دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئوبزور

مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلايلى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-01-09 10:19:00

− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

 شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

مەسىلە − دەۋرنىڭ ساداسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ بىرى دەل مەسىلە يۆنىلىشىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆتكەن بىر يىللىق نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، مەسىلە يۆنىلىشىدىن تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پەرق، كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىككە توغرا قارىلىپ، خىزمەتتە ساقلانغان بەزى ئاساسلىق مەسىلىلەر مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىنىپ، ۋىنتا چىڭىتىلىپ، كۈچلۈك مەسىلە ئېڭى ۋە راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلى نامايان قىلىندى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئارقىلىق تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق. ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، كۆزلىمىدىن ھالقىغان تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلىدى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا، بىز تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەمدە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كەلدۇق ھەم دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، جەزمەن دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، سىستېما قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىش ئالدىنقى شەرت. مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىش، خاتالىقنى باتۇرلۇق بىلەن تۈزىتىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى. مەسىلىگە دادىل يۈزلەنگەندىلا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئاچالايمىز. ئەگەر ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالساق، ھەتتا ئۆزىمىزنى قاچۇرساق، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى كۆزنەك مەزگىلى قولدىن كېتىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەت جەريانىدا يولۇققان يېڭى مەسىلىلەر، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتا ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن جەزمەن ئۆزىمىزنى قاچۇرماي، ئۇنى يوشۇرماي، ئۇنىڭدىن باش تارتماي، مەسىلىنى كۆزلەپ، مەسىلىگە يۈزلىنىپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىز، قانداق مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

مەسىلىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئاچقۇچ. زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا، مۇھىم ھالقىنى تۇتماي، يۈزەكى ئىش كۆرۈش كېرەكمۇ ياكى دەل جايىغا تەگكۈزۈپ، تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەكمۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى زور دەرىجىدە ئوخشاش بولمايدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش، قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەش ئاساسىدا، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى چىقىرىش كېرەك؛ كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسى ياكى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسى، ئىدىيەسى قاتمال بولۇش، چارىسى دەل جايىدا بولماسلىق مەسىلىسى ياكى ئاساسىي مەقسەت ئېڭى مۇستەھكەم تىكلەنمەسلىك مەسىلىسى ۋە ياكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، رېئال قاراتمىلىققا ئىگە ھەل قىلىش لايىھەسىنى چىقىرىش كېرەك.

مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىش مەقسەت. مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، مەسىلىنى تەتقىق قىلىش ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. مەسىلىنى ھەل قىلىش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، كەمچىلىكىنى دادىل ئاشكارىلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ساقلاپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، زىددىيەتكە يولۇققاندا ئەگىپ مېڭىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، «يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق»قا، دۇمباق چېلىپ گۈل يەتكۈزۈش بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ؛ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇر، سىستېما تەپەككۇرى، ئىجادىي تەپەككۇر، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تەپەككۇر، تۇراقلىشىپ قالغان ئەندىزە، كونىلىققا ئېسىلىۋېلىشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى چارىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

دۇنيانى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىش جەريانى مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىدۇر. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، «قىيىنچىلىقتىن قاچمايدىغان، مەسئۇلىيەتتىن قاچمايدىغان» مەسئۇلىيەتچانلىق روھىغا ئىگە بولۇشى، مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش