۋەتلىك كىلىنىكىلىق ئىپادىسى بولمىغان، مەسىلەن، قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، پۇراش سېزىمى ئاجىزلاش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئۆزى ھېس قىلالايدىغان ياكى كىلىنىكىدا پەرق ئەتكىلى بولىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكى بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە CT تەسۋىر ئىلمىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى تەسۋىر ئىلمى ئالاھىدىلىكى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

   يېنىك تىپتىكى ئاغرىقلاردا ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىدىكى قىزىش، يۇتقۇنچاق قۇرۇش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، ماڭقا ئېقىش قاتارلىق يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى ھەمدە ماغدۇرسىزلىنىش، پۇراش سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئۆپكە ياللۇغى ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ.

   ئىككىنچى سوئال: بىر قېتىم «مۇسبەت» چىققانلار يەنە قايتا «مۇسبەت» چىقامدۇ؟ قانچىلىك ۋاقىتتا ئىككىنچى قېتىم يۇقۇملىنىش يۈزبېرىشى مۇمكىن؟

   جاۋاب: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن بىر قېتىم يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدە شەكىللەنگەن ئىممۇنىتېت كۈچى بەلگىلىك قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

   لېكىن ئومىكرون بەلكىم تېز سۈرئەتتە يېڭى ئىككىلەمچى تارماقنى ئۆزگەرتىپ، بىرقەدەر كۈچلۈك ئىممۇنىتېتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئىقتىدارىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇملىنىشتىن پۈتۈنلەي ساقلىنالمايدۇ.

   ئەمما، چەت ئەللەردىكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئومىكرون بىلەن يۇقۇملىنىپ، مەيلى كېسەللىك ئالامىتى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم يۇقۇملىنىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدىكەن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئومىكرون بىلەن تەكرار يۇقۇملانمايدىكەن.

   شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولۇپ، بۇ ماسكا تاقاش، قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى پائال ئەملەپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

   ئۈچىنچى سوئال: تەكرار يۇقۇملىنىش كېسەللىك ئالامىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتەمدۇ؟

   جاۋاب: نۆۋەتتە تەكرار يۇقۇملانغاندا تېخىمۇ ئېغىر كىلىنىكىلىق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىلمىدى.

   نۆۋەتتىكى ئاغرىق مىساللىرىدىن قارىغاندا، ئايرىم ئاغرىقلاردا تەكرار يۇقۇملانغاندا كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلىشىش خاھىشى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ نىسبەت ئىنتايىن تۆۋەن. ئومىكرون ۋىرۇسىنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش كۈچى ئاجىزلىدى، مەيلى بىرىنچى قېتىم يۇقۇملانغان بولسۇن ياكى قايتا يۇقۇملانغان بولسۇن، ئېغىر كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش