دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-06-03 18:02:25

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، بۇ شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىغان، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، جاڭ چۇنلىن، ئەركىن تۇنىياز بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى(ئاپتونوم رايونلۇق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى) ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆزىدە مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە، جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىن ئىبارەت بۇ مەخسۇس ئاپپاراتنى تەسىس قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى چىڭ ساقلاش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ «چوڭ ئىش»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى ھەم ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋاقىتنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇرچنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش نۇقتىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، نەتىجە - ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن بۇرۇن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)، يېزا(بازار)، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىكنىڭ ھەممىسىدە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پونكىتى(مەركىزى)غا ۋىۋىسكا ئېسىش پۈتۈنلەي تاماملىنىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش