دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

بۇرۇننى يۇيۇپ تۇرۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-16 12:02:30

زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغىنىڭ %90تىن كۆپرەكى چاڭ-توزان زىيادە سېزىمچانلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان تار بوشلۇقتا تۇرغاندا، چاڭ-توزان كانىسىنىڭ قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىپ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، زۇكامغا ئوخشاپ كېتىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بۇرۇن ياللۇغىدا چۈشكۈرۈپ، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش ئالامەتلىرى ئادەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ، شۇڭا ھەممىسى زۇكام دەپ قارىلىپ داۋالىنىدۇ. نۆۋەتتە زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. %60تىن ئارتۇق بۇرۇن كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسىدە زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى بار ئىكەن، كۆپ قىسىم بىمارلارمۇ چۈشكۈرۈش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش چوڭ ئىش ئەمەس دەپ قارايدىكەن. كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ ساندىكى زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى ئادەتتە دوختۇرخانىدا داۋالانمايدىكەن. شۇڭا نۇرغۇن ئېغىر قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك كېسەللىكلىرى كىشىلەرنىڭ داۋالاش ئېڭىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇرۇن مونچاق گۆشى، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش كېرەك.

كۈندە بۇرۇننى يۇيۇپ بەرگەندە، بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئازابىنى زور دەرىجىدە پەسەيتىپ، باشقا بۇرۇن كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
1. بۇرۇن يۇيۇشنىڭ پايدىسى. بۇرۇننى يۇيغاندا بۇرۇندىكى ئارتۇق ئاجرالمىلارنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، بۇرۇن بوشلۇقىغا ئازادە، پاكىز مۇھىت يارىتىپ، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ئانافىلاكتوگېننى ئازايتىپ، توزانسىمان سالجا ياكى باشقا كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ سانىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بۇ بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، بۇرۇن ياللۇغى، ماڭقا ئېقىش، چۈشكۈرۈش ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.


2. بۇرۇننى يۇيۇش قايسى كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدۇ؟

كۆپ قىسىم بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بىمارلىرى بۇرۇنىنى يۇيۇپ بېرىش كېرەك، بۇرۇن يۇيۇش بۇ بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرىدۇ. بۇرۇن قىسمىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغان بىمارلار، مەسىلەن: بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى ئوپېراتسىيەسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇرۇننى يۇيۇش ئارقىلىق ئارتۇق يارا ئېغىزى قاقاچ تۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئاجرالمىلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

08.png

3. بۇرۇن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئۆزى تەييارلىسا بولامدۇ؟
بۇرۇننى يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئۆز ئالدىغا تەڭشىگىلى بولىدۇ، قايناقسۇ بىلەن تۇزنى 1000:9 نىسبەتتە تەڭشىسىلا بولىدۇ، تۇز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇراسى ئادەم بەدىنى بىلەن ئوخشاش بىر تېمپېراتۇرا دائىرىسىدە بولۇشى، بۇرۇننى غىدىقلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر تەڭشەش نىسبىتىنى ياخشى ئىگىلىيەلمىگەندەك ھېس قىلسىڭىز، دورىخانىغا بېرىپ يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان فىزىيولوگىيەلىك تۇز سۈيى ياكى تەييار بۇرۇن يۇيۇش مەخسۇس تۇزى سېتىۋېلىپ، چۈشەندۈرۈش بويىچە يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تەييارلىسىڭىز بولىدۇ.

4. بۇرۇن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرىنچى ئۇسۇل: ئىككى قولدا بۇرۇن يۇيۇش سۈيىنى تۇتۇپ، بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرگۈزۈپ ئىشلىتىش؛ ئىككىنچى ئۇسۇل: بۇرۇن سۈمۈرگۈچ سېتىۋېلىپ، چۈشەندۈرۈش بويىچە ئىشلىتىش كېرەكتى (بۇ ئۇسۇل تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، بۇرۇن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى سۈمۈرۈش تېخىمۇ ئاسان). بۇرۇننى كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە يۇيۇش، بۇرۇن ياللۇغى ئېغىر بولغاندا نەچچە قېتىم ئارتۇق يۇيۇشقا بولىدۇ.
بۇرۇن ئاسراشقا نۇرغۇن كىشىلەر ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان، بۇرۇن مونچاق گۆشىنى ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئاندىن بۇرۇننى ئاسراشنى ئېسىگە ئالىدۇ. بۇرۇن يۇيۇش بىر قەدەر ئاددىي ھەم تەننەرخى يۇقىرى بولمىغان بۇرۇن ئاسراش ئۇسۇلى. شۇڭا بۇرنىڭىزنى يۇيۇپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش