دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ئائىلە دۆلەت ھېسسىياتىنى ئورتاق بايان قىلىش
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-09-24 17:46:29

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كاتتا بايرامنى خۇشال ـ خۇرام تەبرىكلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئالتۇن كۈز پەسلىدە مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە كۆپ خىل شەكىلدىكى جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە دۆلەتنىڭ جەم بولغانلىقىغا، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشىگە بولغان چوڭقۇر تىلىكىنى ئىپادىلىدى، خۇشال، تەسىرلىك، ئىللىق كۆرۈنۈش ھەرقايسى جايلاردا ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى.

جەم بولۇشنى تەبرىكلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

«ئالدى بىلەن ياڭاق مېغىزى، قۇرۇق ئۈزۈم، گۈلقەنت، ھەسەل قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئارىلاشتۇرۇۋالىمىز، ئاندىن ئۇنى يۆبىڭ جىلتىسى بىلەن تۈگكەندىن كېيىن قېلىپقا سېلىپ يېنىك باسساقلا بولىدۇ.» 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى شاخ مەھەللە كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىدا، خوتەن مىنخۈەن يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ پېچىنە ـ پىرەنىك ئۇستىسى گۈزەلنۇر قاسىم خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىگە يۆبىڭ تەييارلاشنى قولمۇقول ئۆگىتىۋاتاتتى.

«بۈگۈن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە يۆبىڭ پىشۇردۇق، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، يۆبىڭ ناھايىتى تاتلىق بولدى!» دېدى شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى شياۋ پەن.

يۇپيۇمىلاق يۆبىڭلار ئۈستەلگە تىزىلدى، «ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق» دېگەن خەتلەر نەقىشلەنگەن نانلار تامغا ئېسىلدى، ئەمدىلا يىغىۋېلىنغان كۆممىقوناقلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىزىلىپ «جۇڭچيۇ. جەم بولۇش» دېگەن خەتلەر چىقىرىلدى... 9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى ئەتىگەندىلا، كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كۇرتى يېزىسى دالا ئاۋىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى تاباراك قازىبېكنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى نەق مەيدانىنى بىرلىكتە بېزىدى.

«جۇڭچيۇ بايرىمى بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولىدىغان كۈن، بىز <تۇغقان>لار بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزۈپ، ناھايىتى بەخت ھېس قىلدۇق. بىز بۇ يىل ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىپلا قالماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق مېھرىدىن تېخىمۇ مول ھوسۇل ئالدۇق، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى چىن دىلىمىزدىن تىلەيمىز» دېدى تاباراك.

دوستلۇق مېھرىنى بايان قىلىپ قەلبداش بولۇش

9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قوشئاۋات يېزىسى شاللىق كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جاڭ جياسۈن ئەتىگەندىلا قوشماقلاشقان تۇغقىنى مۇسا نەسىردىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى كەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھېسسىيات يۇغۇرۇش لېكسىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى بۇ قېتىمقى ھېسسىيات يۇغۇرۇش لېكسىيە پائالىيىتىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئامال تېپىشى، يول تېپىشى، سەھنە ھازىرلىشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان باج ـ ھەققە ئائىت ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ پىكىر يولىنى ئېچىشىغا ياردەم بەرگەن.

توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ توققۇزتارا بازىرىنىڭ گۇڭلياڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى «جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىدا خۇشاللىق بىلەن ئۇچرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شادلىقىغا چۆمۈش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى چېن مېڭجۈن ئاھالە خەلچىبى مەمەت بىلەن بىللە خېمىر يۇغۇرۇپ، قىيما قىلىپ، گۈل بېسىپ، بىردەمدىلا نەپىس يۆبىڭ پىشۇردى. خەلچىبى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىدا بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشى دەل جەم بولۇشتۇر، تاتلىق يۆبىڭ ۋە مېۋە ـ چېۋىلەرنى يەپ، خۇشال ـ خۇرام ئۇسسۇل ئوينايمىز، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ھەسەلدىنمۇ تاتلىق».

بەخت توغرىسىدا پاراڭلىشىپ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش

9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى ئەتىگەندىلا، پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بەكرى ئابلىز ئائىلىسىنىڭ ئۈزۈملۈكىدە بىر توپ پىدائىي ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

بۇ بىر توپ پىدائىي پىچان ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئىدى. شۇ كۈنى، ئۇلار قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ ئۈزۈملۈكىگە كىرىپ، ئۈزۈم ئۈزۈشكە ياردەملەشتى. پارتىيە ئەزاسى قەلبىنۇر ئۆمەر كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كاتتا بايرام كېلىش ئالدىدا، بىز كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىپ، ھەم كاتتا بايرامنى تەبرىكلىدۇق، ھەم مول ھوسۇلغا گۇۋاھ بولدۇق، كۆپچىلىك ئىچ ـ ئىچىمىزدىن خۇشال بولدۇق».

9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى ساۋەن شەھىرى چيەنچۈەنخۇ جياڭشىنيۈەن باقمىچىلىق مەيدانىدا باقمىچى ئائىلىسى ليۇ ئەييۈن بىلەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكىنى تۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. «ئائىلىمىزنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كۆلىمى 280 مو كېلىدۇ. يېقىندا زاكاز بەك كۆپ، مېنىڭ ئالدىراشچىلىقتا يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىمنى كۆرگەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى كېلىپ ماڭا ياردەم قىلدى» دېدى ليۇ ئەييۈن.

«جۇڭچيۇ بايرىمىغا ئاز قالغاندا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكىنى تۇتۇشقا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، يەنە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پائال ياردەم بەردى. پىدائىي بولۇپ دېھقانچىلىققا ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەريانىدا ھېسسىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئاكتىپ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق» دېدى ساۋەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ شاڭخۇدى يېزىسى شياۋكاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى بيەن شاۋبو.

(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار پەرىزات ئابدۇل، ۋاڭ شىنخۇڭ، جەزىرە نېسىپبېك، جاڭ رۇيلىن، رايىدە، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ جىنلياڭ، لۇ شۆ)



مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش