دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئوبزور

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-31 11:02:40

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

 شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا: «ھازىر شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىلگىرىلىمىسەك چېكىنىپ كېتىمىز، ئاستا ئىلگىرىلىسەكمۇ چېكىنىپ كېتىمىز، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېما تەپەككۇرى، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ماس ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىر تاختا شاھماتنى ياخشى ئويناشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى نامايان قىلىپ، بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇشىمىز ئۈچۈن ئۇسۇل ۋە يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

«ھەرقانداق شەيئىدە ئارتۇقچىلىقمۇ بولىدۇ، كەمتۈكلۈكمۇ بولىدۇ.» ئارتۇقچىلىق رىقابەت كۈچىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ ئەۋزەللىك، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى؛ كەمتۈكلۈك ھەم ئاجىز نۇقتا، ھەم ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «ئارتۇقچىلىق» ۋە «كەمتۈكلۈك»نى بىلگەندىلا، ئاندىن ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

ئەۋزەللىكنى كۆرۈپ كۆڭۈلدە سان بولسا، تولۇق غەيرەتكە كەلگىلى بولىدۇ. بىز جەزمەن شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا رەھبەرلىكى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئەڭ زور سىياسىي ئەۋزەللىك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىشى، ئالاھىدە مەدەت بېرىشى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم سىياسەت ئەۋزەللىكى؛ ئۆزگىچە تارىخىي ئادىمىيەت ۋە تەبىئىي مەنزىرە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۆزگىچە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىك؛ بىپايان تۇپراق ۋە يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك بولغان سۇ بايلىقى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان تەبىئىي شارائىت ئەۋزەللىكى؛ مول ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق − شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بايلىق ئۈستۈنلۈك ئەۋزەللىكى؛ «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش» «غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش»تەك رايون ئورنى شارائىتى − شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشتىكى ئېچىۋېتىش رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدۇر. بۇ ئەۋزەللىكلەرنى كۆرگەندە، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ئىشەنچكە تولۇپ، ئارتۇقچىلىقىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

كەمتۈكلۈكنى كۆرۈپ، پەرققە توغرا قارىغاندىلا تېز يېتىشىۋالغىلى بولىدۇ. بىز جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنە خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلمىسى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى، سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرىجىسى، تارىخ، ئادىمىيەت ۋە تەبىئىي بايلىقلاردىن قېزىپ پايدىلىنىش، شەھەر - يېزا رايونلىرىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، قابىلىيىتى ۋە خىزمەت ئىستىلى قاتارلىق جەھەتلەردە كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. بۇ كەمتۈكلۈكلەردە ھەم پەرق، قىيىنچىلىق، شۇنداقلا يوشۇرۇن كۈچ، بوشلۇق مەۋجۇت، تېخىمۇ مۇھىمى بۇلار ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچ، مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. بۇ كەمتۈكلۈكلەرنى تۇتقاندىلا، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كىشەندىن قۇتۇلۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرەلەيمىز.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. پەقەت «ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرغاندىلا» ئاندىن «ئەڭ يۇقىرى پەللە»دىن ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؛ پەقەت «كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىغاندىلا» ئاندىن ئۈزلۈكسىز تۈردە كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش جەريانىدا ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئارتۇقچىلىقنى تېخىمۇ پۇختا قىلىپ تاۋلاشنى؛ ھەم مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشقا چىڭ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تەپەككۇر، تۇراقلىشىپ قالغان تەپەككۇر، كونىلىققا ئېسىلىۋېلىشنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بىز ئاندىن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى يول ئېچىش ۋە ئۇنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولالايمىز.

كەسكىن ۋەزىيەتتە قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، شىنجاڭمۇ تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ياخشى تەتبىقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ دەۋر پۇرسىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش