دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

ياخشى «مول ھوسۇل» مەنزىرىسىنى ئورتاق يارىتىپ، مول ھوسۇل ئۇچرىشىشىغا ئورتاق ئاتلىنىش
ــ ۋىلايىتىمىزنىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قىسمى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-09-22 11:15:39

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ شىنچاڭ

ئالتۇن كۈزدە، ۋىلايىتىمىز رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، تۈرلۈك زىرائەتلەر كەينى ـ كەينىدىن پىشىپ يىغىۋېلىندى، ھەممىلا يەردە دېھقانلارنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.

ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاشۇرۇش ياخشى تۇتۇلدى

كۆممىقوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ ياخشى پەيتى كەلدى، ھەممە جاي ئالتۇن رەڭگە كىرىپ ئامبار ئاشلىققا تولدى. 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى تۆۋەنمەھەللە كەنتىدىكى كۆممىقوناق تېرىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، چوڭ تىپتىكى كومبايىنلار موكىدەك ئۆتۈشۈۋاتقان بولۇپ، ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئالتۇندەك كۆممىقوناقلار يىغىۋېلىندى. 

كەنت ئاھالىسى سالامجان مەمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 160 مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىغان، ھازىرقى بازارغا قارىغاندا، خېلى ئوبدان كىرىم قىلالىغۇدەكمەن.

تۈمەنمىڭ ئىش ئىچىدە تاماق مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىم. ۋىلايىتىمىز يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق چوڭ رايونى بولغاچقا، ھەرقايسى جايلار ئاشلىق بىخەتەرلىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش كۆلىمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەش ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈردى.

يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 1 مىليون 380 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 80 مىڭ توننىدىن كۆپرەك ئاشتى؛ 2 مىليون 520 مىڭ مو كۆممىقوناق جىددىي يىغىلماقتا؛ 108 مىڭ 300 مو شالدىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد زور. بۇ يىل، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇل»لارنى يۈرۈشلەشتۈرۈش تەدبىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىدى.

ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاشۇرۇش ــ ۋىلايىتىمىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ياخشى ئاساس سېلىپلا قالماي، ماكرولۇق ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ساقلاشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلدى.

خاس تېرىقچىلىقتىن ياخشى كىرىم قىلىندى

ھازىر، ئېڭىز كۆكتاتلىرى يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، باي ناھىيەسىدىكى ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىدا، دېھقانلار ھاۋا ئوچۇق پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يىغىۋېلىش، سېتىش بىلەن ئالدىراش بولدى.

9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، باي ناھىيەسىنىڭ ياتۇر يېزىسى ئوتبېشى كەنتى ئاھالىسى ۋاڭ چىڭپو لازىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، تولىمۇ شادلاندى.

ۋاڭ چىڭپو خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل بۇغداينى ئورۇپ بولغاندىن كېيىن ئېڭىزغا لازا تېرىغان ئىدىم، تېمىتىپ سۇغىرىپ تېرىش ئەندىزىسىنى قوللانغاچقا، لازىلار ياخشى ئوخشىدى، كۆپ ھوسۇل بەردى، بۇ يىلمۇ مول ھوسۇللۇق يىل بولىدىغان بولدى.

لازا تېرىقچىلىقى دەۋرىيلىكى قىسقا، ئۆنۈمى كۆرۈلۈشى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇ يىل ياتۇر يېزىسى بۇغداينى ئورۇپ بولغاندىن كېيىن ئېڭىزغا لازا تېرىشنى دادىل سىناق قىلىپ، بىر ئېتىزدىن قوش پايدىلىنىش، بىر يەردىن قوش ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، لازا، بەسەي، لوبو، باش پىياز قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىپ، ئۆرۈك، نەشپۈت، قىزىل ئالۇچا، شىنمېي، گىلاس قاتارلىق خاس باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» كەسىپ ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلدى. بۇ يىل، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سىجىل تەڭشەپ، دېھقانلارنى خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى ئاشتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆپەيدى

9 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ۋىلايىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كېۋەزلەر كەينى ـ كەينىدىن ئېچىلىپ، پاختا يىغىش خىزمىتى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى. پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلايەت 2700دىن ئارتۇق چاتما شەكىلدىكى ياكى ئاپتوماتىك مېڭىش شەكلى، ئاسما شەكىلدىكى پۈركۈش ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كېۋەزلىكلەرگە يوپۇرماق تاشلىتىش دورىسى پۈركۈش مەشغۇلاتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆگەن يېزىسى چارەكشەھەر كەنتىدە، ئاسما شەكىلدىكى پۈركۈش ماشىنىسىنىڭ كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىسى ئابلىز سەمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كېۋەز تېرىشتا يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان شوپۇرسىز تۈجۈپىلىك ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى ئىشلىتىمىز، كېۋەز پەرۋىشىدە تىزگىنەكلىك ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇسى ئىشلىتىمىز، ھازىر يوپۇرماق تاشلىتىشتىمۇ ماشىنىلىشىش ئىشقا ئاشتى، كېۋەز تېرىشتا بارغانسېرى ۋاقىت، كۈچ تېجىلىۋاتىدۇ.

كېۋەزگە ئۇرۇق سېلىشتىن پاختا يىغىشقىچە ھەممىسىدە ماشىنىلىشىش ئىشقا ئاشتى، بۇ ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاشۇرغانلىقىنىڭ پايدىسى، بۇ پاختىكارلارغا كۆرەلەيدىغان ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

بىر يىلدىكى ياڭاق يىغىش مەزگىلى يەنە يېتىپ كەلدى، 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى باغۋەنچىلىك كەنتىدىكى ياڭاقلىقتا، كەنت ئاھالىلىرى مېۋىلىك دەرەخنى ئىرغىتىش ماشىنىسى بىلەن ياڭاق يىغىۋاتاتتى. باغۋەن خەن يۈخۇا مۇنداق دېدى: ھازىر ياڭاق يىغىش بەك قولايلىق بولۇپ كەتتى.

يېزا ئىگىلىكىنىڭ چىقىش يولى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن ـ تېخنىكىدا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش، 5G تېخنىكىسى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا مەشغۇلات قىلىش قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىقلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولدى.


مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش