دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

كۆپچىلىكنىڭ تامىقىنى يەپ چوڭ بولدى بېيىغاندىن كېيىن «كۆپچىلىك»كە مىننەتدارلىق بىلدۈردى
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-06-17 12:54:10

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچقۇرۇن، تاۋ چى چۈجە ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېيتۈن بازىرىدىن ئالتاي شەھىرىگە بارىدىغان يولدا كېتىۋېتىپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئاۋىيتان بازىرى ئاقتۆپە كەنتىگە كەلگەندە، كەنت ئاھالىسى زاۋكىن ئابانباينىڭ ئۆيىگە بۇرۇلۇپ، ئۇدۇللا ھويلىدىكى باقمىچىلىق رايونىغا كەلدى، ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان كىچىك ئوغۇل بالا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈگۈرگەچ: «موما، چۈجە ئەكېلىپ بېرىدىغان قىزىڭىز كەلدى...» دەپ توۋلىدى.

زاۋكىن بۇ يىل ھويلىسىغا مەخسۇس توخۇ كاتىكى سالغانىدى، تاۋ چى كاتەك يېنىدا تۇرۇپ، ھەربىر توخۇنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ: «ئاپا، بۇ توخۇلارنى بەك ياخشى بېقىپسىز...» دەپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى، ئاۋازنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن زاۋكىن: «ھازىر باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ بولدۇم، ئەمدى ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ» دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.

تاۋ چى ئالتاي شەھىرى بېيتۈن تەيكۇن ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى، كىچىك چېغىدا ئاتا - ئانىسى ئۇزاق مەزگىل سىرتتا بولغاچقا، ئۇ ئاقتۆپە كەنتىدە كۆپچىلىكنىڭ تامىقىنى يەپ چوڭ بولغانىدى. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىگە ياردەم قىلغان يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، 2008 - يىلىدىن باشلاپ كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقسىز چۈجە يەتكۈزۈپ بەردى، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى ھەم بۇ ئاممىۋى مەنپەئەت ھەرىكىتىنى ئەتراپتىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەنتلىرى ۋە تۇەن - مەيدان، ليەندۈيلەرگىچە كېڭەيتتى.

1975 - يىلى، بەش ياشلىق تاۋ چى ئاپىسى بىلەن سىچۇەندىن شىنجاڭغا كەلگەن بولۇپ، 1979 - يىلى ئاقتۆپە كەنتىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقانىدى.

تىرىكچىلىك ئۈچۈن، تاۋ چىنىڭ ئاتا - ئانىسى تاغقا بېرىپ ئىشلىگەچكە، كىچىككىنە تاۋ چى ئىككى سىڭلىسى بىلەن ئۆيدە قالاتتى. ئاتا - ئانىسى ئىشلەيدىغان جاي ئۆيگە بەك يىراق بولۇپ، ئارىلاپ ئۆيگە قايتقاندىلا ئاز - تولا ئاشلىق ئالغاچ كېلەلەيتتى. تاۋ چى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەن كەنتتىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ تامىقىنى يەپ باققان. ئەينى يىللىرى قوشنىمىز قازاق چوڭ ئانا بەرگەن سۈت ۋە نانلار، يېنىمىزدىكى ھاممام ئەكېلىپ بەرگەن ئاق ئۇن، قۇرداشلىرىم بەرگەن ئۇششاق يېمەكلىكلەر... ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.

مۇشۇنداق تۇرمۇش ھالىتى تاكى 1983 - يىلىغىچە داۋاملاشتى، تاۋ چى ئائىلىسىدىكىلەر ئاۋىيتان بازىرىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ مۇقىم خىزمىتى ۋە كىرىمى بار بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«مەن موڭغۇل مىللىتىدىن، كىچىكىمدىن باشلاپ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان كەنتتە چوڭ بولدۇم، ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئوينىدىم، ئۇلار ماڭا ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتتى، بىز چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئورناتتۇق. ئۇنى قاچاندىن باشلاپ زاۋكىن ئانا، دەپ چاقىرغىنىم ئۆزۈمنىڭمۇ ئېنىق ئېسىمدە يوق، ئۇ مېنى قىزىم دەپ چاقىرىدۇ، بۇ چاقىرىش ناھايىتى تەبىئىي ھەم ناھايىتى چىن.» تاۋ چى مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ تامىقىنى يەپ، كۆپچىلىكنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىنى ھېس قىلدىم، بۇ، مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن جاۋاب قايتۇرۇشنى ئەڭ ئارزۇ قىلغان مېھىر - شەپقەت.

2007 - يىلى، تاۋ چى ئېرى بىلەن بىرلىكتە بېيتۈن بازىرىدا چۈجە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەيكۇن ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى زاۋۇتىنى قۇردى. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، تېزدىن شۇ جايدا بازار ئاچتى، يىللىق سېتىش سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

بېيىش يولىغا قەدەم قويغان تاۋ چىدا ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئويى تۇغۇلدى. 2008 - يىلى ئەتىيازدا، ئۇ ئاقتۆپە كەنتىگە بارغاندا، كەنتتىكى يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ يەنىلا ئانچە باياشات ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ياردەم قىلماقچى بولدى. «مەن ئۇلارغا چۈجە ئەكېلىپ بېرىپ، چۈجە بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئويلىدىم» دېدى تاۋ چى.

چاي قاينىتىش، تاماق ئېتىش، نان يېقىشنىلا بىلىدىغان زاۋكىن ئۈچۈن ئېيتقاندا، توخۇ بېقىش ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن تەسكە چۈشتى. تاۋ چى توخۇ كاتىكى تاللاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتىن يەم تەڭشەشكىچە بولغان ھالقىلارغىچە ئۇنىڭغا توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

ئىككى يىل ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، زاۋكىن توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىۋالدى. «بۇ يىل 5 - ئايدا، قىزىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەربىرىگە ئوندىن چۈجە ئەكېلىپ بەردى، ماڭا 20نى بەردى، مەن يەنە باشقىلارغا ياردەملىشىپ ھاۋالىلىك بېقىشىپ بەردىم.» زاۋكىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇخۇمنى ئۆزىمىز يېگەندىن باشقا، يەنە بىر قىسمىنى سېتىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇردۇق، مەن بىر يىلدا تۇخۇم سېتىپ 2000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتىم.

ھەر يىلى 4 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، تاۋ چى ئېرى بىلەن بىللە ئېھتىياجى بار كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقسىز چۈجە ئەكېلىپ بېرىدۇ، تېخنىكا ئۆگىتىدۇ. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇلار جەمئىي 2000دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچى ئائىلىسىگە 31 مىڭ چۈجىنى ھەقسىز يەتكۈزۈپ بەردى.

2015 - يىلى، بېيتۈن بازىرى شىنچۈەن مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتى قۇرۇلدى، تاۋ چى جەمئىيەتنىڭ جەمئىيەت باشلىقلىقىغا سايلاندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىغا تېخىمۇ قىزغىنلىق بىلەن ئاتلاندى. ئۇنىڭ تەشكىللىشىدە، جەمئىيەت پائال ئىئانە پۇل توپلاپ، 2000دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىگە ياردەم قىلدى ھەم بەزى ناھىيە(شەھەر)، يېزا - كەنتلەردە مېھىر - شەپقەت تاللا بازىرى ئېچىپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا 3000 ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك نەپ يەتكۈزۈپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش