دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش خىزمىتى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-16 11:22:25

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىن 12 ـ كۈنىگىچە، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردى.

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر دوكلات ئاڭلاش، ئارخىپ كۆرۈش، سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىل ئارقىلىق، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىكى قىسمەن يېزا (بازار)، كەنت (مەھەللە)، ئورگان، كارخانا، مەكتەپ، كۆزنەك ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى.

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، تارماقلار خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ، پۇختا، ياخشى تۇتۇشى كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىش، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇش، تارماقلار ھەمكارلىشىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتەك خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى پەللىدىن ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ۋىلايىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەتتار تۇرسۇن، مۇئاۋىن مۇدىرى ئېزىز مەتنىياز ئايرىم ـ ئايرىم گۇرۇپپا باشلاپ تەكشۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش