دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئوبزور

خەلق گېزىتىدە «ۋاقىت بۆلىكىدىكى چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى توغرىسىدا» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-21 11:59:02

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت، 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان خەلق گېزىتىدە «ۋاقىت بۆلىكىدىكى چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى توغرىسىدا» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 2022 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 16 ـ كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ۋاقىت بۆلىكىگە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىزلىرى خاتىرىلەندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى تاللىدى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا نېمە ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ قېتىمقى يىراق سەپەرگە چىقتى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشىنىڭ قانداق چوڭقۇر ئەھمىيىتى بار... ۋاقىت بۇلارغا جاۋاب بەردى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: تۇنجى قېتىم − يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىش، «ئېكراندا سۆزلىشىش»تىن «يۈزتۇرا سۆزلىشىش»كىچە؛ توققۇز يىل − «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بۈگۈنكىچە توپتوغرا توققۇز يىل بولدى، «چوڭ سىزما رەسىم»دىن «نەپىس رەسىم»گىچە؛ يېرىم يىل − ئەتىيازدىن كۈزگىچە، يەنە بىر قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇش، بېيجىڭدىن سەمەرقەنتكىچە؛ بىر ئاي − پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا يەنە بىر ئاي ۋاقىت بار، «جۇڭگوغا نەزەر سېلىش»تىن «جۇڭگونى چۈشىنىش»كىچە.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە «جۇڭگونىڭ دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، دۇنيانىڭ جۇڭگوغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇلغان.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئومۇميۈزلۈك تۈزۈپ چىقىلىدۇ. ئۇلۇغۋار پىلاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى سۈرەتلىنىش بىلەن بىللە، يەنە دۇنيا پۇرسىتى مۇجەسسەملەنگەن، «ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق رايون، دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش