دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

جانجىگەر ئاكا - ئۇكىلار
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-05-12 16:32:20

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى ۋېنتىڭ

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەتىگەندە، ئارشاڭ ناھىيەسى خاربۇخ بازىرى گۈنجۇخ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سېرىك ھېزىت شۇ كەنتتىكى يى جىنيىنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئىشىكتىن كىرىپلا ھويلىنى سۈپۈرۈشكە باشلىدى، ئارقىدىن كالا قوتىنىغا بېرىپ ئالدىراش ئىشلەپ كەتتى... كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېرىك بىلەن يى جىنيىنىڭ جانجىگەر ئاكا - ئۇكىلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن سېرىك بىلەن 39 ياشقا كىرگەن يى جىنيىنىڭ تونۇشقىنىغا سەككىز يىل بولدى. 2013 - يىلى، سېرىك ئالتايدىن گۇنجۇخ كەنتىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ قىلىش ئۈچۈن كېلىپ، باشقىلارغا ياردەملىشىپ ۋاكالىتەن چارۋا بېقىشىپ بەرگەندە، يى جىنيى بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدى.

يى جىنيى كەنتتىكى داڭلىق باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە دائىم ياردەمچى يېتىشمەيتتى، پۇختا، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغان سېرىككە ئۇنىڭ كۆزى چۈشتى.

2018 - يىلى، ۋاكالىتەن چارۋا باققۇچىنى ئىشلەتكۈچى شەخسىي سەۋەب تۈپەيلىدىن سېرىكنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇردى، سېرىك قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا، يى جىنيى ياردەم قولىنى سۇندى: ئۇ سېرىكنى ئۆزىنىڭ قوي - كالىلىرىنى بېقىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ھەرئايدا 4000 يۈەن مائاش بەردى. «يى ئاكامغا ئەگىشىپ ئىشلەپ، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى سېرىك تارتىنغان ھالدا.

سېرىك ۋە خوتۇنى ئارزۇگۈل ئابلابېكنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يى جىنيى خوتۇنى جېڭ لىجۈەن بىلەن قورۇدىكى بىر ئېغىز چوڭ ئۆينى ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئولتۇرۇشىغا بىكارلاپ بېرىشنى قارار قىلدى. «ھەرقانداق ئادەمنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغان چاغلىرى بولىدۇ، بۇ ئەر - خوتۇنلار سەمىمىي ئادەملەر ئىكەن، ئۇلارغا ياردەم قىلغۇم كەلدى» دېدى يى جىنيى.

ئۇلار بىر ھويلىدا تۇرۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى. ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدە، يى جىنيى يىراق جايلارغا ئۇرۇق سېلىش، ئورما ئورۇشقا كەتكەندە، ئائىلىدىكى بىر توقاي ئىشلارنى خاتىرجەم ھالدا سېرىككە تاپشۇراتتى. «ئۆيدە سېرىك بولسا، مېنىڭ غەم قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.» يى جىنيى مۇنداق دېدى: مەيلى ئات، كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلار بولسۇن، ياكى ھويلىدىكى مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلار بولسۇن، سېرىك ھەممە ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرىدۇ.

2018 - يىلى قىشتا، ئارزۇگۈل تۇيۇقسىز بىئارام بولۇپ قالدى، جېڭ لىجۈەن ئۇنى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، كېيىن يەنە ئارزۇگۈلگە ھەمراھ بولۇپ ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى باردى. سېرىك ئائىلىسىنىڭ ئانچە باياشات ئەمەسلىكىنى بىلىپ، يى جىنيى 30 مىڭ يۈەن چىقىرىپ سېرىكنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى، «ئاۋۋال كېسەلنى ياخشى داۋالىتىڭ، پۇل يەتمىسە يەنە ماڭا دېسىڭىز بولىدۇ. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئەنسىرىمەڭ.» ياخشى قېرىندىشىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان سېرىك ئىختىيارسىز كۆزىگە ياش ئالدى.

ئۈرۈمچىدە داۋالىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئارزۇگۈل يەنە قەرەللىك ھالدا بورتالادىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، دورا سېتىۋېلىشقا توغرا كەلدى، ھەر قېتىم جېڭ لىجۈەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى، يەنە دائىم ئۇنىڭغا قۇۋۋەت دورىسى ئاپىرىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، يى جىنيى ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، ئارزۇگۈلنىڭ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولدى، سېرىكنىڭمۇ چىرايى ئېچىلدى.

2020 - يىلى 7 - ئايدا، سېرىكنىڭ كەنتتىكى بىر قورۇغا كۆزى چۈشتى، لېكىن خوتۇنى ئۇزاق مۇددەت دورا يەپ، كېسەل داۋالاتقان بولغاچقا، ئامالسىز ئۆي سېتىۋېلىش ئويىدىن ۋاز كەچتى. يى جىنيى بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزىنى بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ بىلمىگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، دەرھال ئۇنىڭ بۇ قورۇنى سېتىۋېلىشىغا پۇل بەردى. سېرىكنىڭ قولى قىس ئىكەنلىكىنى بىلىپ، يى جىنيى يەنە ئۇنىڭ ئۆي بېزەش، ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. سېرىك يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، يى جىنيىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ يەنە تۆت كالا باقتى.

ھازىر، سېرىكنىڭ ئۆيى بىلەن يى جىنيىنىڭ ئۆيى بىر كىچىك يول ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئارىلىقى ئاران 100 نەچچە مېتىر كېلىدۇ، يى جىنيىنىڭ ئۆيى سېرىكنىڭ ھەركۈنى جەزمەن بارىدىغان جايى. «سېرىك ماڭا ۋاكالىتەن ئۆيدىكى ئىشلارنى قىلىپ بەرسە، مەن خاتىرجەم سىرتقا چىقىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىنى كېڭەيتەلەيمەن. مەن يەنە سېرىكنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پىراۋىسى ئېلىشقا ئىمتىھان بەرگۈزۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان يولنى كۆپەيتىشنى پىلانلاۋاتىمەن» دېدى يى جىنيى.

«يى ئاكامنىڭ ياردىمى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، مېنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىم ئاشتى.» سېرىكنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ۋە ئۈمىد نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش