دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ 60 يىللىق دوستلۇقى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-11-23 17:45:33

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۆلياقا يېزىسى كۆلياقا كەنتىدە قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەشكە باشلىدى. جاڭ جيۇخۇا ئىنىسى قۇسايىن زېكېن ئائىلىسىنىڭ تېخى زاپاس كۆمۈر تەييارلاشقا ئۈلگۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپ ئەندىشە قىلدى. ئۇ دەرھال خوتۇنى نيۇ جۈيىڭ بىلەن ئۈچ چاقلىق ھارۋىغا كۆمۈر قاچىلاپ، ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەرمەكچى بولدى.

  ئاكىسى بىلەن يەڭگىسى موھتاج بولغاندا جانغا ئەسقاتتى، قۇسايىن خۇشال ھالدا خوتۇنىغا چۈشلۈك تاماق تەييارلاشنى ئېيتىپ، ئاكىسى بىلەن يەڭگىسىنى گۆش سېلىپ مېھمان قىلماقچى بولدى.

  قۇسايىن ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تىلغا ئېلىنغاندا، جاڭ جيۇخۇا پەخىرلەنگەن ھالدا: «بۇ دېگەن ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ 60 يىللىق دوستلۇقى!» دېدى.

جاڭ جيۇخۇا بىلەن قۇسايىن زېكېن پاراڭلاشماقتا (10-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان).

پولات فوتوسى 

  1960-يىلى 7-ئايدا، جاڭ جيۇخۇانىڭ دادىسى جاڭ جىۋېن پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ گەنسۇنىڭ جاڭيېدىن باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە كەلدى. شۇ چاغدا كەنتتە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان زېكېن يېرمەكەي ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. زېكېن ئۆزىنىڭ بىر ئېغىز كېسەك ئۆيىنى جاڭ جىۋېن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرۇشىغا بەردى، يەنە ئۇلارغا ئاشلىق، ئوتۇن ئاپىرىپ بەردى، ياغاچچىلىقتىن خەۋىرى بار جاڭ جىۋېن بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندى، ئەڭ ياخشى ياغاچ ماتېرىياللىرى بىلەن زېكېننىڭ ئۆيىگە ئىشكاپ ياساپ بەردى.

  ئاشۇ جاپالىق يىللاردا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر چەينەكتىكى ئەتكەنچاينى تەڭ ئىچىپ، بىر قازاننىڭ تامىقىنى يېدى. زېكېننىڭ مېھرىبانلىقىدىن جاڭ جىۋېن بىر ئائىلە كىشىلىرى چەكسىز مىننەتدار بولدى، شۇنداقلا ئىككى ئائىلىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

  قۇسايىن زېكېننىڭ ئوغلى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جاڭ جيۇخۇا ئىككىمىزنىڭ يېشى تەڭ، بىز خۇددى بىر قورساق قېرىنداشلاردەك كىچىكىمىزدىن تارتىپ بىللە چارۋا بېقىپ، بىللە ئويناپ چوڭ بولغان».

  2011-يىلى، جاڭ جىۋېننىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىدا 15 كۈن ھوشسىز ياتتى. ئېغىر كېسەلدىن يېڭىلا ئەسلىگە كېلىپ، كۆلياقا كەنتىگە قايتىپ كەلگەن جاڭ جىۋېن زېكېننى قۇچاقلاپ يىغلاپ تۇرۇپ: «سىزنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم، دەپ ئويلىغانىدىم»، دېدى. زېكېن جاڭ جىۋېننىڭ «ئۆلۈم گىردابى»غا بىر بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى.

  2015-يىلى 9-ئاينىڭ بىر كۈنى، قۇسايىننىڭ چوڭ ئوغلى غېلىمبېك ئوت-چۆپ ئېلىپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، جاڭ جيۇخۇا بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ماشىنىنى ھەيدەپ نەچچە ئون كىلومېتىر جايغىچە ئىزدەپ غېلىمبېكنى تاپتى. بەختكە يارىشا، غېلىمبېكقا ھېچ ئىش بولمىغانىدى. جاڭ جيۇخۇا بىر ماشىنا ئوت-چۆپنى ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا بېسىپ، غېلىمبېكقا ياردەملىشىپ ئۆيىگە ئاپىرىشىپ بەردى، ئاندىن يەنە قايتىپ كېلىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن ماشىنىنى ئۆيگە سۆرەپ ئەكىلىپ كېچىلەپ رېمونت قىلدى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، قۇسايىننىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، ئۆيدىكى چارۋىلارنى باقىدىغان، ئون مودىن ئارتۇق بۇغداينى تېرىيدىغان ئېغىر يۈك كىچىك ئوغلى باقىتبېكنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. بۇلارنى ئېسىگە ئالغان جاڭ جيۇخۇا ئوغلى جاڭ تاۋنى ئېلىپ باقىتبېككە ياردەملەشتى. جاڭ جيۇخۇا: «ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، سېنىڭ، مېنىڭ دېمەيمىز!» دېدى.

  بۇلتۇر قىشتىكى قاتتىق قار ياغقان بىر ئاخشىمى، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان قۇسايىن جاڭ جيۇخۇاغا تېلېفون قىلىپ، خوتۇنىنىڭ سىرتقا چىققاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ كېتىپ بېلىنى قايرىۋالغانلىقىنى، جاڭ جيۇخۇانىڭ ئامال قىلىپ بېقىشىنى ئېيتتى. قاراڭغۇ كېچىدە، جاڭ جيۇخۇا بىلەن نيۇ جۈيىڭ قۇسايىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، قۇسايىننىڭ خوتۇنىنىڭ بېلىگە دورا سۈركەپ، ئەھۋالى سەل ياخشىلانغاندىن كېيىن ئاندىن قايتتى.

  دادىسى جاڭ جيۇخۇانىڭ تەسىرىدە، جاڭ تاۋمۇ قازاقچىنى راۋان سۆزلىيەلەيتتى. 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەن جاڭ تاۋ غېلىمبېك بىلەن بىللە ناھىيە بازىرىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشنى پىلانلىدى.

  «مەن غېلىمبېك بىلەن كىچىكىمىزدىن بىللە چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئىشى بولسا بىرىنچى بولۇپ تېلېفون قىلىپ ئىزدەيدىغان ئادىمى چوقۇم مەن» دېدى جاڭ تاۋ.

  غېلىمبېك مۇنداق دېدى: ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلاردا ھەر قېتىم مەن تېخى ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا، جاڭ جيۇخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى كېلىپ ياردەملىشىدۇ.

  «بىز ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئارىسىدا «ئارىيەت ئېلىش» ۋە «قايتۇرۇش» دېگەندەك سۆزلەر بولۇپ باقمىغان. ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ، ياخشى نەرسىلەر بولسا بىللە يەيمىز، قىيىنچىلىق بولسا بىللە ھەل قىلىمىز»، دېدى غېلىمبېك.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى




مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش