دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار 9- ئاينىڭ 13- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 1ى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 25ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى ئەتىگەن، كەچتە سوغۇق بولىدۇ! 9-ئاينىڭ 13-كۈنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 8~5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ 9- ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 3ى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپەيدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 4ى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 24ى يېڭىدىن كۆپەيدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

ئۆز جايىدا پىششىقلاش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى، تېخىمۇ ئۇزارتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-15 15:55:44

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەنتاڭخۇ بازىرىغا جايلاشقان شىندى يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار لازا قىيامىنى ئوراپ قاچىلاۋاتاتتى. «8 ـ ئاينىڭ بېشىدا لازا يىغىش پەسلىگە كىرىمىز، بىز ھەر كۈنى 3000 بوتۇلكىدىن ئارتۇق لازا قىيامى ئىشلەپچىقىرىمىز. جۇڭچيۇ بايرىمىدىن بۇرۇن مال ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن، كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات مىقدارىنى 5000 بوتۇلكىدىن ئاشۇردۇق.» بۇ سېخنىڭ مۇدىرى ما يەنمېي مۇنداق دېدى: «شىركەت ئىشلەپچىقارغان <كۇنمۇ> ماركىسىدىكى كالا گۆشى لازا قىيامى قاتارلىق ئالتە خىل مەھسۇلات قومۇل شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازارلىرىغا كىرگۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، شەنشى، سەنشى قاتارلىق جايلارغىمۇ سېتىلىدۇ».

بۇ شىركەت شۇ جايدىن چىققان لازىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ يىل سېتىۋالغان لازا مىقدارى 200 توننىغا يەتتى. سەنتاڭخۇ بازىرىدىن چىقىدىغان لازا سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن داڭلىق، تېرىلغۇ كۆلىمى 500 مودىن ئاشىدۇ، لازىنىڭ يىللىق ھوسۇلى تەخمىنەن 800 توننا بولۇپ، بۇنىڭ %30تىن كۆپرەكىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى سېتىۋالىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرى بارلىققا كەلدى. بۇ يىل، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەندىزىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى، تېخىمۇ ئۇزارتتى.

ئالتۇن كۈزدىكى 9 ـ ئايدا، قاراقاش ناھىيەسىدە 450 مىڭ مو يەردىكى ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ھەرقايسى ياڭاق پىششىقلاش كارخانىلىرى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش مەزگىلگە كىردى. قاراقاش ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ كوئېنلۇن جىۋېي يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە، يېڭى ياڭاقلارنى سېتىۋېلىپ ئامبارغا كىرگۈزۈش نۆۋەتتىكى ئاساسلىق خىزمەتكە ئايلاندى. بۇ شىركەت مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىركەت ھەر يىلى 1000 توننىدىن ئارتۇق ياڭاق سېتىۋالىدىكەن، ئاساسلىقى ساپ ياڭاق يېغى، تەڭشەلگەن ياغ، ياڭاق سۈتى قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىكەن. بۇ مەھسۇلاتلار بىردەك بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىلقى سېتىش سوممىسىنىڭ 28 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.

قاراقاش ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ياڭاق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى، بۇ يىل ھوسۇلنىڭ 80 مىڭ توننىغا يېتىشى، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى. بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ياڭاقلىق كۆلىمى 1 مىليون 730 مىڭ 700 موغا يەتتى، ياڭاق پىششىقلاش كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش كارخانىسى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن جەمئىي 342سى بار بولۇپ، يىللىق پىششىقلانغان، يېڭى پېتى ساقلانغان باغ ـ ئورمان مەھسۇلات ئومۇمىي مىقدارى 100 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە يەتتى.

ياڭاقتىن باشقا چىلانمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ كۆپ مىقدارلىق خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ھەرقايسى جايلاردىكى چىلانلار تېخى پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ۋە مەھسۇلاتلارنى سېتىشتىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ بولدى.

«ئاقسۇ ۋىلايىتىدە چىلاننى 10 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۈزۈش مۆلچەرلەندى، بىز سېتىۋېلىش ۋە پىششىقلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.» 9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ئاقسۇ زۇڭباۋ باغۋەنچىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى موۋ زۇڭباۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز تېخنىكا ئەترىتى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تېخنىكا يەتكۈزۈپ، چىلان ئۆستۈرگۈچىلەرنىڭ چىلاننىڭ كۈزلۈك پەرۋىشىنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مول ھوسۇلغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە سېخ ئۈسكۈنىلىرىنى تەڭشەپ، ئوراش ماتېرىياللىرىنى تەييارلىدى ھەم جېجياڭ، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردا بازار ماركېتىڭى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى باشلىدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باغ ـ ئورمانلىق كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چىلانلىق كۆلىمى 800 مىڭ موغا يېقىنلىشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» شەكلى ئارقىلىق چىلان كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، چىلان يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش سېتىۋېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز جايىدا ئايرىپ، پىششىقلاپ، ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىغا سېتىشى ئۈچۈن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە، ۋىلايەت بويىچە 20دىن ئارتۇق چىلان پىششىقلاش كارخانىسى بار.

«جۇڭچيۇ بايرىمىدىن بۇرۇن، بىز 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى تاماملىدۇق. بۈگۈندىن باشلاپ، بىز بېيجىڭ، چۇڭچىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈلىدىغان 10 مىڭ يەشىك ئالقات ئىچىملىكى ۋە چىيۈن ئىچىملىكىنى چىڭ تۇتۇپ تەييارلايمىز» دېدى 9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى جىڭ ناھىيەسى شىنجاڭ جىڭچىشېن ئالقات تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دەي شۈشېڭ.

جىڭ ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالقات ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى، بۇ يىل ئالقاتلىق كۆلىمى 109 مىڭ 200 مو بولۇپ، پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. جىڭ ناھىيەسى يەرلىك ئالقاتنى خام ماتېرىيال قىلىپ، ئالقاتنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسىدىن 12نى يېتىلدۈردى، تەتقىق قىلىپ ئاچقان، ئىشلەپچىقارغان سەككىز چوڭ تۈردىكى 26 يۈرۈشلۈك مەھسۇلات پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20دىن ئارتۇق ئۆلكىدە بازار تاپتى.

ھازىر دەل ئاپتاپپەرەستىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان مەزگىل بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىدە دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇپ، دان ئايرىپ، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتتى، ئاپتاپپەرەسنى كۈزلۈك يىغىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. ئالتاي ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئەلا سۈپەتلىك ئاپتاپپەرەس تېرىش، پىششىقلاش بازىسى، بۇ يىل ئاپتاپپەرەسلىك كۆلىمى 630 مىڭ مو بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئومۇمىي ھوسۇلى 130 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە يېتىدىكەن.

«بىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە 30غا يېقىن ۋاكالەتچى سودىگىرىمىز بار، <شالاۋدا> گازىرى ۋەكىللىكىدىكى تۈرلۈك مەھسۇلاتلاردا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، بۇ ئايدا 2 مىليون 400 مىڭ يۈەنلىك زاكاز قوبۇل قىلدۇق، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى» دېدى 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى بېيتۈن شەھىرى خەيچۇەن كەيشىن يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ چياڭ.

بېيتۈن شەھىرى خەيچۇەن كەيشىن يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېيتۈن ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان. 9 ـ ئايدىن بۇيان، بۇ شىركەتنىڭ ئەسلىي تەملىك گازىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن تۆتى، كۆپ خىل تەملىك گازىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئىككىسى تولۇق ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىردى. ليۇ چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركەتنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاپتاپپەرەس ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش مىقدارى 2200 توننىدىن 2600 توننا ئارىلىقىدا بولۇپ، بۇ يىل ئالتاي ۋىلايىتىدىن 2400 توننا ئەتراپىدا ئاپتاپپەرەس سېتىۋېلىشنى مۆلچەرلىدۇق، «مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسىگە دېگۈدەك شۇ جاينىڭ خام ماتېرىيالى ئىشلىتىلىدۇ».

9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، شىخو شەھىرىنىڭ شىداگۇ بازىرىدا، سانائەت شوخلىسىنى ماشىنىدا يىغىش ئالدىراش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى. شوخلا تېرىيدىغان ئاھالە گۇڭ چېڭدۇڭ بۇ يىل 300 مودىن ئارتۇق يەرگە شوخلا تېرىغان بولۇپ، يىل بېشىدىلا شوخلا پىششىقلاش كارخانىسى بىلەن سېتىش زاكازى ئىمزالىدى.

«ئىمزالانغان سېتىۋېلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامنىڭ 0.49 يۈەن بولۇپ، سېتىۋالغۇچى كارخانا ئىنتايىن لەۋزىدە تۇرىدۇ، توختام بويىچە پۇلنى ۋاقتىدا، تولۇق سوممىدا بېرىدۇ.» گۇڭ چېڭدۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يىغىۋاتىمىز، تەخمىنەن بىر ھەپتىدە يىغىۋېلىش تاماملىنىدۇ، ھەر مو يەردىكى شوخلىدىن ئالغان ساپ پايدا 700 يۈەندىن ئارتۇققا يېتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىخو شەھىرى سانائەت شوخلىسى تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى شوخلا تېرىيدىغان ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، شىخو شەھىرىدە 60 مىڭ مو يەردىكى سانائەت شوخلىسى ئارقا ـ ئارقىدىن يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، 9 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تولۇق يىغىۋېلىشنى تاماملاش مۆلچەرلەندى.

(مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار پەرىزات ئابدۇل، جاڭ جىلى، سۇڭ ياۋېن، جاڭ تىڭ، رايىدە)

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش