دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش] ساڭزا
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-08-19 10:57:30

 ئاپتور: خەن گوخۇا
   «قىزچاق، ۋاقتىڭىز چىققاندا، كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىڭ.» تۇنجى قېتىم باقىيات مۇقاش تاغىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا، ئۇ ماڭا ساڭزا سېلىپ بەردى، كېتىدىغان چاغدا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا شۇنداق دېدى.
   بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن باقىيات تاغا مېنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنىم. 2020-يىلى، مەن سەنشىدىن شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈيتۈن شەھىرىگە كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدا، تېخى كۆرۈشمىگەن بۇ تۇغقىنىمنى يوقلاپ كېلىشنى قارار قىلدىم. تېلېفون قىلىشتىن بۇرۇن، تىلىمىز ئوخشىمىغانلىقتىن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا قىينىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرگەنىدىم. تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايلا قالماي، يەنە تاغامنىڭ قىزغىن تەكلىپ قىلىشىغا ئېرىشتىم.
   تاغامنىڭ ئۆيى چوڭ بولمىسىمۇ، ھەممە يەردىن ئۆي ئىگىسىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى چىقىپ تۇراتتى. دېرىزە تەكچىسىگە، تېلېۋىزور ئىشكاپىغا گۈل ۋە يېشىل ئۆسۈملۈكلەر تىزىلغانىدى، مېھمانخانا ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈستەلگە چىرايلىق داستىخان سېلىنغان، يەرگە گۈللۈك گىلەم سېلىنغان، ھەر خىل چىرايلىق رەڭلەر گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى. مېھمانخانا ئۆيگە كىرگەن شامالدا گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ئۆي ئىچىگە تاراپ، كىشى كۆڭلىگە ياقاتتى.
    تاغام مېنى باشلاپ ئۆيىنى ئايلاندۇردى، ماڭا ياتاق ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىلغان بىر پارچە كەشتە رەسىمنى تونۇشتۇردى، بۇنى ھاممام بىر يىڭنە-بىر يىپتىن كەشتىلەپ چىققان ئىكەن. تاغام بۇ رەسىمدىن ناھايىتى رازى بولغاچقا، بىر تەرەپتىن «ئىجادىيەت جەريانى»نى تەسۋىرلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھاممامغا قارايتتى، كۆزلىرىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خۇشاللىقىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، بۇ كۈلكە بىر خىل سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، مەندىكى ئۆيگە كىرگەن چاغدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىۋەتتى.
    مېھمانخانا ئۆيگە قايتىپ كىرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ كىچىك قىزى بەلىزە باقىيات ئۈستەلگە توغاچ، شياڭجياۋ، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەرنى، يەنە ھەر خىل قۇرۇق مېۋە ۋە مەن كۆرۈپ باقمىغان ئۆزگىچە ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تىزىۋەتكەنىدى.
   باقىيات تاغا مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىرتتىن ئەكىردۇق، لېكىن ساڭزىنى ئۆزىمىز سالىمىز، كېتىشكە ئالدىرىماڭ، ساڭزىنى تېتىپ بېقىڭ مېڭىڭ!»
   ساڭزا سېلىش باشلاندى. تاغام ئۇن، سۇ، تۇز، تۇخۇملارنى ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىرنى قايتا-قايتا چەيلىدى، بىردەمدىن كېيىن بىر داس ئوبدان چەيلەنگەن خېمىر تەييار بولدى. ئاندىن، ئۇ بۇ خېمىرنى ئەمبەلگە قويۇپ، يەنە چەيلىدى، يېتەرلىك چەيلىگەندىن كېيىن، خېمىرنى رەخت بىلەن يېپىپ، تىندۇرۇشقا باشلىدى.
   «سىرتتا ساڭزا ساتىدىغانلار شۇنچە كۆپ تۇرسا، نېمىشقا ئۆزىمىز سالىمىز، نېمىدېگەن ئاۋارىچىلىك» دېدى بەلىزە بىر چەتتە تۇرۇپ غودۇڭشىپ، مەنمۇ سەل چۈشىنەلمەي قالغانىدىم.
   ئەسلىدە، باقىيات تاغا ئىلگىرى كۈيتۈن شەھىرىدىن ئەمەس بولۇپ، 30 يىل ئىلگىرى تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخودىكى بىر چارۋىچىلىق فېرمىسىدا چارۋىچى ئىكەن، ئۇ چاغلاردا ئائىلىسىنىڭ شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، چوڭ قىزى تۇغۇلغاندىن كېيىن، ھاممىمىزنىڭ تېنى ئاجىزلاپ كەتكەندە، ياخشى نىيەتلىك قوشنىسى ئۇلارنى ساڭزا ۋە قارا شېكەر ئېلىپ كېلىپ يوقلىغان، ھاممىمىز قارا شېكەر سېلىنغان قايناق سۇغا ساڭزا چىلاپ يەپ، ئاندىن يەنە قوي گۆشى يەپ قۇۋۋەت تولۇقلاش ئارقىلىق سالامەتلىكىنى تېزلا ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالغان. يىل بويى پادا باققاچقا، تاماق ۋاقتىدا بولماي قالغاندا، تاغام بىلەن ھاممام  يېنىدا جىق ساڭزا ئېلىپ يۈرۈيدىكەن، ساڭزا يېيىشلىك بولۇپلا قالماي، يەنە قورساقنى توقلايدىكەن.
   كېيىن، قىزلىرىنىڭ ياخشى تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر چارۋىچىلىق مەيدانىدىن ليەندۈيگە كۆچۈپ كەلگەن، يەنە ليەندۈيدىن شەھەر رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۆزلىرىمۇ كىگىز ئۆيدىن بىر قەۋەتلىك ئۆيگە، ئاندىن ھازىرقى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن. تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلانغان، بايراملىق يېمەكلىكلەر بارغانسېرى موللاشقان، نۇرغۇنلىرىنى سىرتتىن سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولغان. لېكىن چوڭ بايراملاردا ئۇ پەقەت ساڭزىنىلا ئۆيىدىكىلىرىگە ئۆز قولى بىلەن سېلىپ بېرىدىكەن.
   خېمىر تىنغاندىن كېيىن، تاغام كارامىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇ تىنغان خېمىرنى يۇمىلاق قىلىپ ئاچقاندىن كېيىن، پىچاق بىلەن خېمىرنى ئۇزۇنچاق قىلىپ كەستى. ئارقىدىن قولىغا ياغ سۈركەپ، ئۇزۇن خېمىرنى پىلتە قىلىپ، ئەمبەلگە جىزا قىلىپ تىزدى. ئاندىن، چوتكا بىلەن ئاپئاق جىزىنى ساپسېرىق قىلىپ ياغلىدى، يەنە بىر قېتىم ئۈستىنى يېپىپ، داۋاملىق تىندۇردى.
   خېمىر تىنغۇچە، بىز پارىڭىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ھاممام ماڭا بازاردىن يېڭىلا سېتىۋالغان ئالتۇن رەڭلىك ياغلىقى بىلەن قىزىلگۈل بەرگى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۆڭلەكنى كۆرسەتتى. بەلىزە ماڭا ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئوقۇش كەچۈرمىشىنى ۋە مەكتەپتىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.
   ئەسلىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە قورۇنۇپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، لېكىن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى مېنىڭ بۇ ئەندىشەمنى يوقاتتى. سافادا ئولتۇرۇپ، ئەتكەن چاي ئىچىپ، قەنت-گېزەك يەپ، گۈللەرنىڭ ھىدىنى پۇراپ، ئۇلارنىڭ خۇشال كۈلكە-چاقچاقلىرىنى ئاڭلاپ، مەن ئۆزۈمنى ئەسلىدىلا ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسىدەك ھېس قىلىپ قالدىم، مەندىكى ئىشىكتىن كىرگەندىكى قورۇنۇشلار يوقاپلا كەتكەنىدى.
   «ساڭزىنى سالساق بولغۇدەك» باقىيات تاغا ۋاقىتقا قاراپ، ئۇدۇل ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ جىزىنى ئىنچىكە ئۇزۇن ئەشكەندىن كېيىن، بارمىقىغا 9 ~ 10 قۇر قىلىپ يۆگەپ، ساڭزا تايىقىغا ئېلىپ، ئاستا-ئاستا قازاندىكى ياغقا سالدى.
    «پىژ...» ساڭزا ياغدا چېچەكلەپ سارغايدى. ساڭزا تايىقىنىڭ ئۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، مەززىلىك پۇراق دىماققا ئۇرۇلدى.
    بۇ كۆرۈنۈش ماڭا سەنشىدە چاغان ئۆتكۈزگەن مەنزىرىنى ئەسلەتتى. ھېلىھەم ئېسىمدە، ئەينى يىللىرى قەمەرىيە 12-ئاينىڭ 26-كۈنى بولۇشى بىلەنلا، ئاتا-ئانام ياغدا پىشۇرۇلغان سەنداۋزا، ۋەنزە، يوۋشىزى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئىشلىتىلەتتى، شۇنداقلا بۇلار چاغاندا كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر ئىدى، ئاتا-ئانام ھەر قېتىمدا ناھايىتى كۆپ تەييارلايتتى، ھەتتا تەييارلىغان بۇ يېمەكلىكلەر چاغاننىڭ 15-كۈنىگىچە يېتەتتى.
   كىچىكىمدە مەن ياغدا پىشۇرۇلغان ۋەنزىنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتىم. ھەر قېتىم ئاپام ۋەنزە پىشۇرغاندا، مەن قىيما قىلىشىپ بېرەتتىم، ھەر قېتىم ۋەنزىنىڭ تۇز تەمىنى بىرىنچى بولۇپ تېتىپ باقاتتىم، تەمى تەڭشەلگەندىن كېيىن، داۋاملىق پىشۇراتتى. كىچىك ۋاقتىمدا شوخ ئىدىم، ھەر قېتىم بىرنى پىشۇرسا، بىرنى يەۋالاتتىم، قورسىقىم تويغاندا ئاندىن كېتەتتىم. قازاندىكى ساپسېرىق، يۇمىلاق ۋەنزىنىڭ پىشىشىغا قاراپ تۇرۇشقا ئامراق ئىدى، ئۇلار ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان بەختلىك، خۇشال كۈنلەرگە ئوخشايتتى.
    «قېنى، تېتىپ بېقىڭ.» باقىيات تاغام قازاندىن يېڭى ئالغان ساڭزىنى ماڭا سۇندى.
    «كۇرۇس، كۇرۇس» بىر چىشلەپ مەززە قىلىپ يېگىنىمنى كۆرۈپ، تاغام خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ياقا يۇرتتا ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىشىم ئىدى، شۇ دەقىقىدە مەن تۇيۇقسىز ۋاقىتنىڭ توختاپ قېلىشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلدىم. شۇنداق، شۇ پەيتتە، مەن باقىيات تاغىنىڭ ئۆيىنى سەنشىدىكى ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيى دەپ قالغانىدىم.
     كېيىن، باقىيات تاغىنىڭ چوڭ قىزىنىڭ تويىدا، ئۇ تېلېفون قىلىپ مېنى مېھمان بولۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتا بارغىنىمدا، بىز كونا تونۇشلاردەك بولۇپ قالغانىدۇق، ئۇنىڭغا سەنشىنىڭ لاۋچېن ئاچچىقسۇيى ۋە ياغلىق شىزىسىنى ئالغاچ باردىم، قايتقاندا ئۇ ماڭا ساڭزا قاچىلاپ بەردى. مەن ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۆزئارا ۋىيشىنلىرىمىزنى قوشۇۋېلىشتۇق، «ئۆيىمىزگە يېڭىدىن شامالدۇرغۇچ ئورناتتۇق»، «ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەت ئىزدىمەكچى» ... بىز كۈندىلىك تۇرمۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇق، خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىلەندۇق.
    قۇر-قۇر سېلىنغان ئالتۇن رەڭلىك بىر تەخسە ساڭزا يۇرتۇمغا بولغان مۇھەببىتىمنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە باقىيات تاغام بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىقىمنىمۇ تۇتاشتۇرۇپ، قەلبىمنى ئىللىتتى ۋە شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشقا ئىشەنچ ئاتا قىلدى.
    باقىيات تاغامنىڭ كۈنلىرى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان ساڭزىدەك بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتكۈسى، دوستلۇقىمىز مەڭگۈلۈك بولغۇسى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش