دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى | لوپنۇر ناھىيەسى: ئاقىل باشقۇرۇش زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى پەن-تېخنىكا بىلەن قاناتلاندۇردى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-09-25 12:56:55

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ئۆتكۈر نىجات، خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى)

    9-ئاينىڭ 19-كۈنى، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» بويىچە شىنجاڭ باش تېما زىيارەت پائالىيىتىدىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىنىڭ مۇخبىرلىرى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ «جىفېي پەن-تېخنىكىسى» ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىكى 3000 مو «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»كە بېرىپ، ئاقىل باشقۇرۇشنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقانلىقىنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىنىڭ مۇخبىرلىرى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى «جىفېي پەن-تېخنىكىسى» ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا زىيارەتتە بولماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

    «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك» تۈرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىفېي يېزا ئىگىلىك ئاۋىياتسىيە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جىفېي پەن-تېخنىكىسى» دېيىلدى) 2021-يىلى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرىدا بەرپا قىلغان تۈر. بۇ تۈر «جىفېي پەن-تېخنىكىسى» لوپنۇر ناھىيەسىدە يولغا قويغان دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئادەمسىز كېۋەزلىك دېھقانچىلىق مەيدانى تۈرى بولۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى كەڭ كۆلەملىك تېرىقچىلىق مەيدانىغا قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەشنى مەقسەت قىلغان. ئىككى يىلدا، «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»نىڭ مو بېشى ھوسۇل مىقدارى يىلمۇيىل ئېشىپ، سېلىنما زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كۆرۈنەرلىك بولغان.

    2022-يىلى، «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تە ئادەمسىزلەشتۈرۈش نىسبىتىنىڭ %75.2 بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شۇ يىلى ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 403.6 كىلوگىرام بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پەرۋىش مەزگىلىدە تۈرلۈك تېخنىكىلىق ۋاستىلەر قوللىنىلىش ئارقىلىق، ئەتراپتىكى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ئائىلىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش زور دەرىجىدە ئازايتىلدى. شۇ جايدىكى نۇرغۇن دېھقانچىلىق ئائىلىلىرى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ كېۋەز تېرىشقا باشلىدى.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، «جىفېي پەن-تېخنىكىسى»نىڭ تېخنىك خادىمى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدىن پايدىلىنىپ «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»كە ئائىت ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

«دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تىكى قىسمەن غوزەكلەر يېرىلىپ، ئاپئاق پاختا بولۇپ ئېچىلدى (9-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

    لوپنۇر ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى بولۇپ، پاختا كىرىمى پۈتۈن ناھىيەدىكى دېھقانلار كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، ئۇچۇرلاشقان يېزا ئىگىلىك يېڭى پەن-تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى %98.7كە يەتتى.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرىدىكى 3000 مو «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»كە بوشلۇقتىن نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، «جىفېي پەن-تېخنىكىسى»نىڭ خىزمەتچى خادىمى ئۈسكۈنىنى تەڭشىمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا كېۋەزلىككە ھاشاراتتىن ساقلىنىش دورىسى چېچىلماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، «جىفېي پەن-تېخنىكىسى»نىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى باشقۇرۇپ كېۋەزلىككە دورا چېچىش خىزمىتىنى تاماملىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، «جىفېي پەن-تېخنىكىسى»نىڭ خىزمەتچى خادىمى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى تەكشۈرۈپ، «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»كە دورا چېچىشقا تەييارلانماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، «جىفېي پەن-تېخنىكىسى»نىڭ خىزمەتچى خادىمى ماشىنىنى باشقۇرۇپ ئاپتوماتىك ئوت ئوتىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش