دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئەتىگەن، كەچتە سوغۇق بولىدۇ! 9-ئاينىڭ 13-كۈنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 8~5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «188+727» شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 3ى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپەيدى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا كىردى، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە كۈز كىرىشى مۇمكىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 4ى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 24ى يېڭىدىن كۆپەيدى بۈگۈن (9-ئاينىڭ 14-كۈنى) سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان بىرىكمە شەكىلدىكى باج ـ ھەق قوللاش سىياسىتىدە ئەمەلىي نەپ كۆپ بولدى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

شىخودا كۆممىقۇناقنى يىغىش پەيتى كەلدى يىغىپ ساقلاش تەرتىپلىك، باھاسى مۇقىم بولدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-09-15 11:19:51

ئالتۇن كۈز پەسلى، دەل كۆممىقوناق پىشىپ بازارغا سېلىنىدىغان مەزگىل، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىخو شەھىرىنىڭ خاتۇبۇخ بازىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كۈزلۈك يىغىمنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ھەر بىر داننى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

     9- ئاينىڭ 11- كۈنى، خاتۇبۇخ بازىرى خاتۇبۇخ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ما خۇچېڭنىڭ قوناقلىقىدا، بىر كومبايىن كۆممىقوناق يىغىۋاتاتتى. بۇ يىل، ما خۇچېڭ بازاردىكى دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يۇقىرى زىچلىقتا تېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مو بېشى مەھسۇلاتىنى بۇلتۇرقى 1400 كىلوگىرامدىن 1500 كىلوگىرامغا يەتكۈزدى.

كەنت ئاھالىسى ما خۇچېڭ مۇنداق دېدى:«بۇ يىل 25 مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىغانىدىم، يۇقىرى زىچلىقتا تېرىپ، مو بېشى مەھسۇلاتىم بۇلتۇرقىدىن توپتوغرا 100 كىلوگىرام ئاشتى، مەن بۇنىڭدىن بەك رازى».


     ما خۇچېڭنى خۇشال قىلغىنى كۆممىقوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە سېتىشتىنمۇ غەم قىلمىدى. شىخو شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت- ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى ۋە بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى «كەيسەي» (شىخو) بىيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە ساتتى، ئۇنىڭ 25 مو كۆممىقوناقتىن قىلغان كىرىمى 80 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا يېتىپ، كېلەر يىلى كۆممىقوناق تېرىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

كەنت ئاھالىسى ما خۇچېڭ مۇنداق دېدى: «كۆممىقوناقنى سېتىشتىن غەم قىلمايمەن، ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىلا ساتالايمەن، ناھايىتى قولايلىق. كېلەر يىلى تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كۆممەقۇناقنىڭ سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن».

ئىگىلىنىشىچە، «كەيسەي»(شىخو) بىيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شاڭخەي «كەيسەي» بىيو تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە مەبلەغ سالغان تولۇق مەبلەغلىك تارماق شىركىتى بولۇپ، 2016 يىلى شىخو شەھىرىگە ماكانلىشىپ، كۆممىقوناق ئىسكىلاتىنىڭ زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى 200 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن، بۇ يىل 100 مىڭ توننا كۆممىقوناقنى يىغىپ ساقلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىر 1000 توننىدىن ئارتۇق كۆممىقوناق يىغىۋالغان.

     بۇ يىل خاتۇبۇخ بازىرىدا جەمئىي 7800 مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ۋە كۈزلۈك يىغىم خىزمىتىدىكى «ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ بازار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئېتىز مەشغۇلاتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى يۆتكەش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ماي قاتارلىق مەسىلىلەرنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى، پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلىرى قاتارلىق كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، «ۋاقىتنى سۈرۈپ، يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماسلىق» «يىغىشقا ياردەم بېرىش، ۋاكالىتەن يىغىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى.

خاتۇبۇخ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى يىن جىخۇا مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز ھوسۇل يىغىش ماشىنىسىدىن توققۇزنى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىدىن 40 نەچچىنى يۆتكەپ، كۆممىقوناقنىڭ پىشىش مەزگىلىدە ئوڭۇشلۇق ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، ئوخشاش بولمىغان زىرائەتلەرنىڭ پىشىش مەزگىلىگە ئاساسەن، تەرتىپلىك ھالدا ماشىنىلارنى تەقسىملەپ، ئادەم كۈچىنىڭ ۋاقتىدا توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ھەر قايسى ھالقىلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مول ھوسۇل ئېلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلمىز.»

خاتۇبۇخ بازىرىدىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ليۇ جېنلۇڭ مۇنداق دېدى: «ئاپتوموبىلىم بىلەن 25 توننا ئەتراپىدا كۆممىقوناق توشۇيالايمەن، دەل ۋاقتىدا كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ كۆممىقوناقنى كەيسەي (شىخو) بىيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە توشۇپ ئاپىرالايمەن».

ھەر قايسى يېزا- بازارلارنىڭ كۆممىقوناقنى ئۆز ۋاقتىدا كارخانىلارغا توشۇپ ئاپىرىپ سېتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىخو شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت- ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كارخانىدا تۇرۇشلۇق كادىرلىرى يېزا- بازار، كارخانىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، كۆممىقوناق توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش، يۈرۈش لىنىيەسى، يۈرۈش ۋاقتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، شوپۇر ۋە يولۇچى، ئاپتوموبىلغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل تىرانسپورت يولىنى ئېچىپ، دېھقانلارنىڭ سېتىپ بېرىش، كارخانىلارنىڭ يىغىپ ساقلاش ئىشلىرىنىڭ راۋان، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۈن تۇڭگو، تاڭ جىياڭ، جاڭ جۈن)

پايدىلانغان مەنبە: شىخو شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش