دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

«كۆپچىلىكنىڭ مۇھەببىتى ماڭا قايتا ئۈمىد بىغىشلىدى»
مۇھەررىر:
مەنبە:ئۇزېلىمىزنىڭ ئىجادىيۋاقتى:2023-01-04 17:44:42

  [ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى] 

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 21 -كۈنى، ئەكرەم توختى يارىلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم كارىۋاتتىن چۈشۈپ ماڭدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى

 تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە، جامبولات ماناربېك

  «پۇتۇم سۇنۇپ كەتكەندىن كېيىن، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشى، دوختۇرلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ داۋالىشى، كۆپچىلىكنىڭ مۇھەببىتى ماڭا قايتا ئۈمىد بىغىشلىدى.» 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى جاراھەت سۆڭەك بۆلۈمى 27-نومۇرلۇق كېسەلخانىدا، ئەكرەم توختى قىش كۈنلىرىدىكى ئىللىق قوياش نۇرىنى ھېس قىلىپ، كەيپىياتىمۇ خۇددى قۇياش نۇرىدەك ئېچىلىپ كەتتى، «ئۇزاق ئۆتمەي، مەن ئۆزۈم مېڭىپ چىقىپ ئاپتاپقا قاقلىنالايمەن».

  2022-يىلى 9-ئايدا، قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىسى يېڭىئاۋات كەنتىدىكى 18 ياشلىق ئەكرەم ئاقسۇدا ئىشلەۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەندە سېمونت لاي ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىنىڭ يارىلاندۇرۇشى سەۋەبىدىن ئوڭ پۇتىدىن ئايرىلىپ قالدى، سول پۇتى ئېغىر يارىلاندى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىرمەھەل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ كەم سۆز بولۇپ قالغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردىمىدە، ئۇ سول پۇتىنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي، يەنە ھاسىغا تايىنىپ يول ماڭالايدىغان بولدى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

    يارىلىنىشتىن بۇرۇن، ئەكرەم زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر بالا ئىدى. «ئىش ئۇقىدىغان، ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنىدىغان بالا ئىدى» دادىسى توختى سۇلتان ئۇنىڭغا شۇنداق باھا بەردى.

   «ئاتا-ئانام تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئوقۇش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مېنى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىگە كىلاسسىك چېلىشىشنى ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بەرگەنىدى.» ئەكرەمنىڭ بويى 1 مېتىر 80 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 110 كىلوگىرام كېلىدىغان قاۋۇل يىگىت ئىدى، مەكتەپتە كۆپ قېتىم چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

  «بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مېنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرغۇم بار ئىدى. تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، مەن بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئىنىمغا يېڭى يان تېلېفون ئېلىپ بېرەي دەپ ئويلىغان، ئويلىمىغان يەردىن ئىشلەپ ئۈچىنچى كۈنىلا ئىش چىقتى.» بىرىنچى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئەكرەم ئىشتىنىنىڭ قۇپقۇرۇق تۇرغان ئوڭ پۇچقىقى ۋە چىڭ تېڭىلغان سول پۇتىنى كۆرۈپ، بىردىنلا كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كەتتى.

  بۇ مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ يېڭىئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى گۇ يىڭسۇ ھەر كۈنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

     «گۇ شۇجى بىزگە داۋالاش ھەققىنىڭ ئىشىدىن ئەنسىرىمەسلىكىمىزنى ئېيتتى.» ئەڭ جاپالىق شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلىگىنىدە، توختى سۇلتان مۇنداق دېدى: «مەن ياشاۋاتقان بۇ جەمئىيەت بەك ئىللىق ئىكەن، گۇ شۇجى ۋە بىر توپ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر 1-ۋاقىتتا ياردەم قولىنى سۇندى».

   11-ئاينىڭ 7-كۈنى، كۆپ تەرەپنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە ياردىمىدە، ئەكرەم قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا داۋالىنىشقا ئەۋەتىلىپ، يەنە ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىندى.

  «ئۇ ئاغرىپ كەتتى دەپ بىر قېتىممۇ ۋارقىرىمىدى، بىر قېتىممۇ ياش تۆكمىدى. ئۇ: ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ھوشۇمغا كەلگەندە سول پۇتۇمنىڭمۇ يوق بولۇپ قېلىشىدىن قورقىمەن، دېدى.» ئەكرەمنىڭ ئەندىشىسىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى پەن چۈنچيۇمۇ كۆرۈپ يەتتى، «ئۇ دوختۇرخانىغا كىرگەندىن باشلاپ، بىزنىڭ بالىنىڭ سول پۇتىنى ساقلاپ قېلىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار ئىدى. ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى قايتا تەكشۈرگەندە مەن ئۇنىڭغا مەدەت بەردىم».

  شۇ چاغدىن باشلاپ، ھەر كۈنى سول پۇتىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇردى، تاماقنى ئوبدان يەپ، دورىنى ۋاقتىدا ئىچتى، دوختۇرنىڭ كېلىپ يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ساقلاش ئەكرەمنىڭ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىشى بولۇپ قالدى. ئەكرەم ئويلىمىغان ئىش شۇ بولدىكى، يەنە تېخىمۇ چوڭ خۇشاللىق ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى2022-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرتكەندە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 4-قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، تېزلا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قانات يايدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدى.

  ئەكرەم بىردىنلا غەمكىنلىكتىن قۇتۇلغاندەك بولدى، بۇرۇنقى كەم سۆز تۇرقىغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ئادەمدەك بولۇپ قالغانىدى.

  «2022-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، بۇ كۈننى مەن ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن، چۈنكى مېنىڭ ھاياتىم بۇ كۈندە قايتىدىن باشلاندى» دېدى ئەكرەم. پەن چۇنچيۇنىڭ يېتەكچىلىكى، دادىسى ۋە دوختۇرنىڭ يۆلىشى بىلەن، 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۇ ھاسىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇردى، ئالدىغا ئۈچ قەدەم ماڭدى.

  «خۇددى دېرىزە پەردىسى تۇيۇقسىز ئېچىلىپ، قۇياش نۇرى ئۆينى يورۇتۇۋاتقاندەك بولدى» دېدى ئەكرەم. بۇ خەۋەرنى ئۇ دادىسى بىلەن بىللە بىرىنچى بولۇپ گۇ يىڭسۇغا ئېيتتى، سىنلىق كۆرۈشۈشنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھەممەيلەن خۇشال ھالدا كۈلۈشەتتى، كۆزلىرىدە ياش يالتىراپ تۇراتتى.

  ھازىر، ئەكرەم ھەر كۈنى 5-6 قەدەم ماڭالايدىغان بولدى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى. مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىسى ئۇنىڭ ھېكايىسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، سۈنئىي پۇت تەقدىم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «يەنە بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، مەن يول ماڭالايدىغان بولدۇم.» ئەكرەم گۈزەل كەلگۈسىگە تەلپۈنەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش