دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش | تۆت يىلدا 19 مىليون يۈەنگە يېقىن پايدا تارقىتىلدى «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى» كەنت ئاھالىلىرىگە يەنە پايدا تەقسىملەپ بەردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-01-18 14:28:36

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر زەينۇر زېرىپبېك خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ دوكلات زالى شاد-خۇراملىققا تولدى: ئورقۇ بازىرىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۇچىسىغا قىپقىزىل لېنتىنى ئېسىپ، شادىيانە مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ سەھنىگە چىقىپ، ئېغىر ھۆججەت خالتىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ھۆججەت خالتىسىنىڭ سىرتىغا قىپقىزىل قەغەز چاپلانغان بولۇپ، ئۈستىگە ئىسىم-فامىلىسى، پۇل سوممىسى يېزىلغان، ئىچىگە باغلام-باغلام پۇل قاچىلانغانىدى...

ئورقۇ رايونى «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى»نىڭ 4-قېتىملىق پايدا تەقسىملەپ بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشقان كەنت ئاھالىلىرى رازى بولۇپ قايتىشتى.

پاڭ بو، ئەيكې فوتوسى
    بۇنداق كۆرۈنۈش كەنت ئاھالىلىرىگە ناتونۇش ئەمەس، ئوخشاش كۆرۈنۈشنى ئۇلار تۆت يىلدا تۆت قېتىم باشتىن كەچۈردى. بىرىنچى قېتىم 5 مىليون 359 مىڭ 200 يۈەن، ئىككىنچى قېتىم 3 مىليون 220 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى قېتىم 3 مىليون 847 مىڭ 300 يۈەن پايدا تەقسىملەندى؛ بۇ قېتىم، 433 كەنت ئاھالىسىگە جەمئىي 6 مىليون 356 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىملەندى.
    2018-يىلى، ئورقۇ بازىرى ئاۋۋال نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئاندىن ئالغا سىلجىتىش شەكلىدە، قانۇن بويىچە، ئىختىيار قىلىش، ھەقلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، «ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك» پىرىنسىپى بويىچە، قانۇنلۇق ئېرىشكەن ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەم ئۆيلۈك يەردىكى قوشۇمچە نەرسىلەرنى باھالىغاندىن كېيىن، كەنت پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىرتۇتاش ئىگىلىك باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى، بۇ بازاردىكى چىغانلىق كەنتى ۋە خاك كەنتىدىن ئىبارەت ئىككى كەنتتىكى 104 كەنت ئاھالىسى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىپ، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا بەرپا قىلىشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ يىلى 6-ئايدا، ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى» تۈرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ھازىر، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى باشلامچى تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى» بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭ ساياھەتچىنى «يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ھېس-تۇيغۇ، ئۆگىنىش، ئاجايىپ مەنزىرە، سودا، كۈتۈنۈش، ئىستىراھەت» بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت گەۋدىسىگە ئايلاندى. بۇ تۈرنىڭ تۈرتكىسىدە، 2022-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئورقۇ بازىرى جەمئىي 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

ما ئابۇ 2013-يىلى گەنسۇدىن قاراماي شەھىرىگە كېلىپ، يەر تېرىدى، ئىشلىدى. 2019-يىلى، ئۇ ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرىغا كېلىپ، كارخانا ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىردى، ھازىر «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى»نىڭ كۆكەرتىش، خوجىلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھەر ئايلىق ئاساسىي مائاشى 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئورقۇ بازىرىدا 17 مو يېرى بوش قېلىپ، كۆپ يىل تاشلىنىپ قالغانىدى. ئورقۇ بازىرىدىكى ئىككى كەنتنىڭ پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ياردىمىدە، بۇ «ئۆلۈك تۇپراق» «تىرىك ئېتىز»غا ئايلىنىپ، ھەر يىلى ئۇ يەنە يەر ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق كىرىمگە ئېرىشتى. بۇ تۆت يىلدىكى پايدا تەقسىملەش يىغىنىدا، «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى» تۈرى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى، يەر ئوبوروتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ما ئابۇغا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا تەقسىملەندى.

پايدا تەقسىملەنگەن كەنت ئاھالىلىرى خۇشال بولۇشتى. 
پاڭ بو، ئەيكې فوتوسى
     «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ئورقۇ داۋاملىق تۈردە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۇقرالارنىڭ <ھەميان>ىنى بارغانسېرى تومپايتىپ، <قەددى>نى بارغانسېرى رۇسلاپ، كەيپىياتىنى بارغانسېرى ئازادە قىلىپ، تەبەسسۇمىنى بارغانسېرى جىلۋىلەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئورتاق بېيىش داغدام يولىدا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ!» قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۆ خۇڭشۇن مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، ئورقۇ رايونىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى بارغانسېرى ياخشىلاندى— 2019-يىلى، كىشى بېشى ساپ كىرىمى 28 مىڭ 286 يۈەن، 2020-يىلى 33 مىڭ 456 يۈەن، 2021-يىلى 35 مىڭ 806 يۈەن بولدى، 2022-يىلى 40 مىڭ 76 يۈەنگە يەتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش