دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 ئاكا-ئۇكىلار قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-04-20 18:19:38

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر جۇ جىڭ خەۋىرى): «لى ئاكا، بىزنىڭ ساغلىقلىرىمىز يەنە ئالتىنى قوزىلىدى، ساغلىقلار بىلەن قوزىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ساغلام، ھازىر بىزنىڭ 50 نەچچە قويىمىز بار، بۇنىڭدىن باشقا، 12 تۇياق كالىمىزمۇ ئىنتايىن ساغلام، سىز خاتىرجەم بولۇڭ».

  «ھا ھا، داۋۇت ئىنىم، سىز  قوي-كالا بېقىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىكەنسىز، قوزىلىشى كۆپ، ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن، مۇشۇ بويىچە كېتىۋەرسە، يىل ئاخىرىدا خېلى كۆپ پۇل تاپالىغۇدەكمىز».

  4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەندە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى تۆۋەنكى چوناق كەنتىدىكى دېھقان داۋۇت مامۇت كالا، قويلارغا يەم بېرىپ، كالا، قويلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن، ئارال شەھىرىدە تۇرۇشلۇق لى ۋېنشۈەنگە تېلېفون بېرىپ، يېقىنقى ئەھۋاللار توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

  «بۇ يىل قوي-كالىلارنى ئوبدان باقمىساق بولمايدۇ.» تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن، داۋۇت دادىسى مامۇت مەمەت بىلەن پاراڭلاشقاچ، قوي-كالىلارغا يەم-خەشەك تۆكۈپ بەردى.

  لى ۋېنشۈەن بۇ يىل 54 ياشتا بولۇپ، ئارال شەھىرىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سودىسى قىلاتتى، ئىزچىل باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئورۇن بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئويىنى قويۇپ تۇردى، 2020-يىلى 12-ئايدا، لى ۋېنشۈەن ۋىيشىن توپىدا بىر ئۇچۇر يوللىدى. «بۇ ھەمكارلىق ھەمراھى تېپىش توغرىسىدىكى ئۇچۇر ئىدى، ئۇنىڭدا يېتەرلىك ئورۇن بولۇش، بەلگىلىك باقمىچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇش، باقمىچىلىق كەسپىنى ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بار بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن داۋۇت مەن بىلەن ئالاقىلەشتى» دېدى لى ۋېنشۈەن.

  «ئائىلىمىزنىڭ 65 مو كېۋەزلىكى بار، كېۋەزلىكنىڭ يېنىدىكى قوتاندا ئون نەچچە قوي باقاتتۇق، مەن ئىزچىل باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلاپ كەلگەنىدىم.» بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن داۋۇت دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان سۆزلەپ، لى ۋېنشۈەننى ئۆيىدە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئارقىدىن، لى ۋېنشۈەن داۋۇتنىڭ ئۆيىگە كەلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى لى ۋېنشۈەننى قىزغىن كۈتۈۋالدى. «مەن داۋۇت بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى ھېس قىلدىم، يېشىم ئۇنىڭدىن چوڭ بولغاچقا، ئاكا-ئۇكا بولۇشتۇق، ئىنىمنىڭ ئائىلىسىنىڭ باقمىچىلىق شارائىتى ياخشى ئىكەن، بۇ ئىشنى قىلساق بولىدىكەن» دېدى لى ۋېنشۈەن.

  لى ۋېنشۈەن بىلەن داۋۇت باقمىچىلىقتا تەدرىجىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بارلىق مەبلەغ، خىراجەتنى لى ۋېنشۈەن چىقىرىدىغان، داۋۇت بىر ئائىلە كىشىلىرى يەم-خەشەك سېتىۋېلىش ۋە قوي-كالىلارنى بېقىشقا مەسئۇل بولىدىغان، تاپقان پۇلنى تەڭ بۆلۈشىدىغان بولدى.

  لى ۋېنشۈەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىرنەچچە قېتىم ۋىيشىندا ھېسابات يۆتكەش شەكلىدە داۋۇتقا 200 مىڭ يۈەن باقمىچىلىق مەبلىغى ئەۋەتىپ بەردى، داۋۇت بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ پۇلغا 12 تۇياق كالا ۋە 30 نەچچە قوي سېتىۋالدى، ئۇنىڭغا داۋۇتنىڭ ئائىلىسىدىكى ئون نەچچە قوي قوشۇلۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسى كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندى.

  بىر قېتىم، بىر ساغلىق ئىككىنى قوزىلاپ، بۇنىڭ بىرى ئۆلۈپ قالدى. «ئەسلىدە قوزا ئۆلۈپ قالدى، لى ئاكام مېنى ئەيىبلەيدىغان بولدى، دەپ ئويلىغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ خەۋپ-خەتەرنى كۆپچىلىك تەڭ ئۈستىمىزگە ئالىمىز، دېدى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم ھەم خاتىرجەم بولدۇم» دېدى داۋۇت.

  لى ۋېنشۈەننىڭ ياردىمىدە، داۋۇتنىڭ ئائىلىسىدىكى قوي-كالىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بېيىش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. «دۆلەت تۈرلۈك ياخشى سىياسەتلەرنى چىقاردى، يەنە لى ئاكام بىلەن ھەمكارلىشىپ باقمىچىلىق قىلغاچقا، بۇ يىللىق كىرىمىمىز ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن چوقۇم ئېشىپ كېتىدۇ، مەن چوقۇم باقمىچىلىقنى ياخشى قىلىپ، كۆپ پۇل تېپىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن» دېدى داۋۇت.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەمەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش