دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭدا ئەتىيازدا تېرىلغان ئاشلىق زىرائەت كۆلىمى 23 مىليون مودىن ئاشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-25 11:37:23

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليون مودىن ئارتۇق كۆپىيىپ، نىشان ـ ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ئاچقان «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولغان. ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەتىيازدا تېرىلغان ئاشلىق زىرائەت كۆلىمى 23 مىليون مودىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليون مودىن ئارتۇق كۆپىيىپ، ئەتىيازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ نىشان ـ ۋەزىپىسىنىڭ %104.5ى ئورۇندىلىپ، پۈتۈن يىل ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سېلىنغان.

بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»دىن ئىبارەت ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى ۋە كۆممىقوناقنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ سۈرئىتىنى تېزلەتتى، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئىلمىي تەڭشەپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، ساختا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىغا زەربە بېرىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەڭشەش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ۋە ئېتىز پەرۋىشىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە بىرتۇتاش پىلانلانغان تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى بۇغداي تېرىشقا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسىنى قوللاشقا ئىشلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى» «بىر مو يەرنىڭ يىللىق ھوسۇلىنى 1500 كىلوگىرامدىن ئاشۇرۇش» بويىچە بەرپا قىلىش ـ ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكى قۇرۇپ، نىشانلىق ھۆددە ئېلىپ ئالاقە باغلاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا تېخنىكا جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلىدى.

نۆۋەتتە، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا كۈزگى بۇغداي باشاق چىقىرىش مەزگىلىگە كىردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم كۈزگى بۇغداي دان تۇتۇش مەزگىلىگە كىردى، ئۆسۈش ئەھۋالى بىردەك بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە تېرىلغان ئاشلىق زىرائەت ئومۇمىي كۆلىمى 38 مىليون مودىن ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق ئەتىيازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش