دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

«ئاددىي قەھرىمان» ناملىق كىنو ئۈرۈمچىدە تۇنجى قويۇلدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-09-27 11:28:10

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋرى (مۇخبىر يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ)  

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى، 2021-يىلى  خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇپ داۋالىغان ھەقىقىي ۋەقە ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «ئاددىي قەھرىمان» ناملىق كىنو ئۈرۈمچىدە تۇنجى قويۇلۇپ، خوتەن، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ھەربىر ئاددىي قەھرىماننىڭ ھاياتلىق مۆجىزىسى يارىتىش كەچۈرمىشى قايتا نامايان قىلىندى.

IMG_20220919_104918_edit_6847858396349

«ئاددىي قەھرىمان» فىلىمىدىكى ئەسلىي شەخسلەر ۋە ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلەر.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ فوتوسى

  فىلىمنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، بونا كىنوچىلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن. «يالقۇندىكى قەھرىمان» ناملىق فىلىمنىڭ رېژىسسورى چېن گوخۇي رېژىسسورلۇق قىلغان، لى بىڭبىڭ، فېڭ شاۋفېڭ، لىن يۇڭجيەن قاتارلىقلار باش رول ئالغان.

  2021-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، يەتتە ياشلىق خوتەنلىك ئوغۇل بالىنىڭ بىلىكى تاسادىپىي ئۈزۈلۈپ كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىنكى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنىڭ سەككىز سائەتلىك ئالتۇن ۋاقتىدا، خوتەن، ئۈرۈمچىدىكى تېببىي خادىملار، جەنۇب ئاۋىياتسىيە ئايروپىلان گۇرۇپپىسى ۋە يەر يۈزىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش خادىملىرى، ساقچىلار، يولۇچىلار قاتارلىق ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئادەتتىكى كىشىلەر بارلىق چارىلەرنى قوللاندى، بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالا شۇ كۈنى خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتچى ئايروپىلاندا 1400 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، ئاخىرى ئوغۇل بالىنىڭ بىلىكىنى ساقلاپ قالدى. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن ئوغۇل بالا خوتەندىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.

  بۇ مەيدان ھاياتلىق كۈچ ئۇلىشى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق ـ دوستانە ئۆتىدىغان ئاكتىپ قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك قىممەت قارىشىنى نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ چەكسىز ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، يىمىرىلمەس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن ھەقىقىي ئەھۋالىنى جانلىق نامايان قىلدى.

IMG_20220919_095454

«ئاددىي قەھرىمانلار» فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش نەق مەيدانى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ فوتوسى 

  فىلىمگە تەييارلىق كۆرۈش ۋە سۈرەتكە ئېلىش مەزگىلىدە، ئارتىسلار ھېكايىدىكى ئەسلىي شەخسلەر بىلەن كۆپ قېتىم چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە ئۆزلىرى رول ئالغان پېرسوناژلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا مەشىقىنى تاماملاپ، دوختۇرخانا، ئايرودۇرۇم، ئايروپىلان گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت مۇھىتىغا سىڭىشىپ كىرىپ، رول ئورنىنى بېكىتىشنى تاماملاپ، ئاشۇ «ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىش» ۋاقتىدىكى ھەربىر دەقىقىنى تولۇق ئىگىلىدى.

  فىلىمدە چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش جەريانىدا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  نەق مەيداندا تۇنجى قېتىم قويۇشقا قاتناشقان تاماشىبىنلار ۋەكىللىرى مۇنداق قارىدى: بۇ فىلىمدە دۆلىتىمىز ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش بۇرچى، ئېتىقادى نامايان قىلىنىپتۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىۋاتقان قىزغىن كەيپىياتتا، بۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىرىشچانلىق، ئىناقلىق، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قىياپىتى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بېرىپتۇ.

  تۇنجى قويۇش پائالىيىتىدە، رېژىسسور چېن گوخۇي، فىلىمدىكى ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئەسلىي تىپى تاڭ خۇيجۇڭ، كۈتكۈچىلەرباشلىقى تىپى جاۋ يەن، مەسئۇل دوختۇرنىڭ ئەسلىي تىپى لى لىمۇ نەق مەيدانغا كەلدى.

  فىلىم يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتە قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش