دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاقسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى مەملىكەت بويىچە پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭدا شىنجاڭغا كىرىپ- چىقىدىغان بىر تاشيول كۆپىيىدۇ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسى 7500 كىلومېتىردىن ئاشتى ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى جۇڭگو - موڭغۇلىيە پورت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ھال سوراش پائالىيىتى توردا ئۆتكۈزۈلدى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 2سى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 29ى يېڭىدىن كۆپەيدى سىچۇەنلىك يىگىت ئاقسۇنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 3 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى ۋىلايەت 13 مىڭ كارخانىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن 320 مىليون يۈەننى تۆۋەنلەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۈزلۈك يىغىم خىزمىتى ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-13 10:06:21

1 مىليون 700 مىڭ موغا يېقىن يەردىكى كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۈزلۈك ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئېتىزدىكى ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغىچە ھوسۇل يىغىۋېلىش ئارقا - ئارقىدىن باشلانغان. 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون (يەرلىك) بويىچە 1 مىليون 700 مىڭ موغا يېقىن يەردىكى كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىنغان، ئومۇمىي سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىرقەدەر تېز بولغان.

9 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممە جاي مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى. ساۋەن شەھىرىنىڭ دۇڭۋەن بازىرى چۇەنجۇاڭزى كەنتىدىكى ئېتىزلار ئالتۇن رەڭگە كىردى، شۇ جايدىكى دېھقان ئائىلىلىرى ھاۋا ئوچۇق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ قوناقلىرىنى جىددىي يىغىپ ئاپتاپقا سېلىپ، كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. لازا يۇرتى باغراش ناھىيەسىدە، لازا تېرىغان دېھقانلار ھاۋا ياخشى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، قىزىل لازىلارنى ئىلغاپ تاللاپ ئاپتاپقا سالدى.

يېقىنقى مەزگىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى دىققەتنى «كۈزلۈك تېرىقچىلىقنى تۇتۇش، كۈزلۈك پەرۋىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈزلۈك يىغىمغا ئاتلىنىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى جايلار كۈزگى بۇغداي ئۇرۇقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ۋە تېرىش ماشىنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، توشۇش ۋە زاپاس ساقلاشنى بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشقا تەرتىپلىك تەشكىللەپ، كۈزلۈك زىرائەت ھوسۇلىنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىش، كۈزگى بۇغداي تېرىيدىغان يەرلەرنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دېھقانلارنى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئېتىز پەرۋىشى تېخنىكىسى قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە يىغىۋېلىنغان كۈزلۈك ئاشلىق زىرائەتلىرى ئىچىدە كۆممىقوناق كۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئاشتى، دادۇر، ياڭيۇ تۈرىدىكى زىرائەت قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىش كۆلىمى بىردەك بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولدى. كېۋەزنىڭ 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىدا چوڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىش باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئېتىزغا تېرىلغان كۆكتات كۆلىمى 1 مىليون 700 مىڭ مودىن ئارتۇق بولۇپ، بەسەي، سەۋزە، چامغۇر قاتارلىق قىشتا ساقلاپ يەيدىغان كۆكتاتلارنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون مودىن ئاشىدۇ، ئەمەلىي كۆلەم پىلاندىكى كۆلەمدىن ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قىشلىق كۆكتات تەمىناتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى، سېتىلىش مىقدارىنى كۆزىتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ تەكشى، مۇقىم، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇھىم ۋاقىت بۆلىكى، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ھاۋارايى ۋە كېسەللىك - ھاشارات ئاپىتى زىيىنىنى كۆزىتىپ ئالدىن سىگنال بېرىشنى زىچلاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىل يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش