دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ياخشى قوشنىلار قول تۇتۇشۇپ بېيىش يولىغا ئاتلاندى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-05-14 18:16:21

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن دېڭ لىجۈەن

«بۇلتۇر، كەنتىمىز ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بولۇپ باھالاندى، بۇ يىل بىز ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بولۇشقا ئىلتىماس قىلىۋاتىمىز» دېدى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىلان يېزىسى نۇرباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى لو يەن كەنتتىكى مەدەنىيەت تېمى ئالدىدا تۇرۇپ پەخىرلەنگەن ھالدا.

نۇرباغ كەنتىدە 114 ئائىلە، 493 نوپۇس بار. 17 يىل ئىلگىرىكى مەنزىرە كەنت ئاھالىسى بەي دېشيۇڭنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە: «ئۇ چاغدا ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى جاپالىق ئىدى، كەنتىمىزدىكى قۇربان كامىل ماڭا ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل ئۆتنە بېرىپ تۇردى، يەنە تىراكتورىنى ماڭا ھەقسىز ئىشلىتىشكە بەردى. ئۇ چاغدا مەن ئۆي سېلىۋاتاتتىم، ھويلا تېمىنى سۇۋايدىغان چاغدا، ھەر كۈنى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئېتىز بېشىدىن قايتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى، ھېچكىم ھەق تەلەپ قىلمىدى».

52 ياشلىق بەي دېشيۇڭ كەنتتىكى كېۋەز تېرىش «يەرلىك مۇتەخەسسىسى»، ئۇ يۇرتداشلارنىڭ بۇ مېھىر - شەپقىتىنى ئېسىدە ساقلاپ، دائىم كۆپچىلىكنى تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. كەنت ئاھالىلىرى ئوت - چۆپ، ھاشارات يوقىتىش دورىسى سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭغا كۆرسەتكەندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم ئىشلىتىدۇ، ھەر قېتىم ئېتىز پەرۋىشى قىلىدىغان چاغدا، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېۋەزلىكىگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىپ، تۇپراق سۈپىتى، سۇغىرىش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئېتىز پەرۋىشى توغرىسىدا ئەڭ ياخشى تەكلىپ بېرىدۇ.

«2019 - يىلى سىڭلىمنىڭ ئېرى ليۇ جاڭشياڭنىڭ پۇتىنى تىراكتورنىڭ ھەرىكەت ئۇزىتىش ئوقى زەخىملەندۈرۈپ قويدى، كەنت كادىرى ئەخمەت مەخمۇت بىرىنچى بولۇپ بايقاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ياردەمگە تەشكىللەپ، ليۇ جاڭشياڭنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 - خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ھاياتىنى ساقلاپ قالدى» دېدى بەي دېشيۇڭ.

ليۇ جاڭشياڭ ئائىلىسىنىڭ 300 مودىن ئارتۇق يېرى بولۇپ، ئۇ دوختۇرخانىدا ياتقان ۋە دەم ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، يېرىگە قارايدىغان ئادەم يوقلۇقىدىن ئەڭ ئەندىشە قىلغانىدى. ئەخمەت 150تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ يېرىنى تېرىپ بەردى.

«شۇ چاغدا مەن كۆپچىلىككە پۇل بەرمەكچى بولغاندا، ھېچكىم ئالمىدى. يۇرتداشلار: ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئائىلىڭىزدە قىيىنچىلىق بولسا ياردەم قىلىش بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشقۇ، پۇل ئالساق قانداقمۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايمىز؟ دېيىشتى» دېدى ليۇ جاڭشياڭ ئەسلەپ.

كەنتتە ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىكىگە كوللېكتىپ چۈشكەن سۈرەت چاپلانغان بولۇپ، بۇ، كەنتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش شەكلىنىڭ بىرى ئىكەن. لو يەن مۇنداق دېدى: «ئىشىككە <مەن دوستۇم بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشتۈم> تېمىسىدىكى سۈرەتنى چاپلاش ئارقىلىق، كۆپچىلىك ھەر كۈنى ئىشىكتىن كىرىپ - چىققاندا سۈرەتنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى».

لو يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش داۋامىدا، خەنزۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېۋەز، كۆكتات، مېۋە - چېۋە تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئۇيغۇر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خەنزۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كالا بېقىشىغا، قوي بېقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى، ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەريانىدا كۆپچىلىكنىڭ قوشنىدارچىلىق مېھرى چوڭقۇرلاشتى. بۇلتۇر، نۇرباغ كەنتىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، بۇ يىل 18 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش