دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ۋىتامىن تولۇقلىغاندا مىقدارى چەكتىن ئېشىپ كەتسە زەھەرلىنىپ قالىسىز
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-04-28 19:11:17

 ۋىتامىن ــ ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال مېتابولىزمى ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ساقلاشتا زۆرۈر بولغان بىر تۈرلۈك ماددا. ۋىلايەتلىك 1 ـ خەلق دوختۇرخانىسى دورا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ جۈەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋىتامىن كىلىنىكىدا ئاساسلىقى ۋىتامىن كەملىك كېسىلى ۋە بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ داۋالاش بويىچە قوشۇمچە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، تاماق تاللاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋىتامىننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى يېتەرلىك بولماسلىق، ياكى كېسەل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋىتامىننىڭ سۈمۈرۈلۈشى قالايمىقانلىشىش، ياكى بەزى ئالاھىدە كېسەللەرگە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن تولۇقلاش زۆرۈر بولۇش قاتارلىقلار. ئەگەر ئادەتتە ۋىتامىننى ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە قالايمىقان تولۇقلىغاندا مىقدارى چەكتىن ئېشىپ كېتىپ زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

جاۋ جۈەن مۇنداق دېدى: ۋىتامىن A ئۆسۈش، كۆپىيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك، ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە شىللىق پەردە ئۈستۈنكى تېرىسىنىڭ نورمال ئاجرىتىپ چىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ، ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن A تۈرىدىكى ماددىلار راكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى توسۇش رولىنى ئوينايدۇ. ۋىتامىن A كەملەپ كەتكەندە ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ، قاراڭغۇغا ماسلىشىش ئىقتىدارى چېكىنىپ تۈن قارىغۇسى بولۇپ قالىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىر قېتىمدا تولۇقلاش مىقدارى 1 مىليون Uدىن، بالىلارنىڭ 300 مىڭ Uدىن ئېشىپ كەتسە جىددىي خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ؛ مەيلى قۇرامىغا يەتكەنلەر بولسۇن ياكى بالىلار بولسۇن، ئەگەر ئۇدا ئالتە ئاي ھەر كۈنى 100 مىڭ Uدىن ئارتۇق ۋىتامىن A تولۇقلىسا سوزۇلما خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭدا سۆڭەك ئاغرىش، ئەسۋە، قىچىشىش، چاچ ـ تۈكلەر قۇرغاقلىشىپ تۆكۈلۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

جاۋ جۈەن مۇنداق دېدى: ۋىتامىن B گۇرۇپپىسى ئادەتتە پۇت تەمرەتكىسى كېسىلى ۋە ئەتراپ نېرۋا ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىر كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تولۇقلاش مىقدارى 1000 مىللىگىرام بولۇشى كېرەك، چەكتىن ئېشىپ كەتسە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىتامىن C نى مۇۋاپىق تولۇقلىغاندا تۆمۈر كەملىكتىن بولىدىغان قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ، يەنە تېرىنى سۈزۈلدۈرۈش، داغنى سۇسلاشتۇرۇش رولى بار. ۋىتامىن D سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى ۋە راخت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈندە 100 مىڭ IUدىن 150 مىڭ IUغىچە، كىچىك بالىلار ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 2000 IU دىن ئۇدا ئىككى ـ ئۈچ ئاي تولۇقلىسا زەھەرلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ۋىتامىن E ئادەم تېنىنىڭ نورمال كۆپىيىش ئىقتىدارىدا كەم بولسا بولمايدۇ، شۇنداقلا مۇھىم بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ ھېسابلىنىدۇ، ۋىتامىن Eنى كۆپ مىقداردا تولۇقلىغاندا ئاشقازان ـ ئۈچەي يولىغا ئەكس تەسىر قىلىدۇ، باش ئاغرىش، باش قېيىش، قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەر كۈنى 300 مىللىگىرامدىن 800 مىللىگىرامغىچە تولۇقلىغاندا مۇسكۇل ماغدۇرسىزلىنىش، چارچاش، باش ئاغرىش ۋە كۆڭلى ئېلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىتامىن K يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى قاناش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى قاناش ۋە گېموروينىڭ ئالدىنى ئېلىش، فىزىيولوگىيەلىك مەزگىلدە كۆپ مىقداردا قان چىقىشنى ئازايتىش، قاننىڭ نورمال ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق فىزىيولوگىيەلىك رولى بار، ۋىتامىن K نى كۆپ مىقداردا تولۇقلىغاندا ئوكسىدلىنىش زىيانغا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئېرىش، قىزىل قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىش، تال ئىششىش، بۆرەك ۋە جىگەر زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بالا، بالدۇر تۇغۇلغان بالىدا قان ئېرىش خاراكتېرلىك قان ئازلىق ۋە يۇقىرى تۆمۈرلۈك قىزىل قان ئاقسىل كېسىلى ۋە سېرىقلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جاۋ جۈەن كۆپچىلىككە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بەدىنىدە ۋىتامىن كەملەپ كەتمىگەن ياكى يېنىك دەرىجىدە كەملىگەن كىشىلەر ئادەتتە يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلىسا بولىدۇ، ئوتتۇراھال، ئېغىر دەرىجىدە ۋىتامىن كەملەپ كەتكەن بىمارلار دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇناسىپ ۋىتامىننى تولۇقلىشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ۋىتامىننى ئۆزىڭىز خالىغانچە تولۇقلىماڭ.

  (مۇخبىرىمىز جاڭ چېنجۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش