دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

كۈز پەسلىدە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-09-15 10:30:48

كۈز پەسلى كىرگەندىن كېيىن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى، يېمەك-ئىچمەك ياكى كىيىم-كېچەكنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى گەرچە بىر قەدەر كىچىك كېسەللىك بولسىمۇ، لېكىن تاماق يېگەندە، چىش چوتكىلىغاندا، بەزىدە ھەتتا گەپ قىلغاندىمۇ قاتتىق ئاغرىيدۇ. ھازىرغا قەدەر ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا قارىتا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا يوق، شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن ئۈنۈملۈك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

قانداق قىلىپ كۈز پەسلىدە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؟

1. يېمەك-ئىچمەك مايسىز بولۇش

ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ پەيدا بولۇشى يېمەك-ئىچمەك بىلەنمۇ بەلگىلىك مۇناسىۋەتلىك. ئاچچىق-چۈچۈك شورپا، يەل قازان شورپىسى قاتارلىق ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەر ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، كۈز پەسلىدە بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، قارىمۇچ، خام سامساق، غولپىياز قاتارلىق ئاچچىق يېمەكلىكلەرنىمۇ ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش كېرەك. كۈز پەسلىدە ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن نەشپۈت، ئالما قاتارلىقلار.

2. كەيپىياتنى تىنچلاندۇرۇش

كۈز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ داۋالغۇشى تۈپەيلىدىن ئاسانلا ئادەمنىڭ ئىچى تىتىلداپ، كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا كۈز پەسلىدە ئامال بار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ۋە ئازادىلىك ھېس قىلىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش كېرەك.

04.png

3. پات-پات چىش چوتكىلاش

باكتېرىيەمۇ ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇڭا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ۋە كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم چىش چوتكىلاش، تاماق يېگەندىن كېيىن دەرھال ئېغىز چايقاش كېرەك. ئەگەر ئېغىزدا غەيرىي پۇراق بولسا، سۇس تۇز سۈيى ياكى دورىلىق ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئېغىز چايقاشقا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئازايتىپ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

4. يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش

ئۇزۇن مۇددەت ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولمىسا، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قايتا قوزغىلىدۇ. چۈنكى زىيادە چارچاش ۋە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىلدۇر. ئادەتتە بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر قوپۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، ھەر كۈنى بەدەنگە يېتەرلىك سۇ تولۇقلاش، زۆرۈر بولغاندا مۇۋاپىق تۇز سۈيى، يېشىل چاي ۋە ماش شورپىسى قاتارلىق ئىسسىقنى ھەيدەش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش