دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

«گۇسۇلۇق ياخشى ئادەم» بەختىيارنىڭ قىزىل ئانار ئاشخانىسى تىجارەت باشلىدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-09-16 11:34:02

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

9- ئاينىڭ 10- كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ شەھىرى گۇسۇ رايونىدىكى چاڭشۈ يولىدا «قىزىل ئانار» ناملىق شىنجاڭ ئاشخانىسى بەك قىزىپ كەتتى، ئىشىك ئالدىغا گۈل سېۋەتلىرى قويۇلغان بولۇپ، مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، بۇ ئاشخانا بۇ كوچىدىكى ئاۋات بىر جايغا ئايلانغانىدى.

9- ئاينىڭ 10- كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ شەھىرى گۇسۇ رايونىنىڭ چاڭشۈ يولىدا، «قىزىل ئانار» دەپ ئاتىلىدىغان شىنجاڭ ئاشخانىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى، ئىشىك ئالدىغا لىق گۈل سېۋەتلىرى تىزىلغانىدى.

ليۇ يېفېي فوتوسى

«بۇ يەردە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭچيۇ بايرىمى بەك چوڭ بىلىدۇ، ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنى تاللايدۇ، ئۇلارنى تىجارەت باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغاندا، يەنە كۆپچىلىكنىڭ بايرام ئۆتكۈزىمىز دەپ كەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنىدىم، ئويلىمىغان يەردىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كەلدى.» بەختىيار بەردى تەبرىكلىگىلى كەلگەن مېھمانلاردىن ھال- ئەھۋال سورىدى، قەلبى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئىللىقلىققا تولدى.

بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن بەختىيار ئۈرۈمچىدىن بولۇپ، 2010- يىلى سۇجوۋ شەھىرىگە كېلىپ، قاشتېشى سودىسى قىلدى، سىناپ باققاندىن تارتىپ نەتىجە قازانغىچە بولغان 12 يىلدا، سۇجوۋ ئۇنىڭ ئىككىنچى ئائىلىسىگە ئايلاندى.

چۈش بولغاندا، ئاشخانا زالى مېھمانلار بىلەن لىق تولدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەختىيارنىڭ سۇجوۋدا تۇتقان دوستلىرى ئىدى، كۆپچىلىك ئىككى- ئۈچتىن بولۇپ چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، يۆبىڭ يەپ، مۇڭداشتى، كۆز ئالدىدىكى ئىللىق مەنزىرە بەختىيارنىڭ خىيالىنى ئەمدىلا سۇجوۋغا كەلگەن چاغقا قايتۇرۇپ كەلدى.

2008- يىلى، بەختىيار ئەسلىدىكى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، سودا قىلىشنى تاللىدى. «ئالدى بىلەن شېنجېنغا باردىم، يۆنىلىشنى توغرا تاپالمىغاچقا، نۇرغۇن پۇل زىيان تارتتىم. كېيىن، سۇجوۋدا نۇرغۇن شىنجاڭلىقنىڭ قاشتېشى سودىسى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، سىناپ بېقىش پوزىتسيەسىدە بولدۇم، چۈنكى ئىلگىرى مەغلۇپ بولغان كەچۈرمىشىم بولغانلىقتىن ئىشەنچىم قالمىغانىدى.» دېدى بەختىيار.

سۇجوۋغا دەسلەپ كەلگەندە، بەختىيارغا ھەممە ناتونۇش ئىدى، تاساددىپىي يېڭىدىن سېلىنغان شياڭۋاڭ قاشتېشى شەھەرچىسىنىڭ ئىجارىگە بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، قاشتېشى ساتتى.

«ئىنىم، نېمە ئويلاۋاتىسەن؟ چارچاپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەتە يەنە ئوغلۇمنىڭ تويىغا كېلىپ ياردەملىشىسىز، بۈگۈن بەك چارچاپ كەتمەڭ! » دېدى بەختىيارنىڭ بىر چەتتە تۇرۇپ نېمىلەرنىدۇر ئويلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ فېي ۋەنجۈن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ.

فېي ۋەنجۈن بەختىيارنىڭ قىزىنىڭ تۇتۇق ئاتىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سۇجوۋدىكى ئەڭ ياخشى دوستى ئىدى. ئىككىيلەننىڭ تونۇشۇشى دۇكان ئىجارە ئېلىشتىن باشلانغان، «ئەينى چاغدا، فېي ئاكام شياڭۋاڭ قاشتېشى شەھەرچىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى، كەسىپ جەھەتتە بېرىش- كېلىش قىلىپ، مۇڭدىشىپ دوست بولۇپ قالدۇق.» دېدى بەختىيار.

2013- يىلىدىن بۇرۇن، سۇجوۋ شەھىرىدە ئىشلەنمىگەن تاش سودىسى قىلىدىغان شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى شياڭۋاڭ يولى ئەتراپىدىكى كوچىدا يايما ئاچقان. «مۇقىم ئورۇن بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ تىجارىتىمۇ روناق تاپالمىغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوران، ئاپتاپتا قېلىپ جاپا تارتىپ قالغانىدى. ئەينى چاغدا، فېي باش دېرىكتور مېنى ئىزدەپ كېلىپ قاشتاش بۇيۇملار شەھەرچىسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىنى ئىشلەنمىگەن تاش سودا بازىرى قىلىپ، سىرتتا يايما ئاچقانلارنى بۇ يەرگە جەلپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشتى.» بەختىيار مۇنداق دېدى: ئالاقىدە تىلدىن قىينالمايدىغان بولغاچقا، فېي ۋەنجۈن مېنىڭ ئىشلەنمىگەن تاش سودىسى بازىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇردى.

9- ئاينىڭ 10- كۈنى، «گۇسۇلۇق ياخشى ئادەم» بەختىيار بەردىنىڭ ئاشخانىسىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمىدا، بەختىيار (سولدىن 3 ـ كىشى) تەبرىكلىگىلى كەلگەن مېھمانلار، ئۇسسۇل ئارتىسلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ليۇ يېفېي فوتوسى

دەل فېي ۋەنجۈن ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكتىن، ئۇ قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزدى.

«ئادەم ياقا يۇرتتا، ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ، ئىشەنچىمىزنى يوقىتىپ قويىدىكەنمىز، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى، بىر ئېغىز سۆزى كىشىلەرگە زور ئىلھام بېرىدىكەن، فېي ئاكام دەل ماڭا ئىشەنچ بېغىشلىغان ئادەم.» بەختىيار سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆزىگە ياردەملىشىپ مېھمانلارنى كۈتىۋاتقان فېي ۋەنجۈنگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.

بەختىيارنىڭ ئاشخانا ئاچماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، سۇجوۋ شەھىرى گۇسۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرلىرىمۇ كەلدى. «مەن بۈگۈن سىزگە رىياسەتچىلىك قىلىپ بەرگىلى كەلدىم، تىجارەت باشلاش مۇراسىمىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈڭ، خاتىرجەم بولۇڭ!» دېدى گۇسۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ 4- دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى، گۇسۇ رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ يېفېي بەختىيارغا ئەستايىدىللىق بىلەن.

ليۇ يېفېي مۇنداق دېدى: مېنىڭ قەلبىمدە بەختىيار «ئوغۇل بالا». بەختىيارنىڭ باشلامچىلىقىدا، شياڭۋاڭ قاشتاش بۇيۇملار شەھەرچىسىدە گۇسۇ رايونى قاشتاش كەسپىي «قىزىل ئانار» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلۇپ، تەۋەلىكىدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە پائال قاتناشتى، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشخانىسىنى بوشىتىپ «قىزىل ئانار ئائىلىسى» بازىسىغا ئۆزگەرتتى. 2021- يىلى، بەختىيار «گۇسۇلۇق ياخشى ئادەم» بولۇپ باھالاندى.

«ئۇ قىزغىن ئادەم، تەۋەلىك رايوندىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەزگىلىدە ھەم خېنەن جېڭجوۋ ئاپەتكە ئۇچرىغان مەزگىلدە، يەنە ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنى ئىئانە توپلاشقا قوزغاپ، مېھىر- شەپقەت، ئىئانە پۇل، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بەردى... »، دېدى ليۇ يېفېي بەختىيارنى ماختاپ.

بەختىيار بەردى ۋە گۇسۇ رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى گۇسۇ رايونىدىكى قىزىل ئانار بىرلەشمە مۇلازىمەت پونكىتىدا خېنەنگە ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى مەسلىھەتلەشمەكتە.

بەختىيار تەمىنلىگەن سۈرەت

ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، تەبرىك سۆزى قىلىش، لەۋھە تاختىسى تەقدىم قىلىش... تىجارەت باشلاش مۇراسىمىنىڭ پائالىيەتلىرى كەينى- كەينىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى، پەستە تۇرغان بەختىيارنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلىنەتتى.

«گەرچە مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ئۈرۈمچىدە بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ بىر يىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقتىم سۇجوۋدا ئۆتىدۇ. بۇ يەردە تۇتقان ھەر بىر دوستۇم مېنىڭ سۇجوۋدىكى ئائىلە كىشىلىرىم. مەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئۇلار مېنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىمغا ھەمراھ بولىدۇ، مەن خۇشال بولغاندا ئۇلار خوشاللىقىمغا جۆر بولىدۇ. ئادەم ياقا يۇرتتا بولسىمۇ، يات مېھمان ئەمەس.» دېدى بەختىيار.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش