دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئەتىگەن، كەچتە سوغۇق بولىدۇ! 9-ئاينىڭ 13-كۈنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 8~5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «188+727» شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 3ى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپەيدى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا كىردى، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە كۈز كىرىشى مۇمكىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 4ى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 24ى يېڭىدىن كۆپەيدى بۈگۈن (9-ئاينىڭ 14-كۈنى) سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان بىرىكمە شەكىلدىكى باج ـ ھەق قوللاش سىياسىتىدە ئەمەلىي نەپ كۆپ بولدى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭنىڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرى دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-09-14 10:07:38

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا) دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىپ، باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش چىڭ تۇتۇلدى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانات يايدۇرۇلدى... يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرى بۇ يىل بېكىتىلگەن تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى «ئىككى قولدا تۇتۇش»، «ئىككىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىندا، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تەكشۈرۈش- پىلانلاش يۇرتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىدىكى بەش كىشى خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، مۇزتاغ چوققىسى، قوڭۇر چوققىسى قاتارلىق رايونلارنى كوئېنلۇن تېغى دۆلەت باغچىسىنى قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، «كوئېنلۇن تېغى دۆلەت باغچىسىنىڭ دائىرىسى ۋە رايونغا ئايرىپ دەلىللەش دوكلاتى»نى يەنىمۇ تۈزەتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. بۇ يىل 4- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇشنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان قارامايلى دۆلەت باغچىسى، كوئېنلۇن دۆلەت باغچىسى دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەسمىي تەستىقىغا ئېرىشتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى يېقىندا مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، كوئېنلۇن دۆلەت باغچىسىنىڭ يادرولۇق قىممىتى ھەم دائىرە لايىھەسىنى دەلىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، لايىھەلەش كوللېكتىپى تەشكىللەپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قارامايلى دۆلەت باغچىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى ۋە LOGOسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى.

بۇ يىل 9- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان باشلىقى تەشكىلىي سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرغىنىغا بىر يىل بولدى. ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر دەرىجىلىك ئورمان باشلىقلىرىدىن جەمئىي 30 مىڭدىن ئارتۇقنى تەسىس قىلىپ، جەمئىي 223 مىڭ قېتىم ئورمان چارلاپ، شىنجاڭنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى. بۇ يىل 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» دېگەن نامغا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن بىر كىشى مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى بولغان مەمۇر» دېگەن نامغا ئېرىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەملىكەتلىك كۆكەرتىش خىزمىتىدىكى توققۇز ئىلغار كوللېكتىپ، بەش ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە بەش ئىلغار خىزمەتچى مەملىكەتلىك كۆكەرتىش كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ بىرلىشىپ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى، مۇكاپاتقا ئېرىشىش سانى مەملىكەت بويىچە 3- ئورۇندا تۇردى.

كورلا شەھىرىدىكى مېيشۇ دايۇەنزى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ نەشپۈتلۈكىدىكى نەشپۈتلەر يىغىلماقتا.

يۆ سىيىڭ فوتوسى

8-، 9- ئايلار دەل شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمانچىلىقتىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە مېۋىلەرنى يىغىش، سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يىل شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى بۇلتۇرقى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئورمان ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى پائال كۈچەيتتى، نۆۋەتتە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ توغراق ئورمان رايونى ۋە كەلپىن ناھىيەسىنىڭ قاراكۆل چېكىنگەن توغراق ئورمان رايونىغا 105 مىليون كۇب مېتىر سۇ يەتكۈزدى، سۇ تولۇقلىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە 2 مىليون 943 مىڭ 600 مو يەر چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇلدى، 1 مىليون 17 مىڭ 900 مو چېكىنگەن ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش تاماملاندى. ئاپتونوم رايون بويىچە 138 ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتى ئالدىغا ئۆتۈپ ئورمان مۇداپىئە رايونىدا تۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئورمان، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش