دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

نېمە ئۈچۈن مۇزىكا ئاڭلىسا كەيپىيات تەڭشىلىدۇ
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-09-16 18:48:15

ئىنسانلار تەبىئىيلا مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدۇ، مۇزىكىنىڭ ئاكتىپ كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ، پاسسىپ كەيپىياتنى ئازايتىش جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك رولى بار، ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن مۇزىكىنىڭ بۇنداق ئاجايىپ كۈچى بولىدۇ؟ ئامېرىكا ئىللىنوئىس داشۆسى سپرىنگفيېلد شۆبە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شاھرام ھېشمات تۈرلۈك تەتقىقاتلارنى يەكۈنلەپ مۇنداق جاۋاب بەردى:

بىرىنچى، مۇزىكا كىشىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. مۇزىكا چوڭ مېڭىنىڭ خۇشاللىقنى ھېس قىلىش سىستېمىسىنى غىدىقلايدۇ، خۇددى يېمەكلىك، جىنسىي تۇرمۇش، پۇلغا ئوخشاش كىشىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

ئىككىنچى، بەدەن رىتىمى بىلەن مۇزىكا ئوخشاش چاستوتىدا تەۋرىنىدۇ. مۇزىكا ئاڭلىغاندا، كىشىنىڭ بەدەن رىتىمىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، مەسىلەن، يۈرەك رىتىمى مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ تېزلىشىدۇ ياكى ئاستىلايدۇ، ئاخىرىدا ئوخشاش چاستوتىدا تەۋرەيدۇ. بولۇپمۇ شوخ، جۇشقۇن مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندا، كىشىنىڭ بەدىنى مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنىدۇ، مەسىلەن، بېشىنى لىڭشىتىدۇ، پۇتىنى تەۋرىتىدۇ، قولى بىلەن ئۈستەل يۈزىنى ئۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن كىشىلەر چېنىققاندا مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى مۇزىكا يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغاش رولىنى ئويناپ، ھەرىكەتنى كۈچىمەيلا ئورۇندىتىدۇ.

ئۈچىنچى، مۇزىكا ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئېسىگە سالىدۇ. مۇزىكىنىڭ ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئويغىتىش رولى بولىدۇ. مەسىلەن، ئەينى يىلىدىكى توي مۇراسىمىدا قويۇلغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندا، شۇ چاغدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈش، گۈزەل ئەسلىمىلەر كۆز ئالدىدا ئەكس ئېتىپ، كىشىگە ئىللىق تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.

تۆتىنچى، مۇزىكا كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى ئىگىلىگەنگە ئوخشاش، كىشىلەرمۇ مۇزىكىدىن ئۆز كەيپىياتىنى ھېس قىلالايدۇ. مەسىلەن، قايغۇلۇق مۇزىكا كىشىنى قايغۇغا سالىدۇ، شوخ مۇزىكا ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىدۇ. بۇ خىل «ئورتاقلىق» كىشىگە ئۆزىنى چۈشەنگەندەك، قەلبىنى تىنچلاندۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.

بەشىنچى، مۇزىكا ئاڭلىغاندا خىيالىدا گۈزەل كۆرۈنۈشلەر پەيدا بولىدۇ. مۇزىكا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا تەسۋىر شەكىللەندۈرىدۇ، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مۇزىكا كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئىگە بولغان غىدىقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ. مۇزىكا ئاڭلىغاندا كاللىسىدا پەيدا بولغان تەسۋىرلەر، مۇزىكا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزىدۇ.

ئالتىنچى، «ئۆزىگە ئاتاپ يازغان»دەكلا ناخشا تېكستى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. «ئۆزىگە ئاتاپ يازغان»دەكلا ناخشا تېكىستى كىشىنىڭ قەلب تارىنى چېكىدۇ، كىشى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا يوشۇرۇنغان ھېسسىيات ۋە تەسىراتلىرىنى قوزغايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش