دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

دېھقانلار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ «مەززىلىك نان»ىنى يېمەكتە
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-03-24 16:17:19

  ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقانلار دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا ماڭدى. 

3-ئاينىڭ 13-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسىدىكى شېڭشى چياڭنۇڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پارنىكى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. قاتار كەتكەن يېشىل پېلەكلەر ئارىسىدا، قىزىرىپ پىشقان دانە-دانە شوخلىلار باشقىچىلا جۇلالىنىپ، كىشىنى خۇشال قىلاتتى. سۈرەتتە: شوخلا پارنىكىدىكى باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش خادىمى پىشقان شوخلىلارنى كۆرسەتمەكتە.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار لىن شياۋيۈن، سۇ بو)

3-ئاينىڭ 13-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسىدىكى شېڭشى چياڭنۇڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پارنىكىدىكى باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش خادىملىرى ئۈزگەن شوخلىلارنى توشۇماقتا.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار لىن شياۋيۈن، سۇ بو)

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسى نىيە يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىدىكى قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا مول ھوسۇل ئېلىندى، قاتار كەتكەن يۇمران قېرىنسىمان موگۇلار قوڭۇر رەڭلىك «كىچىك كۈنلۈك»تەك ئېچىلىپ، يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك تۇپراقنى يېرىپ چىقىپ، پارنىكتا گىرەلىشىپ ھۈپپىدە ئېچىلدى. نۆۋەتتە، ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدىكى 28 پارنىكتا قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈلۈپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىر ھەمراخان تۇرسۇن، جاڭ لىخۇڭ)

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسى نىيە يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىدىكى قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان زەمبۇرۇغ ھىدى دىماققا ئۇرۇلدى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى قېرىنسىمان موگۇ ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

(ئىختىيارىي مۇخبىر ھەمراخان تۇرسۇن، جاڭ لىخۇڭ)

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، دېھقانلار پارنىكتا خاڭگا مايسىسىنى يىپقا ئالماقتا. 2022-يىلى سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى تۇلياڭ كەنتىدىكى بىرلەشمە كارخانا 5 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان سانجى شەھىرىدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇياش نۇرى پارنىكىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3600 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، پارنىكقا سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلەش سىستېمىسى سەپلەنگەن، يېقىندا رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.   

خې لۇڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، سانجى شەھىرىدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇياش نۇرى پارنىكىدا، دېھقانلار ئۈسكۈنىدە مەشغۇلات قىلىپ كۆكتات مايسىلىرىنى ئوغۇتلىماقتا.

خې لۇڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 13-كۈنى، باغراش ناھىيەسى ئۇلان جېكسېن يېزىسىنىڭ ئۇلان جېكسېن كەنتىدىكى دېھقانلار پارنىكتا مېۋىلىك دەرەخ چېچەكلىرىنى شالاڭلاتماقتا. يېقىندا باغراش ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا، بازارلىرىدىكى پارنىكلاردا گۈل-گىياھ، كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلدى، شاپتۇل، گىلاسلار بەس-بەستە چېچەكلىدى، دېھقانلار تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، ھۇسۇل ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.

خۇ شىچى فوتوسى

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، دېھقان پارنىكتا سۇلياۋ يوپۇق ياپماقتا. يېقىندا كۇچا شەھىرى ئۇچا بازىرىنىڭ تۇزلۇقدۆڭ كەنتىدىكى دېھقانلار پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن «يۇڭتيەن 5-نومۇر» قوغۇنىنىڭ مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تىكىپ، بۇ يىللىق قوغۇندىن قىلىدىغان كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى. 

ليۇ شۆمېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇچا بازىرى تۇزلۇقدۆڭ كەنتىدىكى دېھقان پارنىكقا قوغۇن مايسىسى تىكمەكتە.

ليۇ شۆمېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسى دوڭجاڭ كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا، تېخنىكلار دېھقانلارغا كۆكتات پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە. نەچچە كۈندىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسىدىكى كۆكتاتچى دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق پەرۋىش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىللىق كۆكتات ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى. 

سەي يۇڭجيې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش