دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

پەن ـ تېخنىكا بىلىملىرى يېزىلارغا يەتكۈزۈلدى، دېھقانلار قىشتىكى ئارىسال مەزگىلدە «ئېنېرگىيە تولۇقلاش» بىلەن ئالدىراش بولدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2022-12-30 12:09:48

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى. 12 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ تويبولدى بازىرى يېڭى كۆكبويۇن كەنتىدىكى دېھقان قارىيەم ئەيسا مۇنداق دېدى: تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، بۇنىڭدىن كېيىن تېخنىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كالىلارنى تېخىمۇ ياخشى باقىمەن.

  دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شايار ناھىيەسى قىشتىكى ئارىسال مەزگىلدىن پايدىلىنىپ، باقمىچىلىق تېخنىكلىرىنى ھەرقايسى كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەزەرىيە ئوقۇتۇشى + نەق مەيدان ئەمەلىيىتى شەكلىنى قوللىنىپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  قارىيەم ئەيسانىڭ ئائىلىسى باقمىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، باقمىچىلىق جەريانىدا كالىلارنى بورداش ۋە تۆل ئېلىش ئۈنۈمى ئىزچىل كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى، بۇ قېتىم ئۇ تەربىيەلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت ئالدى، ئۆگىنىش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ يەم ـ خەشەكنى تەڭشەشنىڭ تەڭپۇڭ بولمىغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى باقمىچىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى ئاشتى.

  بۇ يىل ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار قىشتىكى ئارىسال مەزگىلنى ئالدىراشچىلىققا ئايلاندۇرۇپ، كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلام، كۆپ يول، كۆپ خىل شەكىلدە «پەن ـ تېخنىكا قىشلىقى» تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كەڭ تېخنىكلار دەرسخانىلارغا كىرىپ، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «تېخنىكا + سىياسەت چوڭ سوۋغىسى» قاتارلىق شەكىلدە دېھقانلارغا تېخنىكا يەتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ پۇختا قەدەمدە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

  12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرىدا «پەن ـ تېخنىكا قىشلىقى» تەربىيەلەش پائالىيىتى باشلاندى. ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئورمانچىلىق تېخنىكلىرى نەق مەيداندا ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دېھقانلارغا قىشتا مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، دېھقانلار ئەستايىدىل ئاڭلاپ، بەس ـ بەستە مەسلىھەت سورىدى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.

  تۇرسۇن قاسىم 15 مو ياڭاق ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇ بىرنەچچە يىلدا ئۇدا ئېلىپ بېرىلغان تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق، باغ ـ ئورمانچىلىققا ئائىت نۇرغۇن تېخنىكىنى ئىگىلىگەچكە، ياڭاقلىق بېغىدىن ھەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىپ، مۇقىم كىرىم قىلدى.

  تۇرسۇن قاسىم مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە مەن مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش جەھەتتىكى نۇرغۇن بىلىمنى ئۆگىنىۋالدىم، مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇ يىلقى «پەن ـ تېخنىكا قىشلىقى» پائالىيىتىدە، ئونسۇ ناھىيەسى لايىھەنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش» پىرىنسىپى بويىچە، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى يېزا (بازار)لاردىكى خاس كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، پەن ـ تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكىلەرنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «پەن ـ تېخنىكا قىشلىقى» پائالىيىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى.

  ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇۋەلى ياسىن مۇنداق دېدى: ناھىيەمىزنىڭ «پەن ـ تېخنىكا قىشلىقى» پائالىيىتى كېلەر يىلى 3 ـ ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، پائالىيەتتە كىچىك دائىرىلىك، نۇقتىدىن نۇقتىغا بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، ئەسقاتىدىغان پەن ـ تېخنىكا بىلىملىرىنى دەرسخانا، دېھقان ئائىلىلىرىگە يەتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ پەن ـ تېخنىكا مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش