دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

ياڭيۇ تېرىشتا زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن ئەلا سورتنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-12-27 13:20:10

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سارىنا، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ رۇۋېي

شەخسلەر ئارخىپى: ليۇ يى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسال تەجرىبە مەيدانى زىرائەتلەرنى زەھەرسىزلەندۈرۈش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت ياڭيۇ كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتىنىڭ ئەزاسى، ياڭيۇنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

10 ـ ئاينىڭ ئاخىرى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ياڭيۇنىڭ تۇنجى ئەسلىي سورتىنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى ياڭيۇلار ھوسۇل يىغىش پەسلىگە كىرىپ، ئەتراپتىكى ياڭيۇ تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش ئېتىزلىرىنى ئەلا سۈپەتلىك، سورتلۇق ياڭيۇ بىلەن تەمىنلىدى. تۇنجى ئەسلىي سورتنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، دېھقانلار پىشقان ياڭيۇنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن تۇنجى ئەسلىي سورتىنى تاللاپ يىغىۋاتاتتى، ليۇ يى تور ئارقىلىق ياڭيۇنىڭ تۇنجى ئەسلىي سورتىنى يىغىش خىزمىتىگە يىراقتىن يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ مەزگىلدە، دېھقانلار ياڭيۇنىڭ تۇنجى ئەسلىي سورتىنىڭ رولى، ياڭيۇدىكى ئاساسلىق كېسەللىك ـ زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى.

دېھقان: ياڭيۇنىڭ تۇنجى ئەسلىي سورتى ياڭيۇنىڭ ئۇرۇقلۇقىمۇ؟

ليۇ يى: ياڭيۇنىڭ تۇنجى ئەسلىي سورتى ئۇرۇقلۇق ياڭيۇ ئەمەس، تۇنجى ئەسلىي سورت مىكرو ياڭيۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن ياڭيۇ مايسىسىنى ھاشاراتتىن ساقلاش تورى ئىچىدە ئايرىپ يېتىشتۈرۈلگەن ئۇرۇقلۇق. گەرچە دانىسى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، مەخسۇس يۇقىرى سۈپەتلىك ياڭيۇنىڭ «ئەۋلادى»نى يېتىشتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ئۇرۇقلۇق ياڭيۇ ھېسابلىنىدۇ.

دېھقان: بىر مو يەردىكى تۇنجى ئەسلىي سورتتىن قانچىلىك ئەسلىي سورت يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟

ليۇ يى: بىر مو يەردىكى تۇنجى ئەسلىي سورتتىن (5000 دانە) 3500 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئەسلىي سورت يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ، بۇ ئەسلىي سورت شۇ جاينى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن سۈپەتلىك ياڭيۇ سورتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق ياڭيۇنىڭ ھوسۇلى ئاشۇرۇلىدۇ. ياڭيۇنىڭ تۇنجى ئەسلىي سورتىنى زەھەرسىزلەندۈرۈپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتى ياڭيۇ كەسپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ياڭيۇنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن ئۇرۇقلۇق ياڭيۇسى بىلەن ئۆز ـ ئۆزىنى تەمىنلىشىنى تېزلىتىدۇ.

دېھقان: ياڭيۇدىكى ئاساسلىق كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلار قايسىلار؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش كېرەك؟

ليۇ يى: ياڭيۇدىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ پەيدا بولۇش تىپى ئاساسلىقى كېسەللىك مەنبەسى باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك زىيىنى ۋە فىزىئولوگىيەلىك كېسەللىك زىيىنىدىن ئىبارەت. كېسەللىك مەنبەسى باكتېرىيەسى كېسەللىك زىينىدىن ئاساسلىقى كېيىنكى يۇقۇملۇق كېسەللىك، بالدۇرقى يۇقۇملۇق كېسەللىك، قارا مەڭ كېسەللىكى قاتارلىقلار بار. كېسەللىك يۇققان ئەھۋالدا، كېسەللىك تەگكەن تۈپلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ، ئېتىزدىن ئېلىپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېتىزنىڭ نەملىكىنى تۆۋەنلىتىپ، بىڭسېن سىنك، دەيسېنليەن قاتارلىق دورىلارنى پۈركۈپ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش كېرەك. ياڭيۇ ھەر خىل زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ چىرىتىشىگە ئاسان ئۇچرايدۇ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش جەريانىدا يېتىلگەن ھاشاراتلارنى ئالداپ يوقىتىش، زەھەرلىك يەمچۈك تاشلاشقا دىققەت قىلىش، زىيانداش ھاشاراتلارنى يېتىلگەن ھاشاراتلار تۇخۇم تۇغىدىغان پەسىلدە يەر يۈزىدە ئالدىنى ئېلىپ ـ تىزگىنلەپ، مۇۋاپىق پەيتتە دورا ئىشلىتىش كېرەك.

ياڭيۇدىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە ئەڭ ئاچقۇچلۇقى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن ئەلا سورتنى تاللاپ ئىشلىتىش.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش