دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

مۈلۈك باشقۇرۇش يېزا-كەنتلەرگە كىردى مۇلازىمەت قەلبلەرنى ئىللىتتى
مۇھەررىر:
مەنبە:تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-01-05 18:35:04

[يېزا-كەنتلەرنىڭ يېڭى قىياپىتى]

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

«ھەسەنجان، ئۆيۈڭلاردىكى بۇ رۇبىلنىكنىڭ بىخەتەرلىك سىمى كۆيۈپ كېتىپتۇ، بىخەتەرلىك سىمىنى ئالماشتۇرساڭلا توك كېلىدۇ». 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىلىق مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ توك ئىشچىسى كەنت ئاھالىسى ھەسەنجان ئابدۇللانىڭ ئۆيىنىڭ رۇبىلنىكىنى رېمونت قىلىۋېتىپ شۇنداق دېدى.

«ھازىر كەنتتىكى يوللارنى، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىنى مەخسۇس ئادەم تازىلاپ ئاسراۋاتىدۇ، ئۆينىڭ توك يولىدىن كاشىلا چىقسا، سۇ تۇرۇبىسىدىن سۇ ئېقىپ قالسا، پەقەت بىرلا تېلېفون قىلساق، مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى ئادەم ئەۋەتىپ رېمونت قىلدۇرۇپ بېرىدۇ.» دېدى ھەسەنجان خۇشال ھالدا، ئۇ ھازىر شەھەرلىكلەر بەھرىمەن بولالايدىغان مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى. 

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل تۈزەپ، يېزىلارنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاۋات يېزىسى يېزىلارنى ئىدارە قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «مۈلۈك باشقۇرۇشنى يېزا-كەنتلەرگە كىرگۈزۈش»تىن ئىبارەت ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. 9-ئايدا ئاۋات يېزىلىق مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئاۋات يېزىلىق مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى» دېيىلدى) رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

ئاۋات يېزىلىق مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى پۈتۈن يېزىدىكى سەككىز مەمۇرىي كەنت، 24 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىنى بېكىتىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، كۆكەرتىش، ئاسراش، ئائىلىلەرنىڭ سۇ، توك، پار رېمونت قىلىش ھەم ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، يېڭىدىن سېلىش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇپ، ھۆكۈمەت، ئامما، بازاردىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇش، كەنت باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە سۇ، توك، پار جەھەتتە كاشىلا كۆرۈلسە، بىز ھەممىسىنى ھەقسىز رېمونت قىلىمىز، كەنت ئاھالىلىرى پەقەت ماتېرىيال ھەققىنى تۆلىسىلا بولىدۇ» دېدى ئاۋات يېزىلىق مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى تۇرسۇن شەمشىدىن.

ئاۋات يېزىلىق مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى يەنە توك ئىشچىسى، سۇ-پار ئىشچىسى، باغ-ئورمان كۆكەرتىش ئىشچىسى، تازىلىق ئىشچىسى قاتارلىق 50 نەچچە كىشىنى تەكلىپ قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ جايدىكى يېشى چوڭراق، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار ھېسابلىنىدۇ.

53 ياشلىق تازىلىق ئىشچىسى خەنساگۈل مەمەت ئاۋات يېزىسى ئاقئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى، ئۇ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى كەنت يولىنىڭ مۇھىت تازىلىقىغا مەسئۇل. «مەن ئىشىكىم ئالدىدىلا ئىشلەيمەن، ھەر ئايدا بىر كىشىلىك مۇقىم مائاشىم بار» دېدى خەنساگۈل خۇشال ھالدا.

ئاۋات يېزىلىق مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت مۇلازىمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم قەرەللىك ھالدا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى.

ھازىر، كەنت يوللىرىدا قالايمىقان توختىتىپ قويىدىغان ئاپتوموبىللار قالمىدى، كەنت قىياپىتىدە زور يۈكسىلىش بولدى.

«كەنت قىياپىتى قانچە ياخشىلانسا، ساياھەتچىلەر كەنتىمىزگە كېلىشنى تېخىمۇ خالايدۇ، سودىمىز يىلدىن-يىلغا ياخشىلىنىدۇ.» ئاۋات يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىدىكى ئاۋات جايدا كۆپ يىل ئاشخانا ئاچقان كەنت ئاھالىسى ئەبەي مەمەت مۇھىتنى ياخشىلاشنىڭ پايدىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش