دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئوبزور

يۈ شيۇسۇڭ: شىنجاڭدا ماركسىزمنى تارقىتىشنىڭ باشلامچىسى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-03-02 10:42:28

ھېكايىلەر توپلىمى

يۈ شيۇسۇڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئامما بىلەن بىللە. (لى دۇڭ سىزغان)

[ئىستون سۆزى]

بىر ھېكايە بىر مۇنچە داۋلىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، بىر ھېكايە نۇرغۇن سۆزلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى 100 يىللىق مۇساپىسىدە، تىللاردا داستان بولغۇدەك نۇرغۇن قەھرىمان شەخسلەر مەيدانغا كەلدى، جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەر يۈزبەردى، ئۇنتۇلغۇسىز قىممەتلىك دەقىقىلەر باشتىن كەچۈرۈلدى... بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ «پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھېكايىلەر توپلىمى» سەھىپىسىنى ئېچىپ، قىزىل نۇر چېچىپ تۇرىدىغان تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قېزىپ چىقىپ بايان قىلىدۇ، بۇنىڭدىن بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت سەمىمىي ساداقىتى ۋە ئەسلىي مەقسىتىنى ھېس قىلىپلا قالماي، تۈركۈم - تۈركۈم كوممۇنىستلارنىڭ مۇشۇ تۇپراق ئۈچۈن كۆرسەتكەن مىسلىسىز جاپالىق تىرىشچانلىقىنى ھېس قىلالايمىز، ئۇلارنىڭ يۈكسەك ئېتىقادى، شەخسىيەتسىز روھى ۋە ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلىتىنى ھېس قىلالايمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلاردىن مەنىۋى كۈچ ئېلىپ، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە دادىل قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ چۇنخۇا

سىز بەلكىم تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى، شىنجاڭ شۆيۈەنى (ھازىرقى شىنجاڭ داشۆ)دە ۋە ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسخانىسىدا، ماركسىزم - لېنىنىزم سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئىشنى باشلىغۇچى كومپارتىيە ئەزاسى يۈ شيۇسۇڭ.

يۈ شيۇسۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 1 - قارارلىق شۇجىسى بولۇپ، «كومپارتىيە خىتابنامىسى»نى تەرجىمە قىلغۇچى چېن ۋاڭداۋنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.

ئۇنىڭ ھاياتى ماركسىزمغا بولغان ئىنتايىن مۇستەھكەم ئېتىقادنى شەرھلەپ بەردى.

1935 - يىلى 5 - ئايدا، يۈ شيۇسۇڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ۋاڭ شوۋچېڭ) كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتىشى بىلەن، بىر تۈركۈم كوممۇنىستلارنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر سىياسىي پىروگراممىسى «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»نى تۈزۈشى ۋە يولغا قويۇشىغا ياردەملىشىپ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭنىڭ چىرىك، قالاق سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۈكسەلدۈرۈپ، مائارىپ - مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشقان.

شىنجاڭدا تۇرغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، يۈ شيۇسۇڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، قوشۇمچە شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، دۇبەن مەھكىمىسى چېگرا مۇداپىئە سىياسىي تەلىم - تەربىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، ئاۋىياتسىيە مەكتىپى ۋە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1935 - يىلى 11 - ئايدا، يۈ شيۇسۇڭ شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، «مىللەتنى شەكىل، ماركسىزم - لېنىنىزمنى مەزمۇن قىلىش»تىن ئىبارەت مائارىپ فاڭجېنىنى تۈزۈپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزم - لېنىنىزم ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ شۆيۈەنىدە ماركسىزملىق كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى بويىچە ئويغىتىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان. شىنجاڭ شۆيۈەنى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ماركسىزمنى تارقىتىشتىكى مۇھىم بازىغا ئايلانغان.

شىنجاڭ شۆيۈەنىگە يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1 - سائەتلىك دەرسى مۇدىر يۈ شيۇسۇڭ يازغان «شىنخەي ئىنقىلابىدىن ساۋاق» دېگەن ماقالە بولغان. ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1 - سائەتلىك دەرسى مەكتەپ مۇدىرى يۈ شيۇسۇڭ ئۆزى سۆزلىگەن «ئىنقىلابىي كىشىلىك ھايات قارىشىنى تۇرغۇزۇش» بولغان. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىنقىلابنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش توغرىسىدا سەمىمىي تەلىم بەرگەن. ئۇ ئىنقىلاب، ئۆگىنىش، ئىنقىلابىي ئائىلە قۇرۇشنى كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ چوڭ خۇشاللىق دەپ بىلگەن.

شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى سۈپىتىدە، يۈ شيۇسۇڭ بىر تۈركۈم كوممۇنىستلارنى يېتەكلەپ بۇ تەشكىلات شەكلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ماركسىزمنى زور كۈچ بىلەن تارقاتقان. ئورگان گېزىتى «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش سېپى»نى تەسىس قىلىپ، باش ماقالە يازغان؛ بىرلەشمە ئەزالىرى تەربىيەلەش كۇرسىنى قەرەللىك ئۇيۇشتۇرۇپ، ماركسىزملىق پەلسەپە، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم قاتارلىقلاردىن دەرس سۆزلىگەن؛ مەدەنىيەت كىتابخانىسى قۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى تارقاتقان. ماركسىزم شىنجاڭ تۇپرىقىدا كەڭ تارقىلىپ، ئەينى چاغدا ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن.

1937 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شېڭ شىسەي ئاتالمىش ئۆلكە مەركىزىدىكى «سۇيىقەستلىك توپىلاڭ دېلوسى»دىن پايدىلىنىپ، يۈ شيۇسۇڭنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا يالاپ ئاپارغان. 1939 - يىلى 2 - ئايدا يۈ شيۇسۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاشنى كېڭەيتىۋېتىش جەريانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، شۇ چاغدا ئۇ 40 ياشتا ئىدى.

1962 - يىلى، يۈ شيۇسۇڭ دۆلەت خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىندى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈ شيۇسۇڭغا مەجبۇرىي تېڭىلغان بارلىق تۆھمەتلەر، ئاساسسىز سۆزلەرنى تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ پارتىيە ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تارىخىدىكى تېگىشلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

يۈ شيۇسۇڭنىڭ خوتۇنى ئەن جىجيې(ئەسلىي ئىسمى شېڭ شىتۇڭ) ھايات ۋاقتىدا يۈ شيۇسۇڭ ئېيتقان سۆزلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: سىز كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئىشىنىڭ، سىز پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئىبارەت ئىشەنچنى چىڭىتىڭ، كەلگۈسىدە خەلق چوقۇم ئازاد بولىدۇ، غەلىبە چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ!

(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان)



مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:مۇختار ئابدۇقادىر

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش